چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا بىلەن كۆرۈشتى

2026-09-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن تاجىكىستاننىڭ 1 - مۇئاۋىن زۇڭلىسى خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ ليېخۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن خولىكزودا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ راخماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، قوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا باستى، دىنلار ئېجىل، رايىش بولدى، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئاساسى چوڭقۇر، نەتىجىلىرى مول، بىز تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە بايلىقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «رەقەملىك يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، مائارىپ، داۋالاش، چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

خولىكزودا مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشىدا، تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭ تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى داۋامىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاجىكىستان بىلەن شىنجاڭنىڭ سودىسىدا ئېشىش ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنىڭ كېڭىيىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق شەكلىنى كېڭەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى - سودا، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يېڭى قاتلامغا كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، رەقەملىك تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشكەن لىنىيە قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ۋە ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.