ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قايتا ئۆگىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قايتا ئۆگىنىلدى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلۈپ، قايتا ئۆگىنىش، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆلچەم بويىچە قايتا توغرىلىنىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ زور سىياسىي ئەھمىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، رېئال ئەھمىيىتى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇھىم بېغىشلىما ھەدىيە قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى، تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇرغۇغان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشتىكى قەتئىي ئېتىقادقا ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق، ئىناق - مۇقىم ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت ۋە ئامىل تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق»نى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كۆرۈنۈشلۈك قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
يىغىندا جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت بازىرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بايراملىق بازارنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.