ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2019)

2020-04-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا بېرىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى  شۆھرەت زاكىر

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2019-يىلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019-يىل، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ پۇختا، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدۇق، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئورۇندىلىشى مۆلچەرىمىزدىكىدەك بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق.

ـــ مۇقىملىقنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات – تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت ھازىرلىدۇق. مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تولۇق قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكتە تېز ئېشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى تۇنجى قېتىم  200 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ، 209 مىليون ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 345 مىليارد 265 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪ 41.6 ۋە ٪40.4 ئاشتى.

ـــ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۆلچەرىمىزچە، پۈتۈن بىر يىلدا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 378 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ٪6 ئەتراپىدا ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 27.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرىلىدى، كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىلگەن، ھەق تۆۋەنلىتىلگەن ئەھۋالدا، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 157 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ٪3 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %6 ئەتراپىدا ئاشتى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ٪30 ئەتراپىدا ئاشتى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى، تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪7 ۋە ٪22.1 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ٪3.5 بولدى، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ٪3 ئىچىدە تىزگىنلەندى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى.

ـــ كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلدى. ئاشلىق، پاختا، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋەكىللىكىدىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندى. سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى، گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەر، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪8.4 ۋە ٪11.4 ئېشىپ، ئادەتتىكى سانائەتنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا ئەشيا ئوبوروتى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى، 3-كەسىپنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ٪63.3 كە يەتتى.

ـــ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. 2019–يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرزى بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن قەرزنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق. پۇل مۇئامىلىسىدە سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، مۆلچەرىمىزچە، 645 مىڭ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق، 976 كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈردۇق، 12 ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدۇق، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكى ٪ 6.1 تىن ٪1.2 كە چۈشتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى، دەريا–ئېقىنلارنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ناچار V تۈردىكى سۇ نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئىنت ئازايدى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى سىجىل تۆۋەنلىدى.

ــــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەت مۈلكى-دۆلەت كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنىڭ قولايلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

ـــ تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىپ، ھەق تۆۋەنلىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرى ئۈچۈن 26 مىليارد 290 مىليون يۈەن باج-ھەقنى كېمەيتتۇق ۋە كەچۈرۈم قىلدۇق، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنما تۈرلىرىدە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ %11.3 ئاشتى، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 38 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى سالمىقى %36.2 نى ئىگىلىدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.3 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى ئوتتۇراھال كارخانىلار، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪ 14.3 ۋە ٪10.7 ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 863 مىڭغا يېتىپ، ٪26 ئاشتى.

ـــ خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. مالىيە خامچوتىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق، مۆلچەرىمىزچە، شەھەر-بازارلاردا 480 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 860 مىڭ ئادەم/قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 4 مىليون 194 مىڭ 600 ئادەم شەخس تاپاۋەت بېجىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان خىراجەتنى ۋە باج نىسبىتىنى تەڭشەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، 866 مىڭ 900 ئادەم شەخس تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس قوشۇمچىسىنى چىقىرىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪ 5.5 ئەتراپىدا، ٪9 ئەتراپىدا ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى!

بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

1) ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى كۈچەپ ساقلىدۇق

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردۇق. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت مۇھىتىنى ساپلاشتۇردۇق. جەمئىيەت باشقۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردۇق. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرى-تۆۋەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، تۈرلۈك دېلولارنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

2) ئىقتىسادنىڭ پۇختا، ساغلام تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق

يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ پۇختا تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 15 مىليون 270 مىڭ توننا بولۇپ، رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىرئاز ئېشىنچا بولۇش ئىشقا ئاشتى؛ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 2 مىڭ توننا بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪84.9 كە يەتتى؛ چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىمۇ، ئۈنۈمىمۇ ئاشتى، ئافرىقا چوشقا ۋاباسى يۇقۇمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، كالا-قوي، توخۇ، ئۆردەك، غاز، توشقان قاتارلىق باقمىچىلىق ساغلام تەرەققىي قىلدى، مۆلچەرىمىزچە، پۈتۈن يىلدا گۆش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 589 مىڭ 100 توننا بولۇپ، ٪2.2 ئاشتى؛ باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى، مۆلچەرىمىزچە، باغۋەنچىلىك ئومۇمىي ھوسۇلى 7 مىليون 865 مىڭ توننا بولۇپ، %2.3 ئاشتى. رايونلارنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا يېڭى يارقىن نۇقتا بارلىققا كەلدى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى تۇنجى قېتىم تۈركۈملەپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، چەت ئەللەرگە سېتىلدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا ساتىدىغان «ئىككى تور» قۇرۇلۇشى ۋە «يۈزلەپ شەھەر، مىڭلاپ دۇكان» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭ سىرتىدا مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى، سودا ساراي تاللا بازىرى مەخسۇس پۇكىيىدىن 3140 ى قۇرۇلدى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازارنى قوغداش ئاساسىدا سېتىۋېلىش سىياسىتى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنىڭ جىپسىلىشىشى راۋان بولدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىدىن 2 مىليون 270 مىڭ مو يېڭىدىن كۆپەيدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ جابدۇق سەۋىيەسى ۋە ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە خېرىدار چاقىرىشنى تۇتۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇھىم، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، نېفىت، نېفىت خىمىيە، سىلىتسىيلىق ماتېرىياللار، ئىلغار جابدۇق ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيو تېببىي دورا، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈردۇق، تەرەققىي قىلدۇردۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، ئاياغ، باش كىيىم قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. بىر تۈركۈم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تۈرلەر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى پۇختا قەدەم بىلەن قايتا جانلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ياخشى بولدى، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى تېز ئاشتى، مۆلچەرىمىزچە، پۈتۈن بىر يىلدا سانائەت سېلىنمىسى %9 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ٪5 ئەتراپىدا ئاشتى.

مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» قاتارلىق توسالغۇ مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق. قار-مۇز ساياھىتى، ئۆز ئاپتوموبىللىق ساياھەت، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى، ئارام ساياھىتى، پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلدى. پامىر ساياھەت رايونىنىڭ دەرىجىسى دۆلەتنىڭ A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا ئۆستۈرۈلدى. سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، بالىلارنى تەربىيەلەش-ياشانغانلارنى كۈتۈش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئارام ئېلىش-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، توردا مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك ئىقتىساد قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يېشىل، ئەقلىي ئىستېمال تېز ئاشتى. ناھىيە دەرىجىلىك 47 ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش-يەتكۈزۈش مەركىزى، 3000 يېزا، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى، نۇقتىسى قۇرۇلدى، يەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى 1000دىن ئاشتى.

3)  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلدۇق

دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، نامراتلارنى مەخسۇس تۈر ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى ساھە ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى جەمئىيەت ئارقىلىق يۆلەش، نامراتلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق يۆلەشتەك «تۆت بىر گەۋدە» نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسى مۇستەھكەملىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، مالىيەدىن 37 مىليارد 567 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە 95 ناھىيە، شەھەر، رايوننى قاپلىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، يۆلىنىدىغان نامرات ئوبيېكتلار دەل جايىدا ھەرىكەتچان باشقۇرۇلۇپ، قايتا نامراتلاشقان ئاھالە ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان ئاھالىگە ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىلدى. مەركەز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزەتكەندە ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىش پىكرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش، جايىدا تۈگىتىش، قايتا كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلاپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش بويىچە ئۆي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىدۇق، 40 مىڭ 146 ئائىلىلىك 169 مىڭ 400 كىشى يېڭى ئۆيگە خۇشال-خورام كۆچۈپ كىردى؛ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى بويىچە مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 346 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق؛ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، قېلىپ قالغان 9355 نامرات ئائىلىنىڭ بىخەتەر تۇرالغۇسى تولۇق پۈتۈپ، ھەممىسى كۆچۈپ كىرىپ، نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىلدى!

4) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق

سېلىنمىنى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، شەھەر-بازار قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسى، قاراماي-چۆچەك تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن ۋە داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى سەككىز يوللۇق قىلىپ ئۆزگەرتىش- كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار-شەرقىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، چىرا ناھىيەسى نۇر سۇ ئامبىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى، ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، خوشۇت ناھىيەسى بېسىن ئامۇن سۇ ئامبىرى، تۇرپان ــ بايىنغولىن ــ كۇچا II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاندى. كورلا ــ گولمۇد تۆمۈريولى، خوتەن ــ چاقىلىق تۆمۈريولى، چوڭسۇلاغ سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم داۋاملاشما نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. غۇلجا ــ ئاقسۇ تۆمۈريولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. قەشقەر ـــ قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، قاراماي ــ چۆچەك تۆمۈريولى ھەم بىر تۈركۈم يېڭى ئايرودۇرۇملارنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىردى، تۆمۈريوللارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 56 تارماق لىنىيە ئۆزئارا تۇتاشقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئېچىلدى، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش تېز بولۇش» نىشانىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق! بولۇپمۇ، بىر يىل ئىچىدە 9 ئايرودۇرۇمدا تەڭ ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇش سالمىقى مىسلىسىز ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى؛ تارىم ئويمانلىقىنى ئايلانغان مارالبېشى-يەكەن، قەشقەر-يەكەن، يەكەن-خوتەن قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنىدە تاقاق چۈشۈرۈپ سۇ تىزگىنلىنىپ، يەكەن دەرياسىدا مىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئاپىتى خەۋپى تەلتۆكۈس تۈگىتىلدى!

5) ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتۇق

نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، ئەشيا ئوبوروتى قىلىش، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا قىلىش جەھەتلەردىكى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 94 تۈرلۈك مەمۇرىيەت ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر ئون چوڭ ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «26 خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى يولغا قويدۇق، كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى ئېلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئېرىشىش، مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملىتىش، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش قاتارلىقلارنى بېجىرىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك قىسقاردى. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنما تىجارىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ تەمىنلەش، بىر باشقۇرۇش»نى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. شىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھى، سۇچىلىق سېلىنما گۇرۇھى، ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى، گېئو-قېزىلما بايلىق گۇرۇھى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانا، گۇرۇھلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى تاماملاپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازارغا باراۋەر كىرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق 13 نۇقتىلىق ساھەدىكى 46 تۈرنى ئىجتىمائىي كاپىتالغا تەۋسىيە قىلدۇق. ھۆكۈمەت تارماقلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى نېسى قالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ 18 مىليارد 330 مىليون يۈەن پۇلىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلدۇق. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈم ئىسلاھاتى، يېزا ئىگىلىكى سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، بۇغداينى سېتىۋېلىش-ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتى، ھەقلىق تاشيول تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تۈزۈمى ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. 

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ «مال توپلاش، كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى جۇغلاش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. شىنجاڭ جۇڭگو ــ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1102 قېتىم قاتناپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى. شىنجاڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ «يىغىپ قاچىلاش-يىغىپ توشۇش» ئەندىزىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىلدى. قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى جۇغلاش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈردۇق. «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم باستۇق. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.69 سائەت تېزلەشتى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى ــ سانجى ــ شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى ۋاسىتە قىلىپ، 20 تۈرلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىنىقى قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن يۆتكىلىدىغان كەسىپلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ ۋە قوللاپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن خېرىدار چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 3475 نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 344 مىليارد 380 مىليون يۈەن مەبلەغنى كىرگۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

6) گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق

يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى  تىزگىنلەش تۈزۈمىنى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلىدۇق. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشتىن ئىبارەت تۆت مەيدان ناماياندە خاراكتېرلىك جەڭنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى ــ سانجى ــ شىخەنزە» «كۇيتۇن ـــ مايتاغ ــ شىخۇ» رايونلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردۇق، شەھەرلەردىكى مەينەت، سېسىق سۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە شەھەر-بازارلاردىكى يۇندا بىر تەرەپ قىلىشتا «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، ئىلى دەريا ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «مىڭلىغان كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، جەمئىي 7532 كەنتتە تۇرمۇش ئەخلىتىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشتى، 1600 كەنتتە يېزا تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇلدى ياكى شەھەر-بازارلارنىڭ يۇندا تۇرۇبا تورىغا تۇتاشتۇرۇلدى، جەمئىي 1 مىليون 636 مىڭ 500 پاكىز ھاجەتخانا سېلىنىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %50.02 كە يەتتى. تەبىئىي ئورمان، نۇقتىلىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل يولغا قويدۇق، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئېرتىش دەريا ۋادىسىدىكى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، 2 مىليون 142 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلدۇق، قۇملاشقان يەردىن 5 مىليون 248 مىڭ 900 مونى تۈزىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ رايون بوشلۇقى ئېكولوگىيە مۇھىتىنى باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ سىزىق، بىر تىزىملىك» تۈزۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىما مەنبەلىرىنى 2-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويغان 113 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ،    75 ىنى ئورۇنداپ بولدۇق. «چوڭ لاپاس ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش، تۈزەش ۋەزىپىسىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

7) مالىيە، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردۇق

يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق قەرز يولى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن يوشۇرۇن قەرزنى كۆپەيتىپ، يېڭى تۈرلەرنى تەسىس قىلىش، يېڭىدىن «يايما» يېيىشنى قەتئىي چەكلىدۇق، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنىڭ ئېشىشىنى قەتئىي توسىدۇق. باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىشتىن كېلىپ چىققان كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېسىمىغا پائال تاقابىل تۇردۇق، 103 مىليارد 800 مىليون يۈەن يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ، زايوم مەبلىغىنى مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، ئاجىز ھالقىلارغا ئىشلەتتۇق. مالىيە كىرىمى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە مەنبەسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ساقلانما مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى زور كۈچ بىلەن ئازايتتۇق، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيەنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ-خەتىرى بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىندى، بانكىچىلىقنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، كاپىتال بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئومۇمىي جەھەتتىن كونتروللىقىمىزدا بولدى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ-خەتىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، قانۇنسىز توپلانغان مەبلەغ ساقلانما مىقدارى خەۋپ-خەتىرى پۇختا قەدەم بىلەن تۈگىتىلدى. پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قارىتىلغان كىرېدىت مەدىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنى كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى ئامانەت قالدۇقى %3.2 ئاشتى، تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى %8.6 ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى %17.6 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانا 55 كە يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. 

8) خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتتۇق. «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ يىلى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىدۇق، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇدۇللۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق!

مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇردۇق. قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇردۇق، يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %95.95 كە يەتتى. شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9 كە يەتتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95 تىن ئاشتى. كەسپىي مائارىپنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش قىرلىق» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتتۇق، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئۈلگە رايونىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشقان پەن-كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق. ئالىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي تېخنىكوملارنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇردۇق، شىنجاڭ تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا شۆيۈەنىنى يۆتكەپ تەسىس قىلىش ماقۇللاندى، خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنى بىرلەشتۈرۈپ، تولۇق كۇرسقا ئۆزگەرتىش قەدىمى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، 4 ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپى يېڭىدىن قۇرۇلدى، تىيانشان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى دۆلەتنىڭ پۇقراۋى تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپ سىناق نۇقتىسى مەكتەپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. قۇرۇلما خاراكتېرلىك، باسقۇچ خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى پەيدىنپەي ھەل قىلدۇق. ئەلگە مائارىپ ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردىن ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

ئەلگە داۋالاش ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا يىراقتىن داۋالاشنىڭ تولۇق ئومۇملىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، يېزا-بازار شىپاخانىلىرى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە يىراقتىن داۋالاشنىڭ ئومۇملىشىشى %70 كە يەتتى، ناھىيە دائىرىسىدە داۋالاش گەۋدىسىنىڭ تولۇق ئومۇملىشىشى ئەمەلگە ئاشتى. يېزا-بازار شىپاخانىلىرى، كەنت سەھىيە ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى %100 كە يەتتى، شىنجاڭ بالىلار دوختۇرخانىسى دۆلەتنىڭ رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇش تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئايرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپى ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بويىچە كۆزىتىلدى، شىنجاڭدا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە چۈشتى. ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا نوپۇسىدىكىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەمكارلىق دوختۇرخانىلىرىدا يېتىپ داۋالانغاندا، ئاۋۋال دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ھەق تۆلەش ۋە بىر كۆزنەكتە ھېسابات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. پىلانلىق تۇغۇت بويىچە مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدۇق. «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قات كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %95 تىن يۇقىرى بولۇش ھالىتىنى ساقلىدۇق. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ۋە دەل جايىدا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %90 كە يەتكۈزدۇق، يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىش نىسبىتىنى %92.9 كە يەتكۈزدۇق.  مېيىپلارغا قارىتا «ئىككى تۈرلۈك تولۇقلىما تۈزۈمى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

ئەلگە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ناھىيە-يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدانى، سارىيى (پونكىتى) نىڭ تولۇق ئومۇملىشىشى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ تولۇق ئومۇملىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەلگە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش بويىچە 1000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ھەر خىل ئويۇن قويۇلدى، ھەر دەرىجىلىك «تۆت ساراي، بىر پونكىت» ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ئۈزلۈكسىز گۈللىنىپ، مىللەتلەر ۋە چېگرا رايون تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسىرى «يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى» مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.  

ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدۇق. شەھەر-بازارلاردا 197 مىڭ 900 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى 50 مىڭ 900 يۈرۈش بولدى، يېزىلاردا 200 مىڭ 200 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توك پار بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش (1-قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 316 مىڭ ئائىلىلىك ئۆينى توك پار بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق. كۆمۈر، توك، نېفىت، گاز، تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ئامىللار بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق. بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشقان، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتنىغان، ھەرىكەت ئېنېرگىيە توكى تۇتاشقان، ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ تۇتاشقان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئۈرۈمچىدە كونا شەھەر رايونلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مىليونغا يېقىن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى؛ يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئامما زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا قاراپ مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.  

ئەلگە بىخەتەرلىك ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق، ئۇدا 1200 نەچچە كۈن ئېغىر، زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېمەكلىك، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا-ناچار مەھسۇلاتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدۇق!

9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداشقا، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدۇق.

دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىدۇق. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق، مەسچىت، دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردۇق، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بىز بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداشتا تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تۈرلۈك مەمۇرىي فۇنكسىيەنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللىدۇق. بىڭتۇەننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللىدۇق، بىڭتۇەننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىشىنى قوللىدۇق. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، مۇقىملىقنى قوغداش، كادىر-ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىز 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا 18 مىليارد 819 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 1935نى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە ناھىيە ھەم ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلامغا سېلىنىش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى 820 يېزا، بازار(كەنت) بىلەن  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن 774 يېزا، بازار(كەنت) قوشماقلاشقان ياردەم-يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالس ياردىمى، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش-ئورتاق بەرپا قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ياراتتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭمۇ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارغا، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر–جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغاندىلا خاتىرجەملىك بولىدۇ. نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى خېلى زور بولۇۋاتىدۇ، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخىرقى كۈچىنىش باسقۇچىغا كىردى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى چىش ئۆتمەيدىغان «قاتتىق سۆڭەك» بولۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يەنە بىرمۇنچە كەمتۈكلۈكلەر بار، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردە ئامما نارازى بولۇۋاتقان تەرەپلەر يەنىلا بار. ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىلا ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىر قىسىم كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس، ئىستىلى پۇختا ئەمەس، ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇشتا يۈزەكىلىك، كۆپتۈرمىچىلىك مەۋجۇت. بىز مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز!

2. 2020-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەل قىلغۇچ يىل. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

2020-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى:  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭشىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى-ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

2020-يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، پۈتۈن ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %3 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم-ئايرىم %6 ئەتراپىدا، %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە بولۇش؛ شەھەر-بازاردا 450 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 ئىچىدە بولۇش، شەھەر-بازاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى%5.5 ئىچىدە بولۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىشىنى %3 ئەتراپىدا كونترول قىلىش، ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا قېلىپ قالغان يېزا نامرات ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەنىمۇ ياخشىلاش، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %1.2 تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ چىقىرىلىشىنى دۆلەت چۈشۈرگەن كۆرسەتكۈچ ئىچىدە تىزگىنلەش. يۇقىرىقى كۆزلىمە نىشاننى بېكىتىشتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتى ۋە شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پائال، سالماق بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا ساننىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىمىز ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ئېغىر، بىز ئىستىقبالغا تولغان زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.

1) قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمىز

دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىم سەگەك بولۇپ، ھۇشيارلىقنى ساقلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىمىز. «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مايىل قىلىش ۋە مۇجەسسەملەشنى تۇتۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ماھىر بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىقى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

2) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز. نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى قەتئىي ئېلىپ، قېلىپ قالغان 165 مىڭ نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى، 560 كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشنى، 10 ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2020-يىلى ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قالپىقى ئېلىپ تاشلانغان ناھىيە، كەنت، ئائىلىگە قارىتا قالپىقى ئېلىپ تاشلانغىنى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانغىنى بىلەن، سىياسەتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانغىنى بىلەن، ياردەمنى ئېلىپ تاشلىماسلىق، قالپىقى ئېلىپ تاشلانغىنى بىلەن، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئېلىپ تاشلىماسلىقنى يولغا قويىمىز، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، قايتا نامراتلاشقان ئاھالە ۋە يېڭىدىن نامراتلاشقان ئاھالىگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىمىز ۋە ئۇلارنى يۆلەيمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كېيىنكى جىپسىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ۋاقتىدا بارلىققا كەلتۈرىمىز.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىمىز. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق، ئاق قار، كۆك مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنى پىلانلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تىزگىنلەش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز. «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» «كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو» قاتارلىق رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش-تىرانسىپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، رايون بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش ۋە ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز. دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىما مەنبەسى ۋە سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە يەر ئىشلىتىش ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشنىڭ تۇپراق مۇھىتى خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ، ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىمىز. گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىمىز. 

 ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ ئېشىشىنى قەتئىي توسىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى پائال، سالماقلىق بىلەن تۈگىتىمىز. پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، پۇل مۇئامىلىسى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر كۆپ، يۇقىرى نىسبەتتە يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ-خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. پۇل مۇئامىلىسىدە خەۋپ-خەتەرنى مەنبەدىن باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز، پۇل مۇئامىلىسى ساھەسىدىكى مەسىلىلەر ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ-خەتىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قالىمىز.

3) ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز

«ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» قۇرۇلۇشىغا تېزدىن تۈرتكە بولىمىز. نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم 30 مىليون توننىلىق نېفىتلىك-گازلىقى، ماناس كۆلى نېفىتلىكى، جىمىسار زىچلاشما نېفىتلىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى نېفىتلىك-گازلىق، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شۈنبېي نېفىتلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك-گازلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۈرۈمچى شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز، زامانىۋى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز، قۇمۇل سەنتاڭخۇ شىتوۋمېي 1-نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز. شەرقىي جۇڭغار دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قۇمۇل يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، بايىنغولىن ئوبلاستى شاڭخۇ-چەرچى نېفىت خىمىيە سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەرقىي جۇڭغار، قۇمۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئەۋزەل ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3-ئۆتۈشمە يولى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4-لىنىيەسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە چوڭ رايونىدىن ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونىغا ئۆتۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز.

توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر ئېتىبار سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پاختا يىپ، رەخت توقۇش، گۈل بېسىش-بوياش، كىيىم-كېچەك ۋە كەسىپتە ئىشلىتىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەتقىقات-تەرەققىيات-تىجارەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. پاختا توقۇمچىلىق كەسپىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختىنىڭ قوشۇمچە قىممىتى ۋە ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۇنياۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە جۇڭگو ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونىدىن توقۇمىچىلىق چوڭ رايونىغا ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش، بىيو تېببىي دورا، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز. توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۈستۈن، ئۆزگىچە، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز، كەسىپلەرنىڭ ئۇل ئىقتىدارى ۋە كەسىپلەر زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سانائەت ئالاقە تورى، ئەشيا ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى  ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرۇلما قوللىنىلىشىنى تېزلىتىمىز.

ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئاياغ كىيىم-باش كىيىم، ئويۇنچۇق، سومكا-چامادان قاتارلىق يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە رايون ئۆزگىچە يېمەكلىكلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مېۋە-چىۋە، گۆش تۈرلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاشنىڭ كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، كەسىپلەشكەن، ماركىلاشقان تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈزۈم ھارىقى، سۈت ياسالمىلىرى، شوخلا قىيامى، ئىچىملىك، قىزىلچا شېكىرى، قىزىلگۈل، جىغان، توشقان زەدىكى قاتارلىق تۈرلۈك ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرىمىز، زورايتىمىز.

زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى، ئۇچۇر ۋاسىتىچىلىكى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش كەسىپلىرى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، ئەقلىي داۋالاش، ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى گۆدەكلەرگە قاراش، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئائىلە مۇلازىمىتى، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. G5 خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلۇت ھېسابلاش، رايون-بۆلەك زەنجىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئەسلىھەسى ۋە شەھەر-يېزىنىڭ بازار تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت كەسىپلەر باغچە رايونىنى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سودا ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. بازار مېخانىزمى ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ تايىنىش ئاساسىدا مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىشكە ۋە قىممەت زەنجىرى يۇقىرى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۈرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەمىناتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ماتور قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت دەرىجىلىك باغچە رايونلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش-ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بىڭتۇەن كەسىپلەر باغچە رايونى، ئۈرۈمچى كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇشتا، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئېگىزلىكنى بەرپا قىلىمىز. بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىمىز. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم باشلامچىلىق رولىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بازىسىنى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل، تېخنىكا سەۋىيەسى ئىلغار بىر تۈركۈم ئىجادچان كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە كىرگۈزىمىز. نېفىت، نېفىت-خىمىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مېتاللۇرگىيە-قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مىللىي تېبابەت-دورىگەرلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە مۇھىم، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ بازاردىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز.

4) يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز

يېزا-كەنتلەردە كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى تېزلىتىمىز. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش پىكىر يولى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم كۆلىمى بىر قەدەر زور، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئۆزگىچىلىكى روشەن بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرىمىز، بىر تۈركۈم رايون ئۆزگىچە ماركىلىرىنى يارىتىمىز، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىمىز، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز؛ سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تېجەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ يايلاق چارۋىچىلىقى ماركىسىنى يارىتىپ، شارائىتقا باققان ئاساستا دېھقانچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، گۆش قويى، گۆش كالىسى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز؛ باغۋەنچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ماركا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزگىچە مېۋە-چىۋە ھەم ئىنچىكە-چوڭقۇر پىششىقلىنىدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرىمىز؛ ئۆزگىچە زىرائەت تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك ئەۋزەل رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىمىز، مېۋە-چىۋىنى بازارنى قوغداش ئاساسىدا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم رايون خاراكتېرلىك توپلاش-تارقىتىش بازىرى قۇرۇپ، زەنجىرسىمان سوغۇق توشۇش ئاساسىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ۋە سوغۇق-يېڭى پېتى ساقلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تاللا بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، بىۋاسىتە سېتىش زەنجىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى مېۋىلەرنىڭ سېتىلىشىنى كېڭەيتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئاساسىدا پىششىقلاش ۋە ئاساسلىق يېمەكلىكنى پىششىقلاشنىڭ ماسلاشقان تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل مەھسۇلات ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە» بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇرۇق بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز. يېزىلارغا باب كېلىدىغان پەزىلەتلىك، ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىلارغا بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەيمىز. ھازىرقى زامان مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان يېزا-كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقىمىز. يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك، ياخشى باشقۇرۇلىدىغان يېزا-كەنتلەرنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز!

5) شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، پۇقرالارغا بەخت يارىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۆۋرۈك كەسىپلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت بازارلىرىنى ئېچىپ ۋە كېڭەيتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن يارقىن ماركىنى يارىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەت ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىمىز. دۆلەت ئىلكىدىكى ساياھەت رايونلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش»نى ئالغا سىلجىتىمىز. «ساياھەت+» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «كەسىپ ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەپ ئايلىنىش، مەھسۇلات ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەپ كۈچىيىش، قۇرۇلما ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەپ تەڭشىلىش، فۇنكسىيە ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەپ تەقسىملىنىش، خەلق تۇرمۇشى ساياھەتچىلىكنى چۆرىدەپ گۈللىنىش» تەك پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. يېزا-كەنت ساياھىتى ۋە ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ساياھەت كەسپىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىمىز. سۈپەتلىك بايلىقنى بازارلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىمىز. ساياھەت بازىرىنى ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك بازىرىنى باراۋەر ئېچىشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىمىز. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئەقلىي ساياھەت ۋە ساياھەت ئىستاتىستىكا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ساياھەت جابدۇقلىرى كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز. «تەبەسسۇملۇق شىنجاڭ» ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ساياھەت تىجارەت-سودا مۇھىتىغا ۋە بازار مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىمىز. A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جايلارنىڭ ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى، ئېسىل لىنىيەلەرنى ئېچىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىمىز. «شىنجاڭ سوۋغىسى» رايون ئاممىۋى ماركىسىنى يارىتىپ، تۈرلۈك ساياھەت تاۋارلىرىنى يارىتىدىغان، شۇنداقلا ساتىدىغان كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال مەدەتكە ئىگە قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئوبرازى تەشۋىقات-تىجارەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن نامنى تېخىمۇ ياڭرىتىپ، پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىنىڭ 300 مىليون ئادەم/قېتىم ئەتراپىدا بولۇشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.

6) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولىمىز

«بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ۋە خەلقئارا مال تىرانسىپورتى قايتىش-ئايرىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاممىۋى نۆۋەتچى پويىز ۋە ئۇلانما نۆۋەتچى پويىز قاتنىشىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىپ قاچىلاش-يىغىپ توشۇش ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان-بېكەت سۇپىسىنىڭ سىستېمىلىق تىجارىتىگە تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ چوڭ تىپتىكى يىغىلىش مەركىزىنى قۇرىمىز. قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسپىي تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق ئىلھام بېرىلىدىغان كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش مۇندەرىجىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. «بەش چوڭ مەركەز» مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تەڭشەيمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پورت ئىقتىساد بەلبېغى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «ئۆتەڭ ئىگىلىكى»نىڭ «پورت ئىگىلىكى»گە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولىمىز، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز.

ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز. خېرىدار چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خېرىدار چاقىرىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى (باغچە رايونى)نىڭ شەرقىي قىسىمدىن يۆتكىلىدىغان كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىشىنى قوللايمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپلىرىنىڭ شىنجاڭغا پەيدىنپەي يۆتكىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز. تاشقى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ماشىنا-ئېلېكتىر، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەۋزەللىككە ئىگە رايون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت نىسبىتىنى كېڭەيتىمىز. شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللاپ، ئىجادچان كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا تىجارەت تور سىستېمىسى قۇرۇشىنى قوللايمىز. چېگرا سىرتىدا باغچە رايونى قۇرۇپ، ئۆمەك شەكلىدىكى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. 

7) ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

مۇھىم، زور قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشى سىنىقىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى چوڭ ئۆتۈشمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا يولى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىش تېز بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىمىز. 7G لىنىيەسى ئاراتۈرك ــ بارىكۆل ــ مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، 0711G ئۈرۈمچى ــ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، 21S لىنىيەسى ئالتاي ــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلايمىز، 216G لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى تاشيولى، 30G پارچە ساغال ــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، 314G لىنىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل ــ قونجىراپ پورتى بۆلىكى تاشيولى قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتكۈزىمىز. خوتەن ــ چاقىلىق تۆمۈريولى، شەرقىي جۇڭغار جياڭجۈنمياۋ-قۇمۇل نوم تۆمۈريولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، ئۈرۈمچى ــ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ 2-لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرى، توقسۇ ــ باي تەبىئىي بايلىق تۆمۈريولى تارماق لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلايمىز، گولمۇد ــ كورلا تۆمۈريولى، ئالتاي ــ كۆكتوقاي ــ شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى كورلا ــ ئاقسۇ ــ قەشقەر بۆلىكىدە سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ شىمالىي رايونى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز، كېرىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى تاماملايمىز. ئۈرۈمچى زاپاس ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ھاۋا يولى-تۆمۈر يول بىرلەشمە تىرانسپورتىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا تۈگۈن ئايرودۇرۇمىنىڭ ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي يۈرۈشۈشىگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) ئايرودۇرۇمى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، بارىكۆل ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەيمىز.

مۇھىم، زور سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز، بىر تۈركۈم سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، تايانچ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمىز. ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى، چوڭسۇلاغ سۇچىلىق تۈگۈنى، چاقىلىق دەرياسى سۇ ئامبىرى قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتكۈزىمىز، يورۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، باي ناھىيەسى ئارىشاڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز.

شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئادەمنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ماكان جەھەتتىن جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. چېگرا شەھەر-بازارلىرى، پورت شەھەر-بازارلىرى ۋە كىچىك شەھەر-بازارلار قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىمىز، شەھەر-بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلار ۋە كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى تۇرۇبا تورى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، سوغۇق پېتى ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى  ئالغا سىلجىتىمىز، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ بازار تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش سىنىقىغا پائال تۈرتكە بولىمىز. كۆپ مەنبەلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مەبلەغ كاپالىتى مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.

مۇھىم، زور ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز.   دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ ئۆتۈشمە يولى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېنېرگىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يەكەن-خوتەنقايتما لىنىيەسى، ياجۇڭ-داۋانچىڭ قايتما لىنىيەسى قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، شەرقىي جۇڭغار يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى، فۇكاڭ ۋە قۇمۇلنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ فوتوۋولت ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولىمىز، قۇمۇلنىڭ شىمالى ـــ چوڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، شەرقىي جۇڭغار، قۇمۇل كۆمۈر، ئېلېكتىر، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن بازىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. 

مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ئورمان-ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز، ئاقسۇدىكى كوڭتەيلىك مىليون مو چۆللۈكنى تۈزەش، شەرقىي تىيانشاننىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمىنىنى قوغداش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارىم دەريا ۋادىسىدا توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. 

8) نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلەر تۈزەش قۇرۇلمىسى ۋە تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى، تىجارەت شىركەتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرىمىز، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا «بىر تاختا شاھمات» شەكىللەندۈرىمىز. ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، ساياھەت، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىمىز، ئەلالاشتۇرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. 

يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدىكى «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان ئۆيلۈك يەرلەر ۋە ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان تۇرالغۇلاردىن جانلىق پايدىلىنىشقا ئىلھام بىرىمىز. ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش، ئوبوروت قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، سۇچىلىقنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. مائارىپ ساھەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تىببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئائىلە بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلىرى ماسلاشتۇرۇلغان، داۋالىنىپ كۈتۈنۈش بىلەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان تەمىنات ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەرلەردە نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، شەھەر-يېزىلاردا تەرتىپلىك يۆتكەلگەنلەرنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش سىياسىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاردىكى دائىملىق نوپۇسقا قارىتىلغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دائىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. بازار ئىجازىتىدە سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم بېرىش» «ئاساسىي قاتلامدا بىرلا جەدۋەل بولۇش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ توك، گاز ئىشلىتىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش، دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇندەرىجىسى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى بايلىق ئاشكارا سودىسىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۆي-بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش كېپىللىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك خېتىنى كاپالەت پۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى يولغا قويىمىز.

پۇقراۋى ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدا پىكىر»ىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش-ئىجازەت بېرىش، تىجارەت قىلىش-يۈرۈشتۈرۈش جەھەتلەردە پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن باراۋەر رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىمىز. پۇل مۇئامىلىسى بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىمىز. ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكروكارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى تەس بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئېغىرغا توختاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي بازىرىغا بىۋاسىتە كىرىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايمىز. مەخسۇس قەرز ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جەمئىيىتى قاتارلىق ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، يېڭىلىق يارىتىشى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىمىز. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت-سودىگەر مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئورنىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز!

9) ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز

ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز، شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، قىيىنچىلىقى بارلار توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىمىز، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيمىز، بىناكارلىق ساھەسىدە بەش يىلدا 200 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، شەھەر-بازاردا 450 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم/قېتىمدىن كۆپرەكىنى يۆتكەيمىز، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەربىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىمىز، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز، يېزا يەسلى مائارىپىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى» «چوڭ سىنىپ نورمىسى» ھادىسىسىنى تۈگىتىمىز، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان خاس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى تېخنىكىدا تولۇق تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز،  شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، ئالىي مەكتەپلەر كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ساھە قۇرۇلمىسىغا ماسلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى پۇختا، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىلمىي قوغدايمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنىڭ تولۇق ئومۇملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بىجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئوقۇغۇچىلار، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە مېيىپ بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىمىز، شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھەربىر بالىنى ئادىل، شۇنداقلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز! 

سەھىيە، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسى، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەل، كەسپىي كېسەل بويىچە ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش-قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، جوڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا» بىرلەشمە ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىمىز. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، گۆدەكلەرگە قاراش ۋە ئۇلارنى داۋالاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز. تۇغۇت سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز. ئاساسىي قاتلامغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يۈزلەنگەن ئەلگە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىمىز، ئومۇملاشتۇرىمىز. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرى كۆپ، مەزمۇنى تولۇق، شەكلى يېڭى، تارقىتىش ئاسان رەقەملىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلار ئەندىزىسى ۋە ئۆزئارا تۇتاشقان مەدەنىيەت بايلىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرۇلما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتىمىز. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەييارلىق كۆرىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاساسىي داۋالىنىش كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش كىرىم-چىقىم قىلىشنى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك بېقىش، يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ياشانغانلار، مېيىپلار، روھىي توسالغۇ بىمارلىرى قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شەھەر، يېزىلاردىكى باققۇچىسىز ياشانغانلار، يېتىم بالىلار، مېيىپلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قاراتمىلىق ھالدا ياردەم بېرىمىز.

شەھەر-يېزا ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. شەھەر ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، شەھەر ئەھۋالىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، تۇرالغۇ تەمىنات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇسىدىن 109 مىڭ يۈرۈش سالىمىز، يېزىلاردا 75 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. كۆپ خىل سۇبيېكتلىق تەمىنات، كۆپ يوللۇق كاپالەت، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنى شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا تەرتىپلىك يېتەكلەپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئەلگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1-قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ھەم ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىنى توك پار بىلەن ئىسسىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش (1-قارارلىق) قۇرۇلۇشى بويىچە 288 مىڭ 700 ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز، پار بىلەن تەمىنلەش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز. شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ سۇ، توك، پار يوللىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە لىفىت ئورنىتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، كونا ئولتۇراق رايونلاردا مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. قىسمەن شەھەرلەردىكى «كۆچۈپ بولسىمۇ چاقماسلىق، چېقىپ بولسىمۇ قۇرۇلۇش قىلماسلىق» قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز.

بىخەتەرلىك سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، پۈتۈن ئاپەت تۈرى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق يوشۇرۇن خەۋپنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىمىز. يېمەكلىك-دورا ۋە مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

10) پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتىلغان كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئورگان، يېزا-كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا، گازارما، تۈەن-مەيدان، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىمىز.

دىنلارنىڭ ئىجىل-ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىنلار ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

11) بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات-تەرەققىياتىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگىلىك رايون» بولۇشتەك ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەننىڭ ئاپتونوم رايون بەرگەن مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىشى ۋە قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىتىشىنى قوللايمىز. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئىقتىساد كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشى، بازار سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، چېگرا رايوننى ئورتاق قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە بەرپا قىلىدىغان، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئەۋزەللىكلەردە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، مەدەنىيەتلەر قوشۇلغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش­ ـــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر جەھەتتە ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش-ياخشىلاش، ئالاقىلىشىش-ئالماشتۇرۇش-ئارىلىشىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشكە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېڭى دەۋردە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» خىزمىتى ۋە ئارمىيە-خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيلەر شان – شەرەپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى دەرىخىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، باراقسان ئۆستۈرۈپ، مەڭگۈ ياشنىتىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى ــــ دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەدەم تاشلايدىغان مۇھىم مەزگىل. ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشتا، سىستېمىلىق تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىنچىكە تۈزۈپ چىقىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى يېتەكچى، ماكان يىرىك پىلانى ئاساس، مەخسۇس پىلان ۋە رايون پىلانى تىرەك قىلىنغان يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز!

3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز

ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى پىرىنسىپى بويىچە، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ، شۇنداقلا ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئېلان قىلىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى پۈتۈن جەريانلىق خاتىرىلەش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىغا ئالاقىدار مۇھىم، زور قارارلارنى قانۇن-تۈزۈم نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. كادىرلار ئىستىلىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» دىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك–تەكشۈرۈش-باھالاش ئىشلىرىنى ئازايتتۇق ۋە قېلىپلاشتۇردۇق، يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنى زور مىقداردا ئىخچاملاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلەتتۇق. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي جازالاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلدۇق.

يېڭى بىر يىلدا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەمۇرىيەت تۈزۈلمىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولغان ھۆكۈمەت قۇرىمىز.

1) پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز، سىياسىي قۇرۇلۇشنى تۈپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا قەتئىي، كەم-كۇتىسىز ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

2) ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز

ھۆكۈمەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەسئۇل بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي قانۇنچىللىق يولىغا سېلىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزىمىز، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا-ئادىل، پاك-ئۈنۈملۈك، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئىلمىي، دىموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ لايىقلىشىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-قائىدىلەرگە خىلاپ بارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلمايدىغان بارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، مەمۇرىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرىمىز!

3) ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز

ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، سىياسەتنى ئاددىي، مېخانىك ئىجرا قىلىشتىن، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن قەتئىي ساقلىنىمىز. ئۇلۇغۋار روھ بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش، جاپاغا چىداش، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز. شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك، يۈزەكىلىك، شەكىلۋازلىق قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز، شۇئارنى جاھاننى زىلزىلگە كەلتۈرگىدەك توۋلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارماسلىق ھەمدە يۇقىرىنى ئالداپ تۆۋەندىن يوشۇرۇش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز!

4) پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى­، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. بازار سۇبيېكتلىرىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جەزمەن ھەقىقىي تۈردە غورىگۈل كۈن كەچۈرۈشىمىز، تېجەشچان ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەيلى كۈندىلىك چىقىم، ئاممىۋى قۇرۇلۇش بولسۇن، مەيلى كۆرگەزمە، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش بولسۇن، ھەممىسىدە تېجەشلىك بولۇپ، بەتخەجلىك، ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنى ھەقىقىي تۈردە نەق جايىغا ئىشلىتىشىمىز لازىم!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى «ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئۇرغۇدى غەيرەت ئۇلۇغ دەۋردىن، كېلىدۇ غەلىبە پەقەت كۈرەشتىن! بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ۋە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باياشات، مەدەنىي-ئالغا ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!