خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

2026-09-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

گۇەن جىئوۋ، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خۇبىي ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئىككى جاينىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىگە تۈرتكە بولدى. خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۇەن جىئوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خۇبىي ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن خۇبېينىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى گەۋدىلەندۈردى. خۇبېي ئۆلكىسى ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇبېينىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن خۇبېينىڭ ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. ئىككى جاينىڭ ئارىلىشش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ زامانىۋى خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ سودا ئەشيا ئوبوروت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازىرىنى ئاچىدۇ؛ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادەتنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلدۇرىدۇ.

گۇەن جىئوۋ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خۇبېينىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. خۇبېي شىنجاڭنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن تەرەققىي قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىلغار ئىدىيەسى، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەش، توسۇقنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى، جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىشتىن ئىبارەت كۈرەش قىلىش روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەۋقەنى خۇبېي ۋە شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ماس، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل كۈچەيتىمىز؛ تۇغقانلىشىش - قوشماقلىشىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خۇبېينىڭ تېخىمۇ زور كۈچىنى قوشىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ ۋە خۇبېينىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم خۇبېي بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، خۇبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، زاۋۇت، كارخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، تارىخىي مەدەنىيەت مەيدان - سارىيى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ھال سورىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن خې لياڭجۈن، خۇ يابو، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، لى گاڭ، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.