چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى
5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يۈزلىنىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىغا يۈزلىنىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
چېن شياۋجياڭ لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. چېن شياۋجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «قارار»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ مەخسۇس تېما بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش ۋە تولۇق قاپلىغان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ لېكسىيە سۆزلەش - تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەش قوشۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تۈرلۈك تاراتقۇ سۇپىلىرى ۋە ئاتلىق لېكسىيە سۆزلىگۈچى، پۇقرا تەشۋىقات ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 5 - ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، سىجىل تۈردە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
لېكسىيە يىغىنىدىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تارباغاتاي مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن 5 - ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمتۈرتكە بولدى.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى ھەم ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەكىللىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، تارباغاتايدىكى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋەكىللىرى، ۋىلايەتلىك لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ۋەكىللىرى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما، ئىلغارلار - نەمۇنىچىلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 2500دىن ئارتۇق كىشى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ئايرىم - ئايرىم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.