شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

2026-09-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋ يىدې، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، شىڭ شەنپىڭ، ۋاڭ لىن پائالىيەتكە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ يىدې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شىڭ شەنپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش نامايان قىلىندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەنشى ئۆلكىسىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچىنى زورايتىپ، شىنجاڭ - شەنشى ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 - شى شۇاڭخې شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇدۇللىشىشى ۋە تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىدۇ؛ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ؛ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە پورت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى بازارلارنى ئورتاق ئاچىدۇ؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا مائارىپ، داۋالاش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

جاۋ يىدې شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەنشىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر قېتىملىق شەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شەنشى يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز. جاۋ يىدې مۇنداق كۆرسەتتى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 5 - شى شۇاڭخې شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەنشىگە بېكىتىپ بەرگەن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە دەۋر بۇرچى، بىز باشتىن - ئاخىر «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىمىز. شەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭ ۋە شەنشىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم شەنشى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، شەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئالاتاۋ پورتى، يېزا ئىگىلىك بازىسى، تارىخىي مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى؛ ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، شامال ئېلېكتىر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى جاينىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شەنشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ شىڭنىڭ، خاۋ خۇيجيې، ۋاڭ خەيپېڭ، لى جۈن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ جيەنمىڭ، ۋەن پىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.