چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە بازار تەمىناتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى
خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق ۋە ئىللىق، خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ۋاڭ لىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، بازار تەمىناتى، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن بازىرىغا كېلىپ سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مال كىرگۈزۈش يوللىرى، سېتىلىش مىقدارى ۋە باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، بازار تەمىناتى، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق ۋە ئىللىق، خۇشال - خۇرام بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىگە كېلىپ، بايراملىق نۆۋەتچىلىك - ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىقى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ۋاقتى ئۇزاق، كىشىلەر ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى زور، تۈرلۈك پائالىيەتلەر زىچ بولۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى بولغان جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ تەمىنلەپ، تىنچ - ئامان، ئىناق بولغان جەمئىيەت مۇھىتى ۋە بايرام كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كەڭ ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر - جەڭچىلىرىگە بايراملىق سالام يوللىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى پۇقرالارغا يېقىن، مۇناسىۋىتى قويۇق، كۆپچىلىكنىڭ خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى ۋە خاتىرجەملىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز بايراملىق بازار تەمىناتى ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇلار ئۈرۈمچى بېييۈەنچۇن بازىرىغا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە تەكشۈردى. بازاردا، تۈرلۈك مال زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، سېتىش - سېتىۋېلىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. چېن شياۋجياڭ سودىگەرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مال كىرگۈزۈش يوللىرى، سېتىلىش مىقدارى ۋە باھا قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارغا قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، كۆڭۈللۈك ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بايراملىق ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك، بازار تەمىناتىنى كۈچەپ بېيىتىپ، باھانى كۆزىتىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقرالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جۇڭۋەن كوچىسىدا ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن سودا پىيادىلەر كوچىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز تۈر نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش پىلانلاش ۋە قۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، بىرىنچى سەپتىكى قۇرۇلۇشچىلارنى يوقلىدى. چېن شياۋجياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆلچىمىنى قاتتىق ساقلاپ، تۈرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر كەسىپ ھالىتى ۋە ئىستېمال ھالىتىنى بېيىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى تاپىلىدى.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭى بولۇش، ئەلا بولۇش، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى تىنچ - ئامان، خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، پەن شى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.