چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2026-08-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن گېرىننىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى، جۇڭگو شىنجاڭ − ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك تېز يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى روشەن ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئىچىدە، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. بىز ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا خەلق ئىچى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۆۋرۈك سېلىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پۇتبولنى ۋاسىتە قىلىپ دوست بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياشلىق كۈچى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گېرىن ۋە ئامېرىكا تەرەپ تىرېنېرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق ياشنى شىنجاڭنى تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قەيسەر قېيۇم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.