پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

2026-11-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن ئوبلاستىدا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن تۇنىياز بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يۈزلىنىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئەركىن تۇنىياز لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيە تارىخىدا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشىنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى، ئومۇمىي تەلىپى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىپ، قەتئىي ئېغىشماي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، قاتلامغا ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، قەلبلەرنى مۇجەسسەملىشىگە، قەلبلەرنى روھلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايىنغولىن ئوبلاستى مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك. كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، تىرەك نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

لېكسىيە يىغىنىدىن ئىلگىرى، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى مايتاغ نېفىت خىمىيە شىركىتى تارىم نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتى، كورلا شەھىرى جىنسەنجياۋ سودا چەمبىرىكى ساقچى ـ كارخانا مۇلازىمەت پونكىتىغا بېرىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى.

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا تېخنىكوملار، كارخانىلار، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى.