ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىللىق گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ش ھ ب [2008] 41 - نومۇرلۇق

2008-04-22 :ۋاقىت
مەنبە:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى

ش ھ ب [2008] 41 - نومۇرلۇق



ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىللىق
گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش
لايىھىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىللىق گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھىسى» گە قوشۇلدى، ئۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىڭلار ۋە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

2008 - يىل 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىللىق گېئو
ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھىسى

(ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى 2008 - يىل مارت)

1. 2007 - يىلدىكى گېئو ئاپەت ئەھۋالى ۋە گېئو ئاپەت ئالدىن مەلۇماتىغا باھا
1) 2007 - يىلدىكى گېئو ئاپەت ئەھۋالى
  2007 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە گېئو ئاپەت جەمئىي 30 قېتىم يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش 4 قېتىم، سىيرىلىپ چۈشۈش 12 قېتىم، لاي - شېغىل ئېقىنى 9 قېتىم، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئاپىتى 7 قېتىم يۈز بەردى، ئاپەت سەۋەبىدىن 9 ئادەم قازا قىلدى، 2 ئادەم يوقاپ كەتتى، 9 ئادەم يارىلاندى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 3 مىليون 96 مىڭ 409 يۈەنگە يەتتى. 2006 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، گېئو ئاپەت قېتىم سانى 16 قېتىم ئازايدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليون 629 مىڭ 591 يۈەن ئازايدى (2006 - يىلى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليون 726 مىڭ يۈەن بولغانىدى)، گېئو ئاپەت يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان زور دەرىجىدە ئازايدى، لېكىن ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش خېلى كۆپەيدى (2006 - يىلى ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى).
2) 2007 - يىلدىكى گېئو ئاپەت ئالدىن مەلۇماتىغا باھا
  2007 - يىلى ئىلى ۋادىسى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن گېئو ئاپەتنىڭ � ئىدىن كۆپرەكى گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھىسىدە مۆلچەرلەنگەن ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايون (بۆلەك) ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئالدىن مەلۇمات بېرىش توغرىلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بولغان.
2. 2008 - يىلدىكى گېئو ئاپەت يۈزلىنىشىدىن ئالدىن مەلۇمات
  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 - يىلدىكى ھۆل - يېغىن، يەر تەۋرەش ۋە كەلكۈن يۈز بېرىش يۈزلىنىشى، شۇنىڭدەك 2007 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن گېئو ئاپەت ئەھۋالى تەھلىلىگە ئاساسەن، 2008 - يىلى گېئو ئاپەت تۆۋەندىكى رايونلاردا يۈز بېرىشى مۇمكىن:
1) ئىلى ۋادىسى
  2008 - يىللىق ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا بۇ رايوندا يىغىندى قار ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە 30 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قار - مۇز ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ رايوننىڭ بىردەم ئۆرلەپ - بىردەم پەسەيگەن نورمالسىز ھاۋارايى ئاسان قار - مۇزنىڭ ئېرىپ كەلكۈن كېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدۇ، شۇڭا، بۇ رايون گېئو ئاپەت كۆپ، ئېغىر يۈز بېرىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون (بۆلەك) تۆۋەندىكىچە:
  توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق سېرىق توپىلىق يېتىلمە رايونلاردىكى مۇخۇر يېزىسى، تاشتۆپە يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىلىگداي جىلغىسى بۆلىكى، جىرغالاڭ يېزىسىنىڭ شەرقىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايونلاردىكى داغىنبەلنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، چوڭ - كىچىك مۇخۇر جىلغىسى، ئېربۇت جىلغىسى، غەربىي تاغلىق رايوندىكى ئىشىللىك ئېغىل جىلغىسى ۋە تاشتۆپە يېزىسى، لۇڭكۇ -- مۇخۇر يېزىسى تاشيولىنىڭ ئىككى يېقى، كالا فېرمىسى، دۆڭمەھەللە يېزىسى، تىكئېرىق يېزىسى، نەسىللىك ئۇرۇق يېتىلدۈرۈش مەيدانى، ياۋا ياڭاقزارلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، تاغلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە تاشيول، چارۋا يولى بويلىرى.
  كۈنەس ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى ئابرال تېغى، جەنۇبىدىكى ئىشچىلىق تېغى، نارات تېغىنىڭ ئوتتۇرا، پەس تاغلىق ئېدىرلىق  سېرىق توپىلىق يېتىلمە رايونلار. ئاساسلىقى شىمالىدىكى زېكتى بازىرى، تۈرگىن يېزىسى،  كەڭسۇ يېزىسى، ئارالتۆپە بازىرى، شەرقىدىكى نارات بازىرى، جەنۇبىدىكى قار بۇرا يېزىسى، تالدى بازىرى، ياۋا مېۋىزارلىق سورت ياخشىلاش مەيدانى، ئالمالى يېزىسى، بەشتۆپە يېزىسى، كۈنەس بازىرى، چاقپى دەرياسى ھاكتاش كان رايونى، تاغلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە تاشيول، چارۋا يولى بويلىرى.
  تېكەس ناھىيىسى تېكەس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار. ئاساسلىقى تېكەس دەرياسىنىڭ  شىمالىدىكى خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى، قارادالا يېزىسى، توسما چارۋىچىلىق مەيدانى، چىلئوزەك يېزىسى، تېكەس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چولاقتېرەك يېزىسى، كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى ۋە ئورتا مىس ئورمانچىلىق مەيدانى، قارادالا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ جەنۇبىدىكى يانتۇلۇق، تېكەس داۋىنى، ھەربىي ئات فېرمىسى بىلەن قاراتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشيول بۆلىكى،  سارقۇبۇ بىلەن مويىنتاي ئوتتۇرىسىدىكى جايلار، شۇنىڭدەك كۆكسۇ يېزىسى -- سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى بۆلىكى.
  نىلقا ناھىيىسى قاش دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار. ئاساسلىقى قاش دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى «315» ئۆلكە يولىنىڭ يانتۇلۇق بۆلىكى، جىرىنتاي سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، قۇجۇرتاي يېزىسى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى پونكىتى، كۆكخوتقۇر موڭغۇل يېزىسى، سۇپتاي يېزىسى، ياقا ئۇلاستاي يېزىسى، مىس يېزىسى، نىلقا ئۆزەن يېزىسى، ھەربىي ئات فېرمىسى ۋە 72 - تۇەن قېزىپ بولۇنغان كۆمۈركان رايونى، تاغلىق رايون ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە تاشيول، چارۋا يولى بويلىرى.
  موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايونلار. ئاساسلىقى ئۇزۇنبۇلاق يېزىسى، سارقۇبۇ يېزىسى، قاشاجار يېزىسى، موڭغۇلكۈرە بازىرى ۋە غۇلجا شەھىرى -- موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تاشيولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى.
  غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار. ئاساسلىقى بايانداي بازىرى، يېزا ئىگىلىك 4 - شىسى سانائەت - كان زاۋۇتىنىڭ شىمالىدىكى يانتۇلۇق، يېڭىيەر يېزىسىنىڭ نەنتەيزى جىلغىسى، تېچاڭگۇ جىلغىسى، قاراباستاۋ جىلغىسىنىڭ قېزىپ بولۇنغان كۆمۈركان رايونى.
  غۇلجا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايونلار. ئاساسلىقى ئەۋلىيا يېزىسى، مازار يېزىسى، قاراياغاچ يېزىسى ۋە قېزىپ بولۇنغان كان رايونى، ئاشى ئالتۇن كېنى ۋە كان رايونى تاشيولى.
  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايونىدىكى جاغىستاي يېزىسى، چوڭ بۇغرا يېزىسىنىڭ كىچىك بۇغرا جىلغىسى، كان يېزىسى سۇئاسۇ جىلغىسى، قۇغۇنچى يېزىسى، قاينۇق يېزىسى ۋە ئالمالى كان رايونى.
  قورغاس ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونىدىكى «312» دۆلەت يولىنىڭ  كەڭساي بۆلىكى،  لۇسىگۇڭ بازىرىنىڭ دادۇڭگۇ جىلغىسى بۆلىكى، داشىگۇ يېزىسى داشىگۇ جىلغىسى، ساربۇلاق يېزىسى كۆمۈركان رايونى قاتارلىق جايلار.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: توققۇزتارا، كۈنەس، نىلقا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرىدە سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاساس، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن  مۇداپىئەلىنىش قوشۇمچە قىلىنىدۇ. غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، غۇلجا شەھىرىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىش  ئاساس، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قوشۇمچە قىلىنىدۇ. قورغاس ناھىيىسىدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاساس، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىش قوشۇمچە قىلىنىدۇ.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىلىمات ئىللىق بولغاچقا، گېئو ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش مەزگىلى 2 - ئايغا سۈرۈلدى، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتى ئاساسلىقى 3 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بېرىدۇ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
2) تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جىڭ -- مورى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار
  بۇ رايوندا يىغىندى قار يىللاردىكى ئوتتۇرىچە يىغىندى قار چوڭقۇرلۇقىغا يېقىنلاشتى ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە 2008 - يىلى بۇ رايوندا ھۆل - يېغىن يەنىلا بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، قىسمەن دائىرىدىكى قارا يامغۇر كەلكۈنى ئاساسلىق ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايون گېئو ئاپەت كۆپ، ئېغىر يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايونلار يەنىلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار بولىدۇ، ئاساسلىقى بورتالا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى خارتۇراگ دەرياسى؛ جىڭ ناھىيىسىنىڭ داخېيەنزى بازىرى، تولى يېزىسى ئالتى داۋان، دوندۇجىڭ دەرياسىنىڭ خارىكىس، مانداىبۇلاق يېزىسى خېيشەنتۇ، «312» دۆلەت يولى ۋە تاغلىق كان رايونى، ئۇتجىڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى؛ شىخۇ شەھىرى بايىنغۇ چارۋىچىلىق مەيدانى، سالكىت چارۋىچىلىق مەيدانى، گۇرت چارۋىچىلىق مەيدانى، تابلىخات موڭغۇل يېزىسى، «217» دۆلەت يولى مايتاغ -- كۇچا تاشيولىنىڭ 571K  -- 662K بۆلىكى، كۇيتۇن دەرياسىنىڭ تاغ ئېغىزىدىن چىقىش بۆلىكى، چىگىشور دەرياسى 3 - ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، «101» ئۆلكە يولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى، شىخۇ بازىرى، بەيياڭگۇ بازىرى كۆمۈركان رايونى؛ ساۋەن ناھىيىسىنىڭ دوڭۋەن بازىرىدىكى ئۇداۋگۇ جىلغىسى، نيۇچۈەنزى چارۋىچىلىق مەيدانى ۋېيزىگۇ جىلغىسى، شىگوبى بازىرى نىڭجاخې دەرياسى ۋە ليۇشۇگۇ جىلغىسى، دۇڭداتاڭ ساياھەت رايونى ۋە نەنسەن كۆمۈركان رايونى؛ ماناس ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندىكى تاسىرقاي دەرياسى -- چىندىخوزا دەرياسى ۋە شىگۇ كۆمۈركان رايونى، جىمىسار ناھىيىسىنىڭ دايۇ يېزىسى، لاۋتەي يېزىسى؛ قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى ۋە تاغلىق رايوندىكى دۆلەت مۇداپىئە تاشيولى؛ سانجى شەھىرىنىڭ ئاشىلى قازاق يېزىسى، مىئېرگۇ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار؛ ئۈرۈمچى ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايوندىكى شياۋچۈزى يېزىسى، گەنگۇ يېزىسى، سارداۋان يېزىسى، بەنفاڭگۇ يېزىسى، يوڭفېڭ يېزىسى ۋە سارچۇقا چارۋىچىلىق مەيدانى، شۇيشىگۇ بازىرى (نەنسەن ساياھەت رايونى)، «312» دۆلەت يولىنىڭ خۇگۇ بۆلىكى، «216» دۆلەت يولى نەنتەيزى -- خۇشيا بۆلىكى، نەنسەن ئېۋىرغۇل ھاكتاش رايونى؛  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خېيجياسەن تېغى، يېڭىشەھەر رايونىدىكى ئۆمۈچۈك تاغ، ليۈسەن تېغىنىڭ يانتۇلۇق باغرى، داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگۇ يېزىسى، شىگۇ يېزىسى ۋە جەنۇبىدىكى پەس ئېدىرلىقتىكى قېزىپ بولۇنغان كۆمۈركان رايونى، مىچۈەن -- دۇڭسەن رايونى كۆمۈركان جايلاشقان رايونلار؛ فۇكاڭ شەھىرىنىڭ خۇائېرگۇ -- ئورمانچىلىق مەيدانى بۆلىكى، سەنگۇڭ يېزىسى سەنگۇڭ دەرياسى، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ۋە تاشيولى؛ گۇچۇڭ ناھىيىسى جىبكى بازىرى، دۇڭۋەن بازىرى، بەنجەگۇ بازىرى، بىلۇخې يېزىسى، چورىن قازاق يېزىسى، داچۈەن تاتار يېزىسى شاۋفاڭگۇ، ۋۇماچاڭ قازاق يېزىسى قاتارلىق جايلار؛ مورى ناھىيىسىنىڭ شىجىر بازىرى، دۇڭچېڭ بازىرى، ئىگىنبۇلاق يېزىسى، چوقبارتاش يېزىسى، دانەنگۇ ئۆزبىك يېزىسى، بوستان يېزىسى ۋە بەيياڭخې يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: دەريانىڭ تاغ ئېغىزى بۆلىكىدە سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە لاي - شېغىل ئېقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاساس، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشتىن مۇداپىئەلىنىش قوشۇمچە قىلىنىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى، كان رايونلىرىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش،  يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىش ئاساس قىلىنىدۇ.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈلىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان رايونلىرىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
3) تەڭرىتاغنىڭ  جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئۇلۇغچات -- ئاقسۇ -- كورلا پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار
  مۆلچەرلىنىشىچە 2008 - يىلى ھۆل - يېغىن مىقدارى سەل كۆپ بولىدۇ، قارا يامغۇر كەلكۈنى ئاساسلىق ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار بولىدۇ، ئاساسلىقى كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسى؛ ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئۇلۇغچات يېزىسى، تېرەك يېزىسى، جىغىن يېزىسى، بايقۇرۇت يېزىسى، ئوقسالۇر يېزىسى، بۆرىتوقاي يېزىسى، تۇيۇن يېزىسى ۋە «309»، «212» ئۆلكە يولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلەكلىرى؛ ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئاقچى بازىرى، ساپارباي يېزىسى، قارابولاق يېزىسى، قاراچى يېزىسى ۋە «306» ئۆلكە يولى تاغلىق  رايون بۆلىكى؛ ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى، ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى ۋە دەريالارنىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزى بۆلىكى؛ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ مۆلجەرتاغ تىك يان باغرى؛ كۇچا ناھىيىسىنىڭ ياقا بازىرى، «217» دۆلەت يولى تاغلىق رايون بۆلىكى، ساياھەت مەنزىرە رايونى تاشيولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى، تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق مەيدانى ئىستىراھەت كەنتى؛ باي ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى كان ئېچىش رايونلىرى ۋە كان تاشيولى بويلىرى؛ بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى دىنار دەرياسى، يېڭىسار جىلغىسى، تاغ مازار جىلغىسىدىكى كۆمۈركان ئېچىش رايونى، كان رايونى تاشيولى ۋە تاغلىق رايوندىكى چارۋا يوللىرى؛ خېجىڭ ناھىيىسى «216»، «217»، «218» دۆلەت يولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى، كىرئۇت يېزىسىدىكى 1 - نومۇرلۇق كۆۋرۈك، خۇاڭمياۋ تاشيولى قاتارلىق جايلار؛ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراتېغى كان ئېچىش رايونى؛ لوپنۇر ناھىيىسى ئۇلۇغكۆل تېغى كان رايونى تاشيولى؛ كورلا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دەريالارنىڭ تاغ ئېغىزى بۆلىكى، كان ئېچىش رايونى؛ خوشۇت ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندىكى نەرىنكېر يېزىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونى، ئۇششاقتال خۇيزۇ يېزىسىنىڭ مالەن سېمونت زاۋۇتى رايونى ۋە چىڭسۇيخې دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: دەريالارنىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىدا سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاساسلىقى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان ئېچىش رايونلىرىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
4) جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار
  بۇ رايوندا ھازىر يىغىندى قار ئازراق بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2008 - يىلى ياز پەسلىدە ھۆل - يېغىن بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، قارايامغۇر كەلكۈنى ئاساسلىق ئاپەت بولىدۇ. گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون (بۆلەك) تولى ناھىيىسىنىڭ تېچاڭگو -- قاراماي تاشيولى بويلىرى ۋە قېزىپ  بولۇنغان كۆمۈركان رايونى؛ دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ كۈرە كۆمۈركېنى قېزىپ بولۇنغان رايونى؛ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى قوشتولغاي كۆمۈركېنىنىڭ قېزىپ بولۇنغان كان رايونى؛ چۆچەك شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قاراڭگۈر دەرياسى، قارائېمىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنى.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: لاي - شېغىل ئېقىنىدىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولىدۇ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
5) كوئېنلۇن تېغىنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا، ئىگىز تاغلىق رايونلار
  بۇ رايوننىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى نورمالسىز بولۇپ، قارايامغۇر ۋە قار ئېرىشتىن پات - پات كەلكۈن كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، قارايامغۇر كەلكۈنى 2008 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇدا قاتتىق قار ياغقاچقا، قاتتىق يامغۇر ۋە ئېرىگەن قار سۈيى ئاساسلىق ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون (بۆلەك) تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ داتۇڭ يېزىسى، دەفتەر يېزىسى ۋە كان رايونى، بەلدىر يېزىسى، مارياڭ يېزىسى، قوغۇشلۇق يېزىسى -- داتۇڭ تاشيولى بۆلىكى، «314» دۆلەت يولىنىڭ كۆكيار - سۇ بېشى داۋىنى بۆلىكى، تۆۋەن بەلدىر سۇ ئامبىرى رايونى؛ قەشقەر شەھىرى تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغىقىدىكى سۈنئىي تەكشى بولمىغان قىيپاشلىق جەنۇبىي تەڭرىتاغ يولى 64 - قورۇدىن تارىم يولى، 11 - باشلانغۇچ مەكتەپكىچە بولغان جايلار؛ قاغلىق ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندىكى شىخشۇ يېزىسى، چىپان يېزىسى، كۆكيار يېزىسى، ئاقاز داۋىنى «219» دۆلەت يولىنىڭ 103 -- 109 كىلومېتىرلىق بۆلىكى،  ئۇششار باش بازىرى ئۇلۇغئۆستەك دەرياسىنىڭ 2 قىرغىقى؛ پوسكام ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى يەكەن دەرياسى تاغلىق رايونى بۆلىكى؛ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندىكى چارلۇڭ يېزىسى، تار تاجىك يېزىسى، ئاقتالا چارۋىچىلىق مەيدانى، قىزىلتو يېزىسى،  كوسراپ يېزىسى، مۇجى يېزىسى، بۇلۇڭكۆل يېزىسى ۋە «314» دۆلەت يولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى؛ يەكەن ناھىيىسى قوشىراپ يېزىسى، كاچۇڭ يېزىسى، گەز دەرياسى، تىزناپ دەرياسى، قىزىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى ئېقىنى.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ  چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى، يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: دەريالارنىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزى لاي - تاش ئېقىنى ئاپىتى ئاساسلىقى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يۈز بېرىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان ئېچىلغان رايونلاردا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
6) كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار
  بۇ رايوننىڭ ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن دائىرىلىك قارا يامغۇر ۋە قار ئېرىشتىن كەلكۈن دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. 2008 - يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون گۇما دەرياسى، سانجۇ دەرياسى، ۋاششەرى دەرياسى قاتارلىقلار دەريالارنىڭ تاغ ئېغىزى بۆلىكى، «315» دۆلەت يولىنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكى ۋە كان ئېچىلغان رايونلار بولىدۇ.
مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: دەريالارنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكىدىكى لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتى ئاساسلىقى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يۈز بېرىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان ئېچىلغان رايونلاردا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
7) ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق رايونلار
  بۇ رايوندا قىش پەسلىدە قار كۆپ ياغىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2008 - يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى قار ئېرىش، كەلكۈن مەزگىلىدىكى يامغۇر يېغىش ۋە تاغ كەلكۈنى قاتارلىقلار گېئو ئاپەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. گېئو ئاپەتتىن ئاساسلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون ئالتاي شەھىرىنىڭ جاڭجۈن جىلغىسى، ئۇلاستاي جىلغىسى، لوتوفېڭ چوققىسى؛ كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى يانتۇلۇق، ئۇچا جىلغىسى، قاراتۈڭكې جىلغىسى ۋە ئېرتىش دەرياسى مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى؛ قابا ناھىيىسىنىڭ كۈندۆڭتېغى شەرقىي بۆلىكىدىكى سىنتاس؛ جېمىنەي ناھىيىسى توپتېرەك يېزىسى، شالشىقاي يېزىسى؛ بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇر يېزىسى، قۇستىق يېزىسى، بۇرچىن ناھىيىسى -- قاناس دۆلەت گېئو باغچىسى تاغلىق رايونى تاشيول بۆلىكى؛ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىنىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى ساربۇلاقتىن قىزىلتاغ ئېغىزىغىچە بولغان تاشيول بۆلىكى؛ يېڭى، كونا جىنگۇ ۋە كان ئېچىلغان رايونلار؛ چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: دەريالارنىڭ تاغ ئېغىزى بۆلىكىدە لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتى ئاساسلىقى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يۈز بېرىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان ئېچىلغان رايونلاردا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
8) تۇرپان -- قۇمۇل ئويمانلىقى
  بۇ رايوندا ھۆل - يېغىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن يىغىندى قار يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى، شۇڭا ئەتىيازلىق ھۆل - يېغىن يىللاردىكىدىن كۆپ بولىدۇ، ئەتىياز پەسلىدە قار - مۇزلار ئېرىپ ئوڭايلا ئەتىيازلىق كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ. گېئو ئاپەتتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىدىغان رايون تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى جىلغىلارنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنى، يالقۇنتاغ رايونىدىكى تاشيول بويلىرى، گەنگو، چىچان، داخىيەندىكى كۆمۈركان ئېچىش رايونى؛ پىچان ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق جىلغىسى، كۆكيار جىلغىسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى چارۋا يولى، سىركىپ دەرياسى تاشيولىنىڭ يانتۇلۇق بۆلىكى، كەرچى جىلغىسى ۋە كۆمۈركان ئېچىش رايونى؛ توقسۇن ناھىيىسى «314» دۆلەت يولى گەنگۇ بۆلىكى، «312» دۆلەت يولى خۇگۇ بۆلىكى، «103» ئۆلكە يولى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق رايونى ۋە كۆجەي - بۇرجاي كۆمۈركان رايونى قاتارلىقلار؛ قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى دەۋەلدۈرۈك قازاق يېزىسى، سەنداۋلىك كۆمۈركان رايونى، «303» ئۆلكە يولى نارىن جىلغىسى بۆلىكى؛ بارىكۆل ناھىيىسىدىكى كۆمۈركان رايونى؛ ئاراتۈرۈك ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى يېڭى ياسالغان تاشيول، تۇخۇلۇ يېزىسىنىڭ دەركۈندە جىلغىسى قاتارلىق جايلار.
  مۇداپىئەلىنىدىغان ئاپەت تۈرى: گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى.
  مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى: دەريالارنىڭ تاغلىق رايون بۆلىكىدە لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتى ئاساسلىقى 6 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يۈز بېرىدۇ، قاتناش لىنىيىلىرى ۋە كان ئېچىلغان رايونلاردا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش ئاپىتىنىڭ يىل بويى يېز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.
3. 2008 - يىلدىكى مۇھىم گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى (بۆلەكلىرى) ۋە مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش تەدبىرى
1) كۈنەس ناھىيىسىنىڭ زېكتىسايدا سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى دۆۋلىنىشتىن شەكىللەنگەن تورالما كۆل تۆۋەن ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان زېكتى بازىرى ئاھالىسىنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالماقتا.
2) كۈنەس ناھىيىسى بەشتۆپە بازىرى چاقپى دەرياسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
3) كۈنەس ناھىيىسى ئارالتۆپە يېزىسى قاراغايلىسۇ تۇرقورغانسايدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەر نۇقتىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
4) توققۇزتارا ناھىيىسى جىرغالاڭ يېزىسى قاراتۇمسىق كەنتى -- چاشى دەريا ئېغىزى جىلغىسىدىكى سىيرىلىپ  چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
5) توققۇزتارا ناھىيىسى مۇخۇر يېزىسى كۆكتال كەنتىدىكى يوشۇرۇن سىيرىلىپ چۈشۈش يەر بۆلىكى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ  ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
6) توققۇزتارا ناھىيىسى مۇخۇر يېزىسى ئارال كەنتى كىچىك مۇخۇر جىلغىسىدىكى يوشۇرۇن سىيرىلىپ چۈشۈش بۆلىكى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
7) توققۇزتارا ناھىيىسى دۆڭمەھەللە يېزىسى كىرسىنبۇلاق كەنتىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
8) نىلقا ناھىيىسى ياقائۇلاستاي يېزىسىنىڭ كۆلقورا جىلغىسىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
9) نىلقا ناھىيىسى سۇپتاي يېزىسى بوربوسۇن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ جەنۇبىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى.
10) تېكەس ناھىيىسى چىلئۆزەك يېزىسى مىس جىلغىسى چارۋىچىلىق كەنتىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
11) قورغاس ناھىيىسى كەڭساي يول بۆلىكى «312» دۆلەت يولىنىڭ 100 4740 K دىن 500 4767 K گىچە بولغا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سىيرىلىپ چۈشۈش ۋە لاي - شېغىل ئېقىنى كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلار.
12) شىخو شەھىرى چىگشور دەرياسى 3 - ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا جىلغىسى بۆلىكىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى تۆۋەن ئېقىندىكى ئاھالە ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
  يۇقىرىقى گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى (بۆلەكلىرى) دىكى ئاساسلىق مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش تەدبىرى: كۆچۈرۈشكە تېگىشلىك دېھقان - چارۋىچىلارنى قەتئىي كۆچۈرۈش، بىر ئادەمنىڭمۇ قېپقالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى ئاپەت نۇقتىلىرىغا كۆزىتىش بەلگىسى ئورنىتىش، ھەر بىر يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسىنى قەرەللىك كۆزىتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال ۋە مەلۇمات بېرىپ، كوللېكتىپ ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ناۋادا سىيرىلىپ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، توپلىنىپ قالغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا تازىلاپ، سۇنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، دەريا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ زور لاي - شېغىل ئېقىنى ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. كەلكۈندىن بۇرۇن چارلاش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلارنىڭ قايتا كۆچۈپ كېلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
13) ماناس ناھىيىسى ماناس دەرياسى كېنسىۋات گېدرو ئىستانسىسىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش، لاي - شېغىل ئېقىنى يوشۇرۇن خەۋپ بۆلىكى ئاياغ تەرەپتىكى ۋە جىلغا ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
14) قۇتۇبى ناھىيىسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى دۇڭگۇ كەنتىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى ئاياغ تەرەپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەمدە كان رايونىدىكى تاشيول قاتنىشىغا تەھدىت سالماقتا.
15) سانجى شەھىرى مياۋئېرگۇ يېزىسى چۈەنجۇ مەكتىپىدىكى سىيرىلىپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
16) ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايونى قىزىلتاغ تۇمشۇقىدىكى غۇلاپ چۈشۈش يوشۇرۇن خەۋپى. بۇ تىك يار ھەرىكەتچان تۈزۈلمە يېرىق بەلۋېغىغا جايلاشقان، بوغۇملۇق يېرىق پەيدا بولغان، تاغ جىنىسلىرى تۇراقسىز ھالەتتە تۇرماقتا، بۇ تاغ ئۈستى ۋە ئاستىدىكى ساياھەتچىلەرگە ۋە ساي يولىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
17) ئالتاي شەھىرى جاڭجۈن جىلغىسىدىكى لاي - شېغىل ئېقىنى خەۋپى شەھەر رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت سالماقتا.
18) جىمىسار ناھىيىسى دايۇ يېزىسى چۈەنشۇيدى يۇقىرىقى كەنتىدىكى لاي - شېغىل ئېقىنى يوشۇرۇن خەۋپى جىلغا ئېغىزىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا.
19) ئۇلۇغچات ناھىيىسى توپا پورتى توپا يول ئاسراش داۋبەنىنىڭ يۇقىرىسى ۋە چاكىز دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، پورتنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى چوڭ تىپتىكى ئازگال پورتقا ئۇدۇل توغرا كېلىدۇ، كەلكۈننىڭ لاي - شېغىل ئېقىنى كەلتۈرۈش خەۋپى بار.
20) قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي تەڭرىتاغ يولى 64 - قورۇدىن تارىم يولى، 11 - باشلانغۇچ مەكتەپكىچە بولغان جايلاردا يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانماقتا.
  يۇقىرىقى گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى (بۆلەكلىرى) دىكى مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش تەدبىرى: ۋاقتىدا كۆچۈرۈش ۋە چەتنىتىش كېرەك، كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى (بۆلەكلىرى) دىكى تاغ يېرىقى ئەھۋالى، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدارىنى قەرەللىك كۆزىتىپ، يامغۇر پەسلىدە كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن (سىگنال) ۋە مەلۇمات بېرىپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
  يۇقىرىقى 20 ئورۇندىكى زور گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسىدا (بۆلىكىدە) نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرگەندىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر) لەر ئۆز جايىنىڭ گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھىسىدىكى ھەر بىر يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرىغا قارىتىلغان كونكرېت تەلەپكە ئاساسەن، مۇداپىئەلىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى بىرمۇ بىر يولغا قويۇشى كېرەك.
4. گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەلىپى ۋە تەدبىرى
1) تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك
  2007 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2008 - يىلنىڭ بېشىغىچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى يىغىندى قار يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە قىممەتتىن تۆۋەن بولدى، لېكىن ئىلى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا توختىماي قار يېغىپ، 30 يىلدا ئاز كۆرۈلىدىغان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار - مۇز ئاپىتى يۈز بەردى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى نورمالسىز بولدى، چېكىدىن ئاشقان ھاۋارايى كۆپەيدى، شۇڭا، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىش، چەتنىتىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش» پرىنسىپى بويىچە، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تىزگىنلەش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
2) گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يىللىق لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى زېمىن بايلىقى، قۇرۇلۇش، سۇچىلىق، قاتناش تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆز جايىدىكى گېئو ئاپەت يېتىلمە رايونلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى ۋە ھۆل - يېغىن، كەلكۈن، يەر تەۋرەش يۈزلىنىشىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسەن، ئۆز جايىدىكى نۇقتىلىق گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشى، خەتەر مۆلچىرى، نۇقتىلىق مۇداپىئە كۆرۈش مەزگىلى، ئادەملەرنى خەتەردىن چەتنىتىپ كۆچۈرۈش لىنىيىىسى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ۋە كۆزىتىش - ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل ئادەم قاتارلىقلارنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ «گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى» (گوۋۇيۈەننىڭ 394 - نومۇرلۇق پەرمانى) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىللىق لايىھىسىنى ۋاقتىدا تۈزىشى كېرەك. زور گېئو ئاپەتنىڭ تەھدىتى سەۋەبىدىن كۆچۈرۈش ياكى چەتنىتىشكە جىددىي زۆرۈر بولغاندا، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا يولغا قويۇشى كېرەك. ئاپەت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭراق بولغان گېئو ئاپەتلەرنى ئالدىن كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەش كېرەك.
3) گېئو ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپىي گېئو ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسىنى قۇرۇپ، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، گېئو ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، گېئو ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئازايتىشى كېرەك.
4) ئاممىۋى گېئو ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تور سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ گېئو ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلاردىكى ناھىيىلىك (شەھەرلىك)، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى «ئاممىۋى كۆزىتىش ۋە مۇداپىئەلىنىش» تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، گېئو ئاپەتنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ناھىيە، يېزا (بازار)، كەنت مەسئۇللىرىغىچە ۋە قاتناش لىنىيىسى بويلىرىدىكى يول ئاسراش ئىشچىلىرى، سۇچىلىق تارماقلىرىدىكى دەريا - ئېقىن ۋە سۇ ئامبىرىنى كۆزىتىش خادىملىرى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋە مەنزىرە رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
5) تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىق - تەربىيىسىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مۇھىم گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىلىرى ۋە گېئو ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان جايلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك. گېئو ئاپەتنىڭ تەھدىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرايدىغان ناھىيە (شەھەر) لەر ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى دەرىجىمۇ دەرىجە ئورنىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى يېزا، بازار، كەنت ياكى ئورۇنلارغىچە قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە ئالاقىدار خادىملارنى چوقۇم تەربىيىلىشى كېرەك.
6) مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى، مېتېئورولوگىيە، قۇرۇلۇش، سۇچىلىق، قاتناش، تۆمۈريول، ساياھەت، چارۋىچىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆز جايىنىڭ گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لايىھىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئورتاق چارلاپ ۋە تەكشۈرۈپ، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلار، قاتناش لىنىيىلىرى، داڭلىق مەنزىرە ساياھەت رايونلىرىنىڭ گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ۋاقتىدا كۆزىتىشى، ئۇنىڭدىن ئالدىن سىگنال ۋە مەلۇمات بېرىشى؛ قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، گېئو ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى كۈلكۈن مەزگىلىدىكى گېئو ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات ۋە سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى رادىئو، گېزىت، ئىنتېرنېت ۋە يانفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەلكۈن مەزگىلىدىكى گېئو ئاپەت ئالدىن سىگنالى ۋە ئالدىن مەلۇماتىنى ۋاقتىدا تارقىتىشى، تېلېۋىزىيىدە بالدۇرراق كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، گېئو ئاپەتنى كۆزىتىش ماتېرىيالىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى كېرەك.
7) گېئو ئاپەتكە دائىر خەتەرلىك ئەھۋاللارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، جىددىي ئىش تەكشۈرۈش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تېز مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك
  ھەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ «گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» (گوۋۇيۈەننىڭ 394 - نومۇرلۇق پەرمانى) ۋە زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ «كەلكۈن مەزگىلىدىكى گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش» (د ز ب [1998] 15 - نومۇرلۇق) ئىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، گېئو ئاپەتكە دائىر كەلكۈن مەزگىلىدىن بۇرۇن ۋە كەلكۈن مەزگىلىدە چارلاپ تەكشۈرۈش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تېز مەلۇم قىلىش تۈزۈملىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئىجرا قىلىشى لازىم. ناۋادا ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم. قۇرۇلۇش، سۇچىلىق، قاتناش، ساياھەت تارماقلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدە يۈز بەرگەن گېئو ئاپەت ئەھۋالىدىن زېمىن بايلىقى تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

قوشۇمچىسى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېئو ئاپەتنى تېز مەلۇم قىلىشتا ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلار ۋە مەسئۇللىرىنىڭ ئىسىملىكى