چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-08-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا كېلىپ، ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلەشكەن نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەم كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

G3033كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۈرى دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئاساسىي لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى مۇقىم تېزلىتىلىۋاتىدۇ. 1 - بۆلەكتىكى شىنلۇڭكوۋ تونېلىنىڭ تونېلغا كىرىش ئېغىزىدا، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، يىللىق سېلىنما ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى كۈچەيتىپ، چاڭ - توزاننى تۈزەش، يانتۇلۇقنىڭ يېشىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇش بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ماسلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنى نۇقتىلىق تۈرلەرنى يېتەكچى قىلىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا يېڭىلاش بىلەن مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپى بازىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

مايتاغ - كۇچا تاشيولى چوڭ لاگېرىدا، ئەركىن تۇنىياز مەدەنىيەت - سودا - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ساياھەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مايتاغ - كۇچا تاشيولىIPنام كارتىسىنى تونۇتۇشنى چۆرىدەپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» زەنجىرىنى تولۇقلاش كېرەك. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن مېتېئورولوگىيە، خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، يىراق - يېقىندىكىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنبېي رايونى كوچا باشقارمىسى 18 - مەھەللىسىگە كېلىپ، تەۋەلىكنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش، دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى كۈچەپ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەھەللىنى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دىققەتنى ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

جاڭ يىڭچۇن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.