ئەركىن تۇنىياز خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەربىر ئىشنى ياخشى بېجىرىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بازار تەمىناتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەربىر ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا، ئەركىن تۇنىياز مەركىزىي ئاقىل يېتەكلەش سۇپىسى، كۆچمەس مۈلۈك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالى، كارخانىلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەت زالى، 12345 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى مەركىزى قاتارلىقلارغا كىرىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» خىزمەت ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، خىزمەتچى خادىملار، ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىش تۈرى، ئىش بېجىرىش تەرتىپى، ئىش بېجىرىش تەسىراتىنى ھەم تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تورغا چىقىرىلغان ئىش تۈرلىرىنى دائىملىق ئىزلاپ كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باھالاپ، تېخىمۇ كۆپ «ھەربىر ئىش»نى ياخشى بېجىرىش، بېجىرگىلى بولۇش، ئاسان بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرما قىلغان «ساۋما قىلىپ كارخانىلارغا كىرىش» قاتارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش - يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرگۈچى خادىملارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ۋە ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى پىششىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىش بېجىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى كۆپلىگەن تۈر نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى، ئۆي سېتىۋالغان ئاھالىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، تۈرنى تاپشۇرۇش سۈرئىتى، ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، تەۋەلىك، كەسپىي تارماق ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئۆينىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، سېتىش باھاسى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى؛ چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە كىرىپ، تىجارەت ھالىتى ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق ئىستېمال ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان، سۈپەتلىك بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ياخشى بايرام كەيپىياتى يارىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇنلاردا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم سەپەرگە چىقىش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، تىنچ - ئامان بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.