چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى جاسارەت بىلەن قۇرۇش كېرەك

11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىگە بېرىپ، مەركەزنىڭ يۈرۈشۈش ۋە كۆزنەك مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسپىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قاتتىق ئىنتىزام، ئەمەلىي ئىستىل، پاك پەزىلەت ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى جاسارەت بىلەن قۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىگە بېرىپ، مەركەزنىڭ يۈرۈشۈش ۋە كۆزنەك مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسپىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 5 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسىي فۇنكسىيە ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «تاتۇڭبەن» سۇپىسىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ھارارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئامما ۋە كارخانىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك.
شىنجاڭ باقتۇ پورتى باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى بۇ يىل 6 ـ ئايدا تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى + بىر رايون، ئىككى باغچە» باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. چېن شياۋجياڭ بۇ جايغا بېرىپ، باغچە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئامباردا ساقلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، سىياسەت مۇلازىمىتى بىلەن كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يادرولۇق فۇنكسىيەنى كۈچەيتىپ، پورت بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تاپىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، چېگرا ساقچىخانىسىغا بېرىپ ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى، كۆپچىلىكنى چېگرادا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەشكە ئىلھاملاندۇردى.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا پورتلىرىدا خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.