ئەركىن تۇنىياز بېيجىڭ داشۆنىڭ «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2026-09-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن بېيجىڭ داشۆنىڭ «شەرق ئوقۇش مۇكاپاتى» دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم ۋەكىللەر ئۆمىكىگە شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق ۋە مۇقىم بولدى، ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. گۈزەل شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر دۇنياغا كەڭ ئېچىۋېتىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېيجىڭ داشۆنىڭ ئالاقىدار رەھبىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

تانزانىيە، پېرۇ، لائوس، پاكىستان، مالاۋى، مالدىۋې، لىبېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، كۆرگەنلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مائارىپ ئىشلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، دوستانە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش يېڭى كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، بىر - بىرىمىز بىلەن بولغان دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.