ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-09-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، يېڭى ھالەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ئۆي قالدۇقىنى تۈگىتىشنى تېزلىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى مەركەزلىك يولغا قويۇلۇۋاتقان، پايدا تېز سۈرئەتتە جانلاندۇرۇلغان كۆزنەك مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئىستېمال تەمىناتىنى بېيىتىش، ئىستېمال ھالىتى بەرپا قىلىش، «سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق»نى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بىر تۈركۈم تۈر، پائالىيەت، قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خاس ساياھەت تۇرالغۇسى مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «قاتناش + ساياھەت»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، چېگرادىن كىرىپ ئىستېمال قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئويۇن قويۇش مۇلازىمەت بازىرىنى زورايتىش، خاس، ئېسىل مۇسابىقە ماركىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تور ئۈن - سىن مۇلازىمىتىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىش، كەيپىياتنى ھېس قىلىش شەكلىدىكى مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، «24 سائەتلىك ئىستېمال ئېكولوگىيە چەمبىرىكى» بەرپا قىلىش كېرەك. يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئاساسنى سىجىل پۇختىلاپ، ھېسابلاش كۈچى تورى، سانلىق مەلۇمات بايلىقى، ئۆلچەم، قائىدە قاتارلىق ئۇل قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»، «ساۋما قىلىپ كارخانىلارغا كىرىش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي ئىشلار «بىر تور» «بىر بۇلۇت»ىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىشلارنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يېڭى ھالەتنىڭ كۆلەملىشىپ ئەمەلىيلىشىشىنى مۇقىم، ئىشەنچلىك رەقەملەشتۈرۈش تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، بىيوتېخنىكا، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم يېڭى مۇسابىقە يولى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق، قاتناش - تىرانسپورت، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ ھالىتى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى بەرپا قىلىش كېرەك. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ياشانغانلارنى كۈتۈش - مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆي - زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى جانلاندۇرۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى دەل جايىدا تارقىتىپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، تاۋار ئۆي ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالماشتۇرغان تۇرالغۇ ئۆيگە قەرز پۇل ئۆسۈم ياردىمى بېرىشنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىپ، باج - ھەق ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يەر ئىشلىتىش، مەبلەغ، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تېببىي دورا مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فوندنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىدە «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»كە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.