ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2021)

2022-02-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− 2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 ـ يىغىنىغا بېرىلگەن

ئەركىن تۇنىياز

1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە.□ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2021 ـ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021 ـ يىلى، چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى ـ تاشقى مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى. پۈتۈن بىر يىلدا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، %7 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 456 مىليارد يۈەن بولۇپ، %8.8 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 161 مىليارد 860 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.6 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 820 مىليارد يۈەندىن ھالقىپ، %15 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 358 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، %17 ئاشتى، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 156 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.8 ئاشتى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى %1.2 ئۆرلىدى، شەھەر ـ بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلىدۇق، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، 14 ـ بەش يىلنى ياخشى باشلىۋالدۇق!

− كەسىپ تەرەققىياتىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردۇق. ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 17 مىليون 358 مىڭ توننا بولۇپ، %9.62 ئېشىپ، 5 يىلدىن بۇيانقى يېڭى، يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ پاختىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 129 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %89.5ىنى ئىگىلىدى؛ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تېز ئېشىپ، چوشقا ـ كالا ـ قوي ـ ئۆي قۇشلىرى گۆشى، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلاتى ئايرىم ـ ئايرىم %16.1، %5.75، %2 ئاشتى؛ كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون موغا يەتتى، مەھسۇلات مىقدارى 9 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يېتىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتاتتا ئۆزىمىزنى تەمىنلەش ئىقتىدارىمىز داۋاملىق ئۆستى. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتتۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ سېتىشى تەڭلا جانلىنىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى %20 ئاشتى، 99 مىڭ 500 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانا 7500دىن كۆپرەككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 2000دىن ئاشتى، كەسىپ قوشۇلما قىممىتى %12.4 ئاشتى. بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئىشلەنمىگەن كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنى %18.3 ئاشۇردۇق، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنى %59.3 ئاشۇردۇق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېلېكتىر كۈچى تەمىنات ئومۇمىي مىقدارىنى %13.58 ئاشۇردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %19.8كە، سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارىنى 115 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈپ، %20.7 ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتۇق! ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ياراتتۇق، فوتوۋولتلۇق سىلىتسىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيالنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 469 مىڭ 400 توننا بولۇپ، %30.9 ئاشتى، كۆپ كىرىستاللىق سىلىتسىينىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %58ىنى ئىگىلىدى. ساياھەتچىلىك تېزدىن ئەسلىگە كەلدى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 191 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %20.52 ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 141 مىليارد 569 مىليون يۈەن بولۇپ، %42.69 ئاشتى.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلىدۇق، قورغاس، ئالاتاۋ پورتىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 12 مىڭ 210 قېتىم بولۇپ، %21.5 ئاشتى، جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 1185 قېتىم يولغا چىقىپ، %7.3 ئاشتى. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئايرىم ـ ئايرىم %40.8، %75 ئاشتى، سودىگەر چاقىرىش ـ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئايرىم ـ ئايرىم %75.2، %51 ئاشتى، «ئىككى رايون»نىڭ ئىسلاھات ـ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى. چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى باشلىدۇق، 45 نۇقتىلىق تۈردە ئىش باشلاپ، 2 مىليارد 637 مىليون يۈەن سېلىنمىنى تاماملىدۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى 2020 ـ يىلىدىكى 120 خىزمەت كۈنىدىن 85 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بولۇشقا قىسقارتتۇق. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن سودىگەر چاقىرىش ـ مەبلەغ كىرگۈزۈش بويىچە 5134 تۈر ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 542 مىليارد 990 مىليون يۈەن بولۇپ، %35.7 ئاشتى. پۈتۈن شىنجاڭدا بىرلىككە كەلگەن «12345» مەمۇرىيەت مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش» سۇپىسى توردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تېز، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇردۇق ھەم ئۇنى ھەل قىلدۇق. پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان نوپۇس يۆتكەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى راسچوت قىلىش، ئاممىۋى تۇرالغۇ فوندى كەسپى بېجىرىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم مەمۇرىيەت مۇلازىمەت تۈرىدە «بىر توردا بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتۇق!

− ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. ئاراتاش، چوڭسۇلاغ قاتارلىق 9 تۈرلۈك چوڭ ـ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى ھەم ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 750 كىلوۋولتلۇق تۇرپان − كۇچا Ⅱ قايتما، كۇچا − ئاقسۇ − مارالبېشى Ⅱ قايتما، يەكەن − خوتەن Ⅱ قايتما تۈرى قاتارلىق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ توك تەمىنات كاپالەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر كۈچى گېنېراتورلار سىغىمى 115 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ نىسبىتى %40تىن ئاشتى. يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلدى، 5G تورى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر رايونلىرىنى ئاساسەن قاپلىدى، ئوپتىك تالا تورى پۈتۈن مەمۇرىي كەنتلەرنى قاپلىدى. موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى، ئارال ئايرودۇرۇمى ئاساسەن پۈتتى، بۇنىڭ بىلەن پۇقراۋى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئومۇمىي سانى 25كە يېتىدۇ. تۆمۈريول بارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى%80تىن يۇقىرى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنى قاپلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) تاشيول يېڭىدىن 1800 كىلومېتىر كۆپىيىپ، ئومۇمىي مۇساپە 9400 كىلومېتىردىن ئاشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) تاشيول تۇتاشقان ناھىيە، شەھەردىن 11ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئومۇمىي سانى 91گە يەتتى. يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېزا تاشيولى 9000 كىلومېتىردىن ئاشتى. شىنجاڭغا كىرىپ ـ چىقىدىغان ئىككىنچى چوڭ يول بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، مۇساپە 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقاردى، شىمالىي شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك قۇملۇق تاشيولى ئالتاي − ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مۇساپە 200 كىلومېتىر قىسقاردى. لوپنۇر − چاقىلىق، چاقىلىق − نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، تارىم ئويمانلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) ئايلانما تاشيول چەمبىرىكىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەنلىكى نامايان بولدى. «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىش تېز بولۇش» نىشانى بويىچە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق!

− خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇردۇق، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 398 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %73.7ىنى ئىگىلىدى. شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم ـ ئايرىم %8 ۋە %10.8 ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى، 477 مىڭ شەھەر ـ بازار ئاھالىسىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون 174 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 2 مىليون 214 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %79.85 ئاشۇردۇق. مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇشنى، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردۇق، پۈتۈن دائىرىدە دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقى بويىچە باھالاپ بېكىتىشتىن ئۆتتۇق، يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %98.19، %95.69، %98.87كە يەتتى. يېزا نوپۇستىكىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدا «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش»تەك بىر ئورۇندا راسچوت قىلىشنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن سىناق قىلدۇق. يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، يېزا ھاجەتخانا ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتۇق، 1000 كەنت ـ مەھەللىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە ئەڭ ئاخىرقى 287 مىڭ ئائىلىلىك قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (1 ـ قەرەللىك) قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 892 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان ـ چارۋىچى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتەلەيدىغان بولدى!

− جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، كىنو «گۈل نېمىشقا بۇنداق قىزىل»، دىراما «ئالتۇن توغراق» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسى تېخىمۇ ياڭرىدى، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ ئاشتى. مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىكى مۇھەببەت رىشتىسى تېخىمۇ چىڭىدى، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغدىغان، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان «دەۋر نەمۇنىسى» لاچىن بايەكە ۋە بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ۋاقىت بىلەن بەسلەشكەن، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلىغان ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، «ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش»تەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى!

− ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل ئىناق، مۇقىم بولدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى «قالايمىقان بولۇشتىن مۇقىم بولۇشقا ئۆتۈش» ھالىتىدىن «مۇقىم بولۇشتىن ئەمىن بولۇشقا ئۆتۈش» ھالىتىگە قەدەم قويماقتا، ئۇدا 5 يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى كۆرۈلمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى سىجىل تۆۋەنلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئامانلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئىشقا ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى سىجىل كۈچەيدى. دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز قارىشىدا شىنجاڭ بارغانسېرى ئامانلىق باشقۇرۇشى ئەڭ ياخشى، ئىجتىمائىي مۇھىتى ئەڭ بىخەتەر جايغا ئايلانماقتا. مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى!

بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

(1) ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتتۇق، ئىجتىمائىي مۇھىت تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم بولدى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تۇتتۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، بىخەتەر، ساپ تور بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئىتتىپاق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا 65 مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئامېرىكا، غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم ـ بوھتانلىرىغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ نامايان قىلدۇق. تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق، بورتالا ئوبلاستى تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپات − «چاڭئەن لوڭقىسى»غا تۇنجى قېتىم ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى %99.14كە يېتىپ، يەنە تارىخىي يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇردۇق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردۇق، ئەرزىيەت بويىچە مەنبەدىن تۈزەش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئاممىنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 30 پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى تۈگىتىش سۈپەت ئۈنۈمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى!

يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى قەتئىي ياخشى تۇتتۇق. «تاشقى جەھەتتە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە خېمىغا يېنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، پورت دۆلەت دەرۋازىسى، شىنجاڭغا كىرىش دەرۋازىسى، مەھەللە ـ ئىدارە ـ ئورۇنلارنىڭ دەرۋازىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ دەرۋازا»نى ھەقىقىي ياخشى ساقلىدۇق، 8 تۈرلۈك كۆزىتىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردۇق، قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، كۆپ نۇقتىدىن قوزغىتىش، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش خىزمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق، پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، سوغۇق زەنجىر يېمەكلىكلىرىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەركەزلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، يۇقۇم خەۋپىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇردۇق، يادرو كىسلاتاسىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق. يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى تېز تۈگىتىپ، ئوپچە يۇقۇملىنىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق! يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى ھەقسىز قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق، جەمئىي 21 مىليون 886 مىڭ 100 ئادەمگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەندى.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تۇتتۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىن بايلىقىنى مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق سۇپىسىغا ئۇلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نازارەت قىلىش ـ سىگنال بېرىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ـ ماسلاشتۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىش ـ بىر تەرەپ قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېرېئولاشقان، سىستېمىلاشقان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورناتتۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەشتىكى 36 ماددىلىق تەدبىرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە بىرمۇبىر چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھايات، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈردۇق. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، 425 سۇ ئامبىرى توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش ۋە يامغۇر سۈيى ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق. يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ يېمەكلىكى، گۆش ياسالمىلىرى، يېزىلاردىكى ساختا، ناچار يېمەكلىك قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش 100 كۈنلۈك ھەرىكىتىنى، شۇنىڭدەك دورا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كارخانىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى مەركەزلەشكەن سودا بازىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۈزەشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق.

(2) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردۇق. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك ياردەم پۇل سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق، 2022 ـ يىللىق 12 مىليون 850 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، 4 مىليون 280 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدۇق. كېۋەز تېرىقچىلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەل مەھسۇلات رايونىغا مەركەزلەشتى، سورت قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، سۈپەت كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %80تىن يۇقىرى بولدى. باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، شىنمېي قاتارلىق باغ ـ ئورمان كۆلىمى يېڭىدىن 180 مىڭ مو كۆپەيدى. چارۋىچىلىقتا «بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتتۇق، قوتاندىكى چوشقا، كالا، قوينىڭ يىل ئاخىرىدىكى سانى 56 مىليون 490 مىڭغا يېتىپ، %11.3 ئاشتى، قولدىن چىققىنى 45 مىليون 20 مىڭغا يېتىپ، %5.2 ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى، ئۆزگىچە زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشتى، «4 مىليون مو»لۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق، باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە «شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى» بار بولدى، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، يىغىپ تەقسىملەش ئىقتىدارى 5 مىليون توننىغا يەتتى، شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تور نۇقتىسى 5370كە يەتتى. چوڭ ـ ئوتتۇرا تىپتىكى 15 سۇغىرىش رايونىدا داۋاملىق يانداشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، سۇغىرىش ياخشىلانغان يەر كۆلىمىنى 3 مىليون 610 مىڭ موغا يەتكۈزدۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپ توپىدىن 2نى، دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچە رايونىدىن 2نى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈلگە رايونىدىن 3نى، دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىسىدىن 16نى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق.

سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. نۇقتىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، 15 مىليارد يۈەن كەسىپ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى پائال غەملەپ، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە دائىر يېتەكچى پىكىرنى چىقىرىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىستېمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، كەيمە چاچ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ توپلانما رايونىنى شەكىللەندۈردۇق. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولدۇق، نېفىت، گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پۇختا قەدەمدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيەسىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى تېزلىتىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش، نېفىت خىمىيەسى مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىشنى داۋاملىق ياخشى قىلدۇق، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيەسى سانائىتى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاليومىن، مىس قاتارلىق رەڭلىك مېتاللارنى شۇ جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى يەنە بىر قەدەم ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، جۇڭگو نېفىتى تارىم 600 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلىن ئىشلەش، جۇڭتەي گۇرۇھى يىلىغا 100 مىڭ توننا BDO ئىشلەش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردۇق، فوتوۋولتلۇق سىلىتسىي ئاساسىدىكى كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدۇق، بىر تۈركۈم ئېلېكتىرونلۇق دېتال، زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى شىنجاڭدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدۇق. 18 كارخانىمىز دۆلەتنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىسى دەپ بېكىتىلىپ، جەمئىي 34كە يەتتى. رەقەملىك ئىقتىسادنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردۇق، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش تېزلىتىلدى، +5G، سانائەت ئالاقە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ياسىمىچىلىق قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا «شىنجاڭ كارخانىلىرى بۇلۇتى»غا چىقتى. ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ساھە، كەسىپلەرگە بوھتان چاپلىشى، بېسىم ئىشلىتىشىگە پائال، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ساغلام، پۇختا تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

ساياھەتچىلىك مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆلچەم ـ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نادىر ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازىرى تىجارىتىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 2نى يېڭىدىن بەرپا قىلىپ، جەمئىي 16گە يەتكۈزدۇق. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ساياھەت ـ ئىستىراھەت كوچا ـ رايونلىرى، سەھرا ساياھىتى نۇقتىلىق كەنتى ۋە 4Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلدۇق. تۇرپان شەھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2 ـ تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال سىناق نۇقتا شەھىرى قاتارىغا كىردى. جىلىن ئۆلكىسى بىلەن جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار ـ مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سىناق رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلدۇق، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقتۇق. سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇچۇر ئالاقىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى تېز راۋاجلاندۇردۇق، ياشانغانلارنى كۈتۈش ـ بوۋاقلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، داۋالاش ـ سالامەتلىك ئاسراش، مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردۇق، توردا مال سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىقتىسادى، كۆرگەزمە ئىقتىسادى، سۇپا ئىقتىسادى قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق، كوچا بويىدىكى دۇكانلارنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، شەھەرگە قويۇق «قاينام ـ تاشقىنلىق» ئېلىپ كېلىپ، شەھەر كېچىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردۇق!

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرى، يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشتى. ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى رەسمىي تەستىقلاندى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 6نى يېتىشتۈردۇق. چوڭ ـ چوڭ پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «ئىقتىدارلىقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش» قاتارلىق مېخانىزملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نېفىت ـ نېفىت خىمىيەسى، كۆمۈر ـ كۆمۈر خىمىيەسى سانائىتى، قېزىلما بايلىق ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى «گالنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق، 5 تۈر 2020 ـ يىللىق دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 3 ـ قېتىملىق شىنجاڭنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلىدۇق. يۇقىرى ـ يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلدۇق، يۇقىرى ـ يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 409ى كۆپەيدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنما سالمىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. پاتېنتنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش بىلەن پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت %58.29 ئاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىدىن 115 تۈرنى ئېلان قىلدۇق. ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىش، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتۇق!

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتتۇق. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا «ئون چوڭ مېخانىزم» بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئالاقىلىشىش، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىرلەشمە يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندۇق، تۈرلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرگە سېلىنىشىنى قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، سېلىنما سوممىسى زور، يىغىلىش ئۈنۈمى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق. 146 مىليارد 640 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى تارقىتىپ، 2755 تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىدۇق. سېلىنما كۆلىمى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان 3355 يېڭى تۈرنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، 2582 زاپاس تۈردە ئىش باشلاندى، ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %76كە يەتتى. قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى، ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم داۋاملاشما تۈرنى تېزلەتتۇق. سېلىنما قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى%36.9كە يەتتى، پۇقراۋى سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %29.7كە يەتتى.

(3) ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق

نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. «ئالاقە تورى+مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى چوڭقۇر كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «توردا بېجىرىش» «يان تېلېفوندا بېجىرىش»نى يولغا قويدۇق. ئاممىۋى بايلىق سودىسىنى بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا مۇندەرىجىسىنى چىقاردۇق. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتىنى مەملىكەتنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسىدىن 25 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردۇق؛ دۆلەت كاپىتالىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ دۆلەت سېلىنما گۇرۇھى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سېلىنما گۇرۇھى، شىنجاڭ قېزىلما سېلىنما گۇرۇھىنى تەشكىللەپ ۋە قايتا تەشكىللەپ قۇردۇق، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ مىقدار كۆلىمى ۋە سۈپەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەرگە بولغان يېتەكلەش كۈچى ۋە تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاشتى. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ۋە مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، 85 ناھىيە (شەھەر)نىڭ يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسىنى تەڭشەش خىزمىتى تاماملاندى. بازار سىستېمىسى، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمىسى، مالىيە ـ پۇل مۇئامىلىسى، مەدەنىيەت ـ مائارىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» ۋە «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلدۇق. جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) توپلىنىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ يىللىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا كارخانىلار تاپاۋەت بېجى قاتارلىق ئېتىبار سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. چېگرا بويىدىكى پورتلارنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئىككى تەرەپ چېگرا پورتىدا يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىلدى، «تاشيول، تۆمۈريولدا ئۇلاپ توشۇش»، ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش، «بوشلۇق يول كۆۋرۈكى»دە كونتېينېر يۆتكەپ توشۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە يولغا قويۇلۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ كارخانىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئەندىزىسى ۋە ئېكسپورت چەت ئەل ئامبىرى ئەندىزىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 2021 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا − ياۋروپا تور تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەمكارلىق تۈرىدىن 225ى توپلاندى، 190 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇردۇق. «كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم يول ماڭدۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ئىجازەت تۈرلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى ۋە بازار ئىجازىتىدە سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرلىرىدە تەرتىپنى ئازايتىش، ۋاقىتنى قىسقارتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، ئادەتتە كارخانىلار 3 كۈن ئىچىدە كارخانا قۇرۇش بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولالايدىغان بولدى، قۇرۇلۇش يېرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى باھالاش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەتكە چېتىلىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، لەۋزىدە تۇرماسلىقىنى چەكلەش تۈزۈمىنى تۈزدۇق ھەم مۇكەممەللەشتۈردۇق. باجنى كېمەيتىش ـ كەچۈرۈم قىلىش، مەمۇرىي ـ كەسپىي ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى چىقىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن جەمئىي 20 مىليارد 527 مىليون يۈەن باجنى كېمەيتتۇق، ھەقنى تۆۋەنلەتتۇق. ئوتتۇراھال، كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «شىنيىدەي» سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتتۇق، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزگەن يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز سوممىسى 133 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، %31.1 ئاشتى. بىۋاسىتە بارىدىغان 106 مىليارد 720 مىليون يۈەن مەبلەغ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ، 5950 كارخانا ۋە 25 مىليون 130 مىڭ ئادەم قېتىم مەنپەئەتلەندى. كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللايدىغان باج ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ 6 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق تۈرىنى بىكار قىلدۇق ۋە ھەقنى كەچۈرۈم قىلدۇق، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

(4) خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتتۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتۇق. قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىش تۈرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ ئادەمنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 100 مىڭ 700 ئادەم قېتىم تەربىيەلەشنى تاماملاپ، 80 مىڭ 500 ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ يىلى پۈتكۈزگەن ئاپتونوم رايونىمىزغا تەۋە ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى نىشانى ئەمەلىيلەشكەنلىرى 93 مىڭ 100 كىشى بولۇپ، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %96.4 بولدى. شەھەر ـ بازارلاردىكى بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىدىكىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇدۇللۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ناھىيە دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى بارلىق ناھىيە (شەھەر)دە تەسىس قىلىپ، كۈچەپ ياخشى باشقۇردۇق. ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرى مەملىكەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال سانى، مۇكاپات مېدال سانىدا بىرىنچى بولۇشتەك ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى!

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كېڭەيتتۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىدىغان بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى چىقاردۇق، 38 مىليارد 822 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردۇق، 101 مىڭ 900 دېھقان ئائىلىسىگە يېڭىدىن 3 مىليارد 262 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتتۇق. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى ۋە يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 51 مىڭ ئادەمنى رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 1 مىليون 82 مىڭ 300 ئاھالىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇردۇق. باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن 168 مىڭ 800 نامرات ئاھالىنى داۋاملىق يۆلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان يېتەكچى كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايوندا ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ يىللىق تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى كەم دېگەندە 4600 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئۆسۈش دەرىجىسىنى %12كە يەتكۈزدۇق. نامراتلىققا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۇدۇللۇق كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق يېزا ـ كەنت ئاھالىسىنى قەرەللىك ھالدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئۇدۇللۇق كۆزىتىپ، «ئۈچ تۈردىكى ئائىلە» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئائىلىلەرگە ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ ـ يۆلەپ، نامراتلىققا يېنىپ كېتىش، نامراتلىشىش خەۋپىنى دائىملىق تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلىدۇق!

مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. يېزىلاردىكى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىدۇق، يېزىلاردىكى 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنى ھەقسىز يەسلىگە ئېلىش بويىچە «ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشقان، ئومۇمىي مەنپەئەتلىك، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ بازار ئولتۇراق رايونلىرىغا يانداشتۇرۇلغان يەسلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ شەھەر ـ يېزىلاردىكى بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتۇق. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرىكىشى، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرىكىشى بويىچە ئەمەلىي مەشىق بازىسى قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپىي مائارىپ گۇرۇھى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئالىي مائارىپنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى مەكتەپ رايونى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىقتىسادىي ياردەم سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 8 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى تارقىتىلدى، مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 6 مىليون 665 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، بۇ يەسلى مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان بارلىق ئوقۇش باسقۇچلىرىنى، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىنى، پۇقراۋى مەكتەپلەرنى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىدى!

داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرتۈش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى سىناق تۈرى بولغان بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭ دوختۇرخانىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى سىناق تۈرى جۇڭسەن داشۆسى قارىمىقىدىكى قەشقەر دوختۇرخانىسى ۋە شىئەن قاتناش داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 ـ دوختۇرخانىنىڭ شىنجاڭ دوختۇرخانىسىنى قۇرۇش تەستىقلاندى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق، ناھىيەلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىچ بولغان ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىدىن 106نى قۇردۇق، بۇ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتىدىن 950نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش نىسبىتى %86.79كە يەتتى. تۇبېركۇليوز كېسىلىگە قارىتا «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇردۇق. نىشانلىق تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇر ۋە يېزا ـ كەنت دوختۇرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ياشانغانلارنى كۈتۈش، بوۋاقلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، داۋالاش بىلەن كۈتۈش بىرلەشكەن ئاپپاراتلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتىگە پائال تۈرتكە بولدۇق.

ئىجتىمائىي كاپالەتنى سىجىل كۈچەيتتۇق. ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 20 مىليون 197 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 557 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ئاشتى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى. پېنسىيۇنېرلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆسۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 731 مىڭ 700 پېنسىيۇنېر ۋە شەھەر ـ يېزىلاردىكى سۇغۇرتىلانغان ئاھالە مەنپەئەتلەندى. شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىدىن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ بازارلاردىكى 1 مىليون 550 مىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى ۋە ئېغىر قىيىنچىلىق سەۋەبلىك بېقىلىدىغان 22 مىڭ كىشىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلەر كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسىنى تارقىتىپ، 346 مىڭ مېيىپكە نەپ يەتكۈزدۇق. ئۆزى خالىغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ بېقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. «شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2021 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)نى تۈزۈپ چىقتۇق، «بىر چەمبىرەك، بىر بەلباغ، بىر توپ» قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق، گۈزەل شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق. شەھەر ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 231 مىڭ 500 شەھەر ـ بازار ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزدۇق؛ كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەپە رايوندىكى 63 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋە 26 مىڭ 100 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلىدۇق؛ 30 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئۆي سېلىپ بېرىپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىدۇق!

بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن گۆدەكلەر يەسلىگە كىرەلەيدىغان، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيسىزلەر ئۆيگە، ئاجىزلار يار ـ يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن ـ كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاندى!

(5) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق

ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلىدۇق. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق ـ مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى، بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلىدۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز، شەھەر ـ بازار تەرەققىياتى پاسىلىدىن ئىبارەت ئۈچ تىزگىنلەش سىزىقىنى ئايرىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا «ئۈچ توسۇق، ئىككى ئايلانما، كۆپ كارىدور» ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسى، «ئىككى بەلباغ، سەككىز رايون» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە «بىر چەمبىرەك، بىر بەلباغ، بىر توپ» شەھەر ـ بازار بوشلۇق ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلدۇق. «ئاپتونوم رايوننىڭ <بىر سىزىق، ئىككى چەك، بىر تىزىملىك> بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ «بىر سىزىق، ئىككى چەك، بىر تىزىملىك» نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلەپ ئۆي سېلىۋېلىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى ئۈنۈملۈك توستۇق.

بۇلغانغان مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە «قىشنىڭ غېمىنى يازدا قىلىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، قىش پەسلىدە پاكىز ئىسسىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق، ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي رايون قىش پەسلىدىكى پاكىز ئىسسىنىش تۈرى ۋە بۇلۇتسىمان شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈلگە تۈرىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مەركەز مالىيەسىنىڭ ئۈچ يىللىق 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن ۋە 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشتى. يەر ئۈستى سۈيى مۇھىت سۈپىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش ۋە دەريا (كۆل)غا بۇلغىما چىقىرىدىغان ئېغىزنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيى مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى باشلاپ، سۇ مەنبە رايونىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردۇق. يېزا تۇرمۇش يۇندىسىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، %32.42 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش يۇندىسى بىر تەرەپ قىلىندى. تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەدىكى كارخانىلار ئىشلەتكەن يەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىدۇق. داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتتۇق، خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. مەركەز مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا قايتا قاراپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن بىرلىشىپ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ـ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى رايونىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، جەمئىي 549 پارچە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا كۈن سانى نىسبىتىنى %74.6كە، يەر ئۈستى سۈيى سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتىنى %94.5كە يەتكۈزۈپ، دۆلەت چۈشۈرگەن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى تاماملىدۇق.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون چوققا قىممەتكە يېتىش ھەرىكەت لايىھەسى ۋە “1+N” سىياسەت سىستېمىسى لايىھەسىنى تۈزۈپ، «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، «ئازايتىش، بوشىتىش، تىزگىنلەش، قىسقارتىش، تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش»نى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتۇق. شەرقىي جۇڭغار، شىمالىي قومۇل، جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق. نۇقتىلىق ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئايلانما ئىقتىساد سىناق نۇقتا ئورنى بەرپا قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئاساسلىق زىرائەتلەردە يېشىل ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نىسبىتىنى %42كە يەتكۈزدۇق، مەملىكەتلىك يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىمىز 93كە، كۆلىمى 13 مىليون 689 مىڭ 100 موغا يەتتى. شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى يېشىل تەرەققىيات ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق ئىمارەتلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %35.75كە يېتىپ، 9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى تاماملىدۇق. تارىم دەريا ۋادىسىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، سۇ تولۇقلاشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق، سۇغىرىلغان تەبىئىي توغراقلىق جەمئىي 3 مىليون 290 مىڭ مو بولدى. ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى يىغىپ ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، دەريا جىلغىسىدىكى 1 مىليون 690 مىڭ مو ئورمان ـ ئوتلاقنى سۇغاردۇق. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ مۇھىم مەنبە ئېقىن رايونىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى مەركەز مالىيەسىنىڭ قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ مەدىتىگە ئېرىشتى. ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورناتتۇق. تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش ۋە چېكىنگەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تۈزەشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، تۈزەش بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچىلارنىڭ ھەممىسىنى چېقىۋېتىپ، يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق. 2 مىليون 265 مىڭ مو كۆلەمدىكى كۆل، سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق؛ 2 مىليون 650 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش، 6 مىليون 340 مىڭ مو ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ـ تۈزەش، 570 مىڭ مو تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى تاماملىدۇق، جەمئىي 6 مىليون 599 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزىدۇق، چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىنى تۇنجى قېتىم «قوش ئازايتىش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى!

(6) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»، دىراما «لىن جىلۇ»، ئەدەبىي ئاخبارات «خۇڭشاخې دەرياسى»، سىمفونىيە «تيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسىرىنى مەيدانغا كەلتۈردۇق، «ئالتۇن توغراق» مەملىكەت بويىچە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرىكى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۇسسۇل «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» «نېلۇپەر مۇكاپاتى» بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىدا گۈللەنگەن، راۋاجلانغان جانلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى! مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى» قېزىش تۈرىدىن 15نى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن 20 نەچچە تۈرنى يولغا قويدۇق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق دەلىللەپ، تارىخ ئارقىلىق پوزىتسىيە بىلدۈردۇق، «بەش يۇلتۇز شەرقتىن كۆتۈرۈلسە، جۇڭگوغا نەپ يېتىدۇ − خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى» 18 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ مۇزېي كۆرگەزمىسىنىڭ نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش· شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» كۆرگەزمە پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» قاتارلىق نومۇرلارنى بەلگىلەنگەن مەيداندا قويدۇق، تۇنجى مەدەنىيەت ـ ساياھەت قىسقا ئۇنىۋېرسال سەنئەت ئەسىرى «ناخشا ساداسىغا جور بولۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»نى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، چېكىلىش مىقدارى جەمئىي 320 مىليون قېتىمغا يەتتى. دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئىنقىلابىي خارابىلەر، مۇزېي قاتارلىقلارغا تايىنىپ، قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دىن 52نى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق، ئۈچ قىزىل ساياھەت نادىر لىنىيەسى مەملىكەتلىك «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى قىزىل ساياھەت 100 نادىر لىنىيەسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ھەقىقىي «جان كىرگۈزدۇق». «تۈمەنلىگەن كەنت، مىڭلىغان يېزىلاردا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە بېيىتتۇق!

ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، «ئانارنىڭ دانىسى» مەدەنىيەت شۆبە ئەترىتى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، «كۆچمە مۇزېي» سەييارە كۆرگەزمىسىنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنى (پونكىتى)، يېزا ـ بازار (كەنت) ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، يېزا ـ كەنت چوڭ سەھنىسى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، قاتنىشىشقا قولاي بولغان بىر قاتار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك 5 مۇزېي پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى، تۈرلۈك مۇزېي، خاتىرە سارىيى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچىلەر 20 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى بوشاشماي ئالغا بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 2 مىس مېدال ئالدى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 8 ـ نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئايرىم ـ ئايرىم 7 ئالتۇن مېدال، 7 كۈمۈش مېدال، 7 مىس مېدال ۋە 23 ئالتۇن مېدال، 15 كۈمۈش مېدال، 23 مىس مېدال ئېلىشتەك ئەلا نەتىجە بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور تارىخىي بۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى!

(7) پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ـ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولغان ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدۇق

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سىجىل كۈچەيتتۇق. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر ـ ئاممىنىڭ توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويدۇق، 3 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 28 ناھىيە، شەھەر، ئورۇنغا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون ـ ئۈلگە ئورۇن دەپ نام بېرىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇندىن 81ى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدىن 14ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇندىن 191ى قۇرۇلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايوننى ئورتاق بەرپا قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 600 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر «ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقە باغلاش، بىر دوستلىشىش» پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى، 383 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئوقۇتقۇچى 4 مىليون 510 مىڭ ئوقۇغۇچى بىلەن قوشماقلىشىپ دوستلاشتى. مىللەتلەر ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلىشىپ ياشايدىغان كەنت (مەھەللە)تىن 4783نى، ئولتۇراق رايوندىن 9223نى قۇرۇپ چىقىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

دىن ساھەسىنىڭ ئېجىل ـ ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردۇق. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدۇق. دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق كاپالەت تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش ۋە تارقىلىش، سىڭىش تۇپرىقىنى ئەڭ زور چەكتە تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئەڭ زور چەكتە قوغدىدۇق!

(8) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق

پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىدۇق. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى «10+10»خىزمەت تىزىملىك ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىنى ھەل قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدۇق.

قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 6 يەرلىك نىزامنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 5نى تۈزدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 6 پارچىنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپىدىن 17 پارچىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 406 پارچىنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىدىن 615 پارچىنى بېجىردۇق. 14 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تۈزدۇق، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 ـ يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»نى تارقىتىپ يولغا قويدۇق، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت 133 تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلاننى تۈزدۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، قاراماي شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدە مەملىكەت بويىچە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە رايوننى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى «ئۈچ تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئورۇننى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بويىچە ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆججەت بولسا جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق.

ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتتۇق. ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق تۈر، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ھۆددە ئېلىش ـ ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا، تۈر ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتتۇق. مۇھىم، زور تۈر، مۇھىم، زور سۇپا، مۇھىم، زور كەسىپ، مۇھىم زور ئىسلاھات، مۇھىم، زور سىياسەت ۋە نۇقتىلىق ئامىلدىن ئىبارەت «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 14 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىلەرنى يىلغا ئايرىپ، يىللىق ۋەزىپىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىكتىكى ۋەزىپىلەر بويىچە مەسئۇلىيەتنى بېكىتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەخسۇس تۈردىكى خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىش، نەق مەيداندا خىزمەت بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتۇق. يىغىن، پائالىيەت، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتۇق. جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى+نازارەتچىلىك» سۇپىسىدا ئامما سۆز قالدۇرۇپ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 2919نى تەكشۈرۈپ بېجىردۇق، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن 1744نى ھەل قىلدۇق، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسىدە ئامما ئىنكاس قىلغان جەمئىي 2900دىن ئارتۇق ئەرز ـ شىكايەتنى تەكشۈرۈپ بېجىردۇق. ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش ئىدىيەسىنى باشتىن ـ ئاخىر پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىكى چىقىم خامچوتىنى %8.4 قىسقارتتۇق، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجەت خامچوتىنى %7.2 قىسقارتتۇق.

پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتتۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش» «تۆت ناچار كەيپىيات»نى سىجىل تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە تۈزىتىشنى قاتتىق، ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىشتىن قەتئىي ساقلاندۇق. قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەتتۇق. ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى ئەينەك قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى ئاگاھلاندۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى رىغبەتلەندۈرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تەرەققىي قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىدا يېڭى يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تەرەققىي قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ يېڭى بالداققا كۆتۈرۈپ، خەلقنى يېڭى بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق ئالاھىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. 2021 ـ يىلى، بىڭتۇەن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %8 ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنى %21.64 ئاشۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %16.2 ئاشۇرۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى %11.3 ئاشۇرۇپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئايرىم ـ ئايرىم %5.6، %11.7 ئاشۇرۇپ، 14 ـ بەش يىلنى ياخشى باشلىدى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىز مەملىكەتلىك 8 ـ قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنما، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرگە ئۇزىرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا 17 مىليارد 430 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 2217نى يولغا قويدى. مەركەز كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، 14 ـ بەش يىلدا شىنجاڭغا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنى تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ـ كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خالىس ياردىمىنى ھەمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى. بىز دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىسىملارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئېتىبار ـ نەپىقە بېرىش ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ـ كاپالەتلەندۈرۈش، ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا توختىمىدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى سىڭگەن. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارغا، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر ـ جەڭچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ـ ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ـ شەھەرلەر، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، مەدەت بېرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىگە سېلىشتۇرغاندا، تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتىدە يەنە بەزى مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز يېتەرلىك ئەمەس، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى يەنە تېزلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ئۈچۈن سىجىل كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كەمتۈكلۈك، ئاجىزلىق بار، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، قانۇنچىللىق ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، بەزى كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى كۈچلۈك ئەمەس، ئىستىلى دېگەندەك پۇختا ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرگە جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىپ ۋە تۈزىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز!

2. 2022 ـ يىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر

بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئاخىرقى بىر يىل، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتىدا بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز، بىر قاتار مۇھىم، زور پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىككىمۇ يۈزلىنىمىز. بىر تەرەپتىن، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلەشتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى كەڭ، چوڭقۇر بولدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ، كەسكىنلىشىپ ۋە ئېنىقسىزلىشىپ بارىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياج ئازىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتەك ئۈچ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن، مۇرەككەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ كاشىلىسى، بۇزغۇنچىلىقى ھېلىھەم مەۋجۇت، ئامېرىكا، غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان بوھتان، بېسىملىرى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كەسىپ قۇرۇلمىسى سالمىقى ئېغىرراق، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت چەكلىمىسى كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ، يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش قاتارلىق بوغما ھالەت چەكلىمىلىرى ھېلىھەم گەۋدىلىك. يەنە بىر تەرەپتىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى بىر قاتار تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەتكە ۋە ئۆزگىچە، پەۋقۇلئاددە ئەۋزەللىككە ئىگە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى بېكىتىپ ھەم ئېنىق سىياسەت يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قائىدىنى تۈزۈپ بەردى. بىز «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشىدە، دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، مۇھىم، زور پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىرادە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز!

2022 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتنى ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشى، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت ئاسايىشلىققا، خەلق بەخت ـ سائادەتكە تولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش.

2022 ـ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئاپتونوم رايون بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %10تىن يۇقىرى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %7، %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىشىنى %3 ئەتراپىدا ساقلاش، شەھەر ـ بازاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر ـ بازاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 16 مىليون 500 مىڭ توننىدىن كېمەيتىۋەتمەسلىك، ئاساسلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئاتموسفېرا، سۇ مۇھىت سۈپىتىدە دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان ـ ۋەزىپىنى ئورۇنداش. يۇقىرىدىكى كۆزلىمە نىشاننى بېكىتىشتە، رايون ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ھەر تەرەپتىن ئويلاشتۇق، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەلىپىنى نامايان قىلدۇق، بۇ تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى يېتەكلەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە، خەۋپ ـ خەتەردىن ساقلىنىشقا پايدىلىق، ھەر تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت جەھەتتە پۇختا قەدەم بىلەن يۈكسىلىشىگە ۋە مىقدار جەھەتتە مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. بىز دىققىتىمىزنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، تۆۋەندىكى 10 جەھەتتىكى خىزمەتنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىمىز:

(1) ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭ ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز

يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئۆزگىچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈشكە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە، داڭلىق ماركا يارىتىشقا ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. قەتئىي تۈردە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە مەھكەم ئالىمىز، ئاشلىق، كۆكتاتقا پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلايمىز، قەتئىي تۈردە تېرىلغۇ يەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش، ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىمىز. بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىمىز، «ئۈچ ئويمانلىق، بىر جىلغا» ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرىمىز، ھەم ئاشلىق، ھەم يەم ـ خەشەك بولىدىغان كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 34 مىليون موغا مۇقىملاشتۇرىمىز، 5 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن بەرپا قىلىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىلىدىغان كۆلەم 1 مىليون 415 مىڭ مو. دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ بازىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، سورت قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتلىك تاۋار پاختا تەمىناتىنى 5 مىليون توننىدىن مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. باغۋەنچىلىكتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز، باغۋەنچىلىكتە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا، بازارلاشقان تىجارەتكە، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ «ئالتۇن ماركا»سىنى يەنىمۇ نۇرلاندۇرىمىز. دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، ئوتلاق ئېكولوگىيە چارۋىچىلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يەم ـ خەشەك بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۆش كالىسى، گۆش قويى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، سۈتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تىرىك چوشقا كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئۆز جايىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ئات، ئېشەك، تۆگە، كەپتەر ئۆزگىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىشىغا، تەمىنلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، «4 مىليون مو» ئۇرۇقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كەسىپلەر توپى، كەسىپ باغچە رايونى ۋە كەسىپتە كۈچلۈك بازار قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى پائال ئېچىپ، شىنجاڭچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى، كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز.

سانائەتتە ئۇلنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئەۋزەل ساھەدىكى كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئۇلىنى يەنە يارىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا، توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولىمىز. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرىمىز، يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز، ئۈزۈم ھارىقى، سۈت ياسالمىلىرى، ئاتچىلىق، مىللىي تېبابەت ـ دورىگەرلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، داڭلىق ماركا يارىتىپ، كەسىپ ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. «ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، تيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تىرىليون كۇب مېتىر چوڭ گازلىق رايونى ۋە جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى گۇرۇھىنىڭ كۇچادىكى 20 مىڭ توننىلىق فوتوۋولتلۇق ھىدروگېن ئىشلەش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق تۈرتكە بولىمىز، مايتاغ نېفىت خىمىيەسىنىڭ 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى گۇرۇھى تارىم نېفىت ئايرىش شىركىتىنىڭ 1 مىليون توننىلىق ئېتىلېن ئىشلەش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. ئېنېرگىيە، خىمىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت، ئېلېكتىر كۈچى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنولوگىيەنى ياخشىلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. نېفىت، نېفىت خىمىيەسى، كۆمۈر خىمىيەسى سانائىتى، سىلىتسىي ئاساسى، رەڭلىك مېتال قاتارلىق بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. قاراماينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك بايلىق توپلانما رايونىدا تىپ ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈلگە سىناق رايونى قۇرۇشىنى قوللايمىز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى نېفىت، نېفىت خىمىيەسى كەسپى بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، نېفىت، نېفىت ئايرىشنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېڭى ماتېرىيال، سەرخىل جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت قوغداش قاتارلىق كەسىپلەرنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ توپلانما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. رەقەملىك شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز، 5G تورى بىلەن قاپلاش ۋە قوللىنىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، «بېيدوۋ» يول باشلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، رەقەمنىڭ كەسىپلىشىشى، كەسىپنىڭ رەقەملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىر تۈركۈم كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىشتۈرىمىز. ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرىمىز. شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى، نېفىت خىمىيەسى سانائىتى، كۆمۈر خىمىيەسى سانائىتى كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىمىز، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، بوياش، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، پاختا، خىمىيەلىك تالا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ قۇرىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز؛ سىلىتسىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيالنىڭ فوتوۋولت، سىلىتسىي قېتىشمىسى، سىلىتسىي خىمىيە سانائىتى، سىلىتسىي ئېلېكتىرون كەسپى قاتارلىق ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىگە قاراپ ئۇزىرىشى، تولۇقلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ساياھەتچىلىك مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت بازىرى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى پۇرسەت قىلىپ، قار ـ مۇز ساياھىتىنى زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز، جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. دۇنيا مىراس مەنزىرە رايونلىرى، Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەت ئۈلگە رايونلىرى، ساياھەت ئارامگاھى قاتارلىق ساياھەت ماركىسىنى يېتىشتۈرىمىز. بىر تۈركۈم ئۆزگىچىلىكى روشەن ساياھەت ئىستىراھەت كوچا ـ رايونىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز، سەھرا ساياھىتى، قىزىل ساياھەت ۋە تەتقىقات ـ ئۆگىنىش ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، يېڭى لىنىيەلىرى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ساياھىتى يۇغۇرما ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، 2022 ـ يىلى كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىنى 250 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، ئەشيا تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئاخىرقى تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ياشانغانلارنى كۈتۈش، بوۋاقلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، مەھەللە مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت ـ كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە مۇلازىمىتى، ياتاق، يېمەك ـ ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى ئاساسلىق يۈكلەنمە رايون قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەتنىڭ قوش يارىتىش ئۈلگە بازىسى، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، دۆلەت كىلىنىكا تېببىي ئىلىم تەتقىقات مەركىزى، دۆلەت كارخانا تېخنىكا مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى يېتىشتۈرىمىز، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئاچقۇچلۇق ـ يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىمىز، يېڭىچە تەتقىقات ـ ئېچىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈرىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەپ باشقۇرۇش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، «ئىقتىدارلىقلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش» «بەيگە» پەن ـ تېخنىكا تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىمىز. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدىغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشى، قوشۇمچە مائاش ئېلىشى، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس ـ بەستە ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تولۇق ئىشقا سالىمىز! ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتنى يېتەكلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ، ئىشلىتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشەنچ ئاساسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مېخانىزمىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇپ يېتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قابىل ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئىشقا قويۇپ، شىنجاڭنى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان، نى ـ نى ئىشلارنى قىلىدىغان قايناق ماكانغا ئايلاندۇرىمىز!

(2) ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچەيمىز

ئۈنۈملۈك سېلىنما ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمىز. مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، بازارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىمىز، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەدىكى چەكلىمىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىمىز، تۈرلەردە بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. تۈر قۇرۇلۇشىدا «ئون چوڭ مېخانىزم»نى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئۇل ئەسلىھەگە ئالدىن مۇۋاپىق مەبلەغ سالىمىز، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى كاپالەتلەندۈرىمىز، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى پائال قولغا كەلتۈرىمىز، ياخشى ئىشلىتىمىز، مەبلەغ، يەر، ئېنېرگىيە قاتارلىق زۆرۈر ئامىللار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، تۈرلەردە ئىش باشلاش نىسبىتى، سېلىنمىنى ئورۇنداش نىسبىتى، زاپاس تۈرلەرنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز، ماددىي بۇيۇم خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز، «بىر تۈركۈمىدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمىنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمىنى پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز، سېلىنما تۈرتكىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىش تېز بولۇش»نى چۆرىدەپ، دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى سىنىقىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز، غۇلجا − ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ − ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولى 2 ـ لىنىيەسىنى كۆپەيتىش ۋە 6 ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) تاشيولنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلايمىز، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق داۋاملاشما تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، G3033كۈيتۈن − مايتاغ − كۇچا تاشيولى، گۇما ئايرودۇرۇمى تۈرى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. چىرا دەرياسى كوئېنلۇن سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ تىزگىنلىمە سۇچىلىق تۈگۈنى ۋە چوڭ ـ چوڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، خوتەن دەرياسى سۇغىرىش رايونى، سەنتۈنخې دەرياسى سۇغىرىش رايونى قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونىنى داۋاملىق يانداشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 ـ لىنىيەسى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 ـ لىنىيە قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولىمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. 750 كىلوۋولتلۇق غول لىنىيە توك تورىنى كۈچەيتىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يېزا ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەيمىز، يۈكسەلدۈرىمىز. چۆل ـ باياۋانغا تايىنىپ چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش بازىسى قۇرىمىز، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە يىغىش، ئېلېكتىروخىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش، رەقەملەشكەن ئەقلىي ئېلېكتىر تورى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇپ ئىجاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ قوللىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، 5G تور قۇرۇلۇشى، مۇقىم كەڭ بەلباغ تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسى 2 ـ قەرەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى نۇقتىلىق يولغا قويىمىز، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. بىر تۈركۈم شەھەر توپى ۋە رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەر ۋە كىچىك شەھەر ـ بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. شەھەرنىڭ يېڭىلىنىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، شەھەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، مەھەللىدە 15 مىنۇتلۇق تۇرمۇش مۇلازىمەت چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىمىز. زامانىۋى شەھەر ـ بازار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ ئاھالىنى سىغدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ناھىيە دائىرىسىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، شەھەر ـ بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈشى، شەھەر ـ بازار ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىنى تېزلىتىمىز، ناھىيە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز، ئۆي ـ زېمىن كەسپىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئىستېمالنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆرلەش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىمىز، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ساياھەت ئىستېمالى، ئاپتوموبىل ئىستېمالى، تۇرالغۇ ئىستېمالى، يېڭىچە ئىستېمال، شەھەر ـ يېزا ئىستېمالىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. شەھەر ـ يېزا ئىستېمال تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ناھىيە سودا سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، مەھەللە سودىسىنى گۈللەندۈرىمىز، راۋاجلاندۇرىمىز، شەھەر ـ يېزا سودا تور ـ نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرىمىز، يېزا يوللانما، ئەشيا ئوبوروت سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، «تېز يوللانمىنى كەنتكە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ھەممە يېزىدا تور ـ نۇقتا بولۇش، ھەممە كەنتتە مۇلازىمەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، شەھەر ـ يېزا تەقسىملەش ـ يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرىمىز، يېزا ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرىمىز. ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۆزگىچە سودا چەمبىرىكى ۋە ئۆزگىچە كوچا ـ رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، شارائىتى بار جايلارنىڭ يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشىگە ۋە كونىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىمىز، ئاپتوموبىل، نىمكەش ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى قوزغىتىمىز، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئىلھام بېرىمىز، مۇتلەق ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا مەدەت بېرىمىز، كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. يېڭىچە ئىستېمالنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. تور ئىچى ـ سىرتى كۆرگەزمە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرىمىز، توردا پارچە سېتىش، تەربىيەلەش، داۋالاش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى پائال يېتىشتۈرىمىز، تور سودىسىدا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە يېتىشتۈرىمىز، تەرەققىي قىلدۇرىمىز، «توردا بىۋاسىتە مال تونۇشتۇرۇش»نىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز، ئىستېمال يېڭى سورۇنلىرىنى كېڭەيتىمىز، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىشتۈرىمىز.

(3) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىمىز. مۇستەھكەملەيدىغان، يۈكسەلدۈرىدىغان 35 ناھىيەنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتىمىز، «تۆتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئاساسلىق ياردەم ـ يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايمىز؛ نامراتلىققا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ توسۇش بويىچە جانلىق كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەزلەشتۈرۈپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بويىچە كېيىنكى باھالاشنى قانات يايدۇرىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتىمىز، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە دائىملىق ياردەم بېرىش ـ يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، «ئۈچ خىل ئائىلە»نى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى نورمال قانات يايدۇرىمىز، نامراتلىققا يېنىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار دېھقان ئائىلىلىرىنى تولۇق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، كۆلەملىك نامراتلىققا يېنىپ كەتمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز؛ دىققەتنى نامراتلار كۆچۈرۈلۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسلىق يېتەكچى كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى تۇراقلاشتۇرىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، تەدرىجىي بېيىتىمىز. 20 ئۈلگە يېتەكچى ناھىيە، 100 ئۈلگە يېزا ـ بازار، 1000 ئۈلگە كەنت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتىمىز، ئاۋۋال ئىشلەش ـ سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، پۈتۈن دائىرە بويىچە قۇرۇش، ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك تۈزەشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرىمىز، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر تۈركۈم ئۈلگە كەنتلەرنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ چىقىمىز. پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلىنىۋاتقان 38 ناھىيەنى ئوبدان تۇتىمىز، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپنى كۈچەيتىش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

يېزا ـ كەنتتە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك كەسپى نۇقتىلىق زەنجىرىنى بەرپا قىلىمىز، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپ نۇقتىلىق زەنجىرىدىن بىرنەچچىنى يېتىشتۈرۈشىگە، تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان جايلاردا ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرىمىز، زورايتىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇلىنى تېخىمۇ پۇختىلايمىز، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز. يېزا ـ كەنت ساياھىتى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ساغلام كۈتۈنۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئەمەلىي كۈچى بار يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ يەر ئوبوروتىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىمىز ۋە قوللايمىز، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، كەسىپلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز، يېزا يەرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا يەرلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك يېزا قۇرۇپ چىقىمىز؛ يېزا سۇ تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يېزا سۇ تەمىناتىدا «مەنبەدىن جۈمەككىچە» يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئاسراش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىدىن سۇ تەمىنات كاپالىتىگە بۇرۇلۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلاردا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ـ يۈكسەلدۈرۈش بەش يىللىق ھەرىكىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي يولغا قويىمىز، يېزا ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز، 1000 كەنتنىڭ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، تۇرمۇش يۇندىسى، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز، تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزىمىز، كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرىمىز، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىككىنچى قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىك قەرەلى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز، كېڭەيتىمىز، ئائىلە ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىپ تەسىس قىلىش»نى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىمىز، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈر ئامىللىرى بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، يېزىلاردا ئېغىر ئۇيقۇدىكى مۈلۈكنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرىمىز!

(4) «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىمىز

«رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. «ئالاقە تورى+ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى»نى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «ئاممىنى يول ماڭدۇرۇش»نىڭ ئورنىغا «سانلىق مەلۇماتنى ئىشقا سېلىش»نى دەسسىتىمىز. مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى بىر توردىلا بېجىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇش ۋە قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، «باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇش، شىنجاڭ ئىچىدە بېجىرىش» ئۇسۇلىنى كېڭەيتىمىز. «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، قېلىپلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. خەلققە قولاي كۆچمە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى يان تېلېفوندا بېجىرىشكە تۈرتكە بولىمىز. مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىكى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتىنى قوللىنىش مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سانلىق مەلۇماتتىن تەرتىپلىك ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئاممىۋى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ تەڭ پايدىلىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، سودىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ۋە سودا سانلىق مەلۇماتىنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. «12345» مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ماركىسىنى جۇلالاندۇرىمىز، «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىق لىنىيەدە قوبۇل قىلىپ بېجىرىش بىلەن ئارقا سۇپىدا بېجىرىش مۇلازىمىتىنىڭ زىچ جىپسىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز.

تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتى ۋە سېلىنما ساھەسىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، كارخانىغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازەتنامىسى تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوتتۇراھال، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئاددىي تەرتىپتە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىش بېجىرىش قولايلىقى ۋە كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، كۆپ بەلگىلىمىنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ چېرتىيوژنى قوشۇپ تەكشۈرۈش، بىرلەشمە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۇسۇللىرىنى يولغا قويىمىز، 2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا قۇرۇلۇش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرۈكىنى 30دىن 60قىچە بولغان خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىمىز. ئېلېكتىرون، ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ۋە ئوبوروت باشقۇرۇش بويىچە پۈتۈن جەريانلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى قۇرۇش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويىمىز، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە باراۋەر رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇلنى ئېنىقلاپ بىكار قىلىپ، ئادەم يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشۈشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇلۇشىنىڭ قولايلىقى، راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ دائىملاشقان پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىغا دائىر ئەرز ـ شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز. كارخانىغا چېتىشلىق ھەقنى سىجىل ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرىمىز، قەرز پۇلنى يامان غەرەزدە نېسى قىلىش، قەرزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، قەرزنى بىكار قىلىش قىلمىشلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈزەيمىز. سەمىمىي ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت كارخانىلىرى نېسى قىلغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز، «يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولماسلىق»نى قەتئىي توسىمىز!

تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورۇندايمىز. نۇقتىلىق ھالدا دۆلەت كاپىتالى سېلىنما قىلىنغان شىركەت يۈرۈشتۈرۈش سىنىقىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، بازارلاشقان تىجارەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكىنى تولدۇرۇشىغا، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت كاپىتالىنىڭ كەسىپلەرگە جايلىشىشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، پۇقراۋى ئىگىلىكنى سىجىل زورايتىمىز. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يېڭى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، كۆپرەك چارە ـ ئامال ئويلاپ، كۆپرەك چارە ـ تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىمىز، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرىمىز. پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىمىز.

(5) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى بەرپا قىلىمىز

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش تۈگۈنى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «خوتەن − قەشقەر − ئۈرۈمچى يىغىپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى»نىڭ دائىملىق يولغا چىقىشىنى قوللايمىز، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، پورت ئەتراپىدىكى كەسىپ باغچە رايونى، يانداش كەسىپ باغچە رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ باغچە رايونى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، غەربكە قارىتىلغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلەندۈرىمىز. دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ئوبدان پايدىلىنىپ، «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ باغچە رايونىنى تېز بەرپا قىلىپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىل ئۇلانما تىرانسپورتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ ئۇل ئەسلىھە، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، ئۈلگىلىك، سىمۋوللۇق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، ياۋروپا − ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، رايون بويىچە باشلامچى بولغان مەدەنىيەت ـ پەن ـ مائارىپ مەركىزى، ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىدىغان داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلىسى مەركىزىنى پائال بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى تۇتاشتۇرىدىغان قوش ئايلىنىش مۇھىم سۇپىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز. چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئۆزگىچە پورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆجۈملەشكەن ئىمپورت ـ ئېكسپورت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ئىمپورت ـ ئېكسپورت بايلىقلىرىنى پىششىقلاش رايونلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، «يول ئىقتىسادى»نى «كەسىپ ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، «غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرقتىن كەلتۈرۈش» «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش»تەك رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىمىز. 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ئوبدان تۇتۇپ، پورت ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىمىز، ئەنئەنىۋى تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، چەت ئەلدە ئامبىرى بار بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، شۇ جايدا بىر تۈركۈم سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئېكسپورت نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. سودىگەر چاقىرىش ـ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى تولۇق تەتبىقلاپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپ بويىچە زەنجىر ئۇزارتىش ، زەنجىر تولۇقلاش، زەنجىر كېڭەيتىش، زەنجىر كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، قاراتمىلىق ھالدا كىچىك ئەترەت ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، بۇلۇت ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، تۈر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، سودىگەر ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىمىز، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان سودىگەر چاقىرىش ھەمكارلىقى، كەسىپ ھەمكارلىقى، باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز، سىياسەت، يەر تەمىناتى، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلار كەسپىنىڭ ئۆمەك شەكلىدە، زەنجىر شەكلىدە، توپلىشىش شەكلىدە يۆتكىلىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك زۆرۈر ئامىللارنى شىنجاڭغا توپلىنىشقا، كەسىپلەرنى شىنجاڭغا يۆتكىلىشكە، كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز شەكىللەندۈرىمىز!

(6) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق چوڭقۇر، ياخشى قىلىمىز. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى ئوبدان قىلىمىز. كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماس تىزگىنلەش ۋە رايوننى ماس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو»، ئىلى دەريا ۋادىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى بىرىكمە بۇلغىمىنى تۈزەشنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش پەن ـ تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، رايون ئاتموسفېرا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىرتۇتاش تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خىمىيەلىك ئوكسىگېن ئېھتىياجى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق ئاساسلىق سۇ بۇلغىمىسى ئومۇمىي مىقدارىنى داۋاملىق ئازايتىمىز. ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ھەرىكىتىنى سىجىل، چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېغىر مېتال بۇلغىمىسىنى ئازايتىش ۋە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە مۇھىتنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قانۇن ئىجراسى، كۆزىتىش ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرىمىز.

ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ ـ تۇپراقنى ساقلاش بويىچە داۋاملىق ھەر تەرەپلىمە تۈزەپ، تارىم ۋادىسى، ئېبنۇر كۆلى ۋادىسىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىمىز، زېمىننى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، چۆل، ئوتلاقنى تۈزەش ۋە سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ـ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرۈش ۋە تېرىلغۇدىن سۇ بايلىقىغا قايتۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، ياۋايى ھايۋان ـ ياۋا ئۆسۈملۈك مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرىمىز. 1 مىليون مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىمىز، 3 مىليون 110 مىڭ مو يەردە يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرىمىز، 1 مىليون 50 مىڭ مو يەردىكى ناچارلاشقان ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز ۋە تۈزەيمىز، 4 مىليون مو قۇملاشقان تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. كاربون چوققا قىممەتكە يېتىش، كاربون نېيتراللىشىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشنى دائىملىق ياخشى تۇتىمىز، شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، كۆمۈردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىش ۋە كۆمۈر ـ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز. «ئىككى يۇقىرى» تۈرلەرنى دەل جايىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى بويىچە «قوش تىزگىنلەش» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز، تىزگىنلەشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي تىزگىنلەيمىز». ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىتنى قوغداش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پولات ـ تۆمۈر، نېفىت خىمىيەسى، خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %45كە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتىنى %75تىن كۆپرەككە، شۇ پەسىلدىكى ئېتىز ـ ئېرىقتىكى كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %82كە يەتكۈزىمىز. قۇراشتۇرما ئىمارەتنى كۆپەيتىمىز، يېشىل ئىمارەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە ئىمارەتتە ئېنېرگىيە تېجەيمىز. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىمىز. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تېجەشلىك بولۇش گۈزەل ئەخلاق دەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەيمىز ۋە باشلايمىز. ئاددىي، لايىقىدا بولغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، پاكىز سۇ ئىچىش، ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان مۇھىتتا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز!

(7) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز

ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىمىز. ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشۇرما مىقدارنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما قاتارلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىدىكىلەرنى ئۇدۇللۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تەربىيەلەيمىز؛ تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەربىر كىشىگە بىر ماھارەت ئىگىلىتىپ، ھەربىر ئائىلىدىن ھېچبولمىغاندا بىر كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز!

مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك ياخشى باشقۇرىمىز. مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز. يەسلى مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى يەسلى مائارىپى بايلىقى تەمىناتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرىمىز؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىمىز؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىمىز؛ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەربىيەلەشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «زاكازلىق» ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز؛ ئالىي مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىنىستىرلىق ـ ئاپتونوم رايون بىرلىكتە قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ ۋە قوللىنىشچان تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى خاتىرجەم، قىزغىنلىق بىلەن قانات يايدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى باراۋەر، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىمىز!

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ساقلىق ساقلاش ـ ساغلاملىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش»تەك بىر ئورۇندا ھېسابات قىلىشنى يېزا نوپۇسىدىكىلەردىن سىناق رايونىدىكى شەھەر ـ بازار ئاھالىسىگىچە كېڭەيتىمىز. ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل، كەسپىي كېسەل بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ داۋالاش، قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. جۇڭگو تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ـ دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى ۋە ئانا ـ بالىلار ساغلاملىقى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھەرىكەت ئارقىلىق ساغلام بولۇش يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، تەنتەربىيە بىلەن ساقلىق ساقلاشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىنىڭ «تائام بىخەتەرلىكى»نى ھەقىقىي ئوبدان قوغدايمىز!

ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى بىردەك %95تىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملىمە فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە، ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما كېسەل، ئالاھىدە كېسەل خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. شەھەر ـ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش كاپالىتى ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چېتىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاياللار ـ بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى، نەپىقە ـ ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ياشانغانلار كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئاكتىپ يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ياشانغانلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز.

ئەمىن ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرىمىز. تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاق ئىجارىلىك ئۆي بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىمىز. كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن 31 مىڭ 700 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، 53 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيى سالىمىز، شەھەر ـ بازاردىكى 98 مىڭ 400 ئائىلىلىك كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىمىز. شەھەر ـ بازار كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، 1273 كونا ئولتۇراق رايوندىكى 203 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، كونا ئولتۇراق رايوندىكى ئۆيلەرگە لىفىت ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

«كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلايمىز. «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 ـ قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 210 مىڭ ئائىلىلىك يىللىق ۋەزىپىنى ئورۇندايمىز. چېگرا بويىدىكى رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگراغا يېقىن يېڭى كەنت، نۇقتىلىق شەھەر ـ بازار ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز، ئۇل ئەسلىھە، كەسىپ تەرەققىياتى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

(8) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەيمىز

يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تىكلەشكە دائىر تەتقىقات، ئىزاھات ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەشۋىق ـ تەربىيەسى ۋە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرىمىز، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايونلارنى ئاكتىپ بەرپا قىلىمىز. ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

دىن خىزمىتىنى پۇختا، ئوبدان ئىشلەيمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنى ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى چەكلەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىمىز. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2021 ـ يىلىدىن 2030 ـ يىلىغىچە)»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈنمە ئوبرازىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭنى نادىر رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» «تور ئۈن ـ سىن ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق سۆزلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، ئائىلىگە كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت ئەدەبىيات ـ سەنئەت يۇرتى ـ ئۆمىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرۇلغان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرىمىز، مەدەنىيەت ئىجادىي ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىلىكلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي ئىچكى مەزمۇنلارنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق دەلىللەپ، تارىخ ئارقىلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز.

(9) بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز، كۆمۈر، نېفىت، گاز قاتارلىق قېزىلما بايلىقىنى ئورتاق ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ پايدىلىنىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ «مەمۇرىيەت» فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئەۋزەللىكتە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئەسلىھەنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان يېپيېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز!

بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى ـ بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇملۇقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيەت خىزمىتىگە قويغان ئاساستا پىلانلايمىز ۋە ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە سىڭىشىمىز، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىشنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش، شەھەر ـ بازار قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پىچلىق، ئۈلگە رايونىلىق ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز!

(10) تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىمىز

ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز. باشتىن ـ ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىمىز، دائىم ھوشيار بولىمىز، باشتىن ـ ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كىرىچىنى چىڭىتىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىگە يېنىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز! سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، جىنايەتكە زەربە بېرىمىز، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىمىز، زىددىيەتنى ھەل قىلىمىز. تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت ـ ماجىرالارغا دائىر كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىش، ھەل قىلىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!

يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرىمىز. تاشقى جەھەتتە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە خېمىغا يېنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئومۇمىي تاكتىكىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز. كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، پورتلارنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى چىڭىتىمىز، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تاكتىكىسى، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى، يولغا قويۇش سىجىللىقىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشى، تارقىلىشىنى تەكشۈرۈشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دەللىكى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇش، ساغلاملىق كودى بويىچە «بىر كود بىلەن يۈرۈش»تە چىڭ تۇرىمىز، تەرتىپنى ساقلاش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشنىڭ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىز، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەرىجە تۈرىگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئىشلەيمىز، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، ئادەم يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!

مۇھىم، زور پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مۇھىم، زور پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇش ۋە كارخانىنىڭ قەرز خەۋپ ـ خەتىرى بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، كارخانىنىڭ مۈلۈك قەرزى چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەدىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش، مۇقىم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئوبدان ئىشلەپ، قەرز خەۋپ ـ خەتىرى ۋە تۇراقسىز خەۋپ ـ خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتىمىز. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىمىز، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەنبەدىن تۈگىتىشتە چىڭ تۇرىمىز، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەمتۈكلۈك ـ ئاجىزلىقنى تولدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتنى قەتئىي بىخ ھالىتىدە تۈگىتىمىز. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىمىزنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھايات، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بىز 8 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق ـ كومىتېتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قوللىشىدا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جاينىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى كۆزلەپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ساھەنى كېڭەيتىشتە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ياردەم بېرىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە» شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، كەسىپ تەرەققىياتى، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئاشۇرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىمىز. ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ جەڭگىۋار ئەترەتلىك، خىزمەت ئەترىتىلىك، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايمىز، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ھەربىيلەر تۇرۇشلۇق جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىش، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نەپىقە بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر رىشتىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىمىز!

3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىمىز

يېڭى دەۋر يېڭى بۇرچ يۈكلىدى، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجە يارىتىمىز. بىز پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشنى باشتىن ـ ئاخىر ئورۇنداپ، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ قۇرىمىز!

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز. سىياسىي قۇرۇلۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمدە نامايان قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتىدا ئورۇنلاشتۇرما بولسا، ھۆكۈمەتتە ھەرىكەت بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈنۈم بولۇشنى باشتىن ـ ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەقىقىي نەتىجە بىلەن پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقىمىزنى نامايان قىلىمىز. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، يوليورۇق سوراش ـ دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىيە ـ مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز!

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىمىز. جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى قىلىپ، خىزمەتنى خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلاردىن باشلاپ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئىشلاردىن تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىغا ئايلاندۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن مەسىلە، توسالغۇ مەسىلە ۋە باش ئاغرىق مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ چىن ھېسسىيات بىلەن كۈچەپ ھەل قىلىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز. «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش»، «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى» ۋە «توردىكى ئەرزىيەت» قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەسىلە ئىنكاس قىلىش، تەلەپ ـ تەۋسىيە ئوتتۇرىغا قويۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەلەپنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز يېنىدا، مۇلازىمەتنىڭ ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز!

قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىمىز. «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەننى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەك ـ چېگرا ئېڭى، تەرتىپ قارىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرىپى، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قانۇن بولغان ئىكەن، جەزمەن رىئايە قىلىش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. مەمۇرىي نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تەرتىپ ـ قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خىزمەت نازارەتچىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە ئەدلىيە نازارەتچىلىكىنى قوللايمىز، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىمىز، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر ـ تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىمىز. مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، قالايمىقان قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، خەلقنىڭ ھوقۇقنى نازارەت قىلىشى، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!

ئەمەلىيەتچىل ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور ئىشلار، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، سىياسەتنى دەل جايىدا تۈزۈپ، ئىنچىكە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئىشنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي خىزمەت ئۇسۇلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىنچىلىقى ئېغىرراق، ئەھۋالى مۇرەككەپ جايلارغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ»، مەسىلىنى نەق مەيداندا ھەل قىلىپ، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يول ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتلەنگەن كونا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلا يولغا كىرىۋالماي، ئاڭلىق ھالدا سىستېما قارىشى، ئىسلاھات تەپەككۇرى، ئىجادىي ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. «دەرس تولۇقلاش، توك قاچىلاش» جەھەتتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، بىلىم يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىياتنى پىلانلاش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىمىز، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئوبراز قۇرۇلۇشى، نەتىجە قۇرۇلۇشىنى قەتئىي چەكلەيمىز! «كارخانىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانا، ئامما، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەلىپى ۋە ئۈمىدىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت، تېخىمۇ كۆپ زېھىن ئاجرىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىمىز، كارخانىلارنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز!

پاك ـ دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى كەلسە ـ كەلمەس ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى بۇزغان قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچەپ پاك ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىمىز. «ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرۈش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىنچىكە بولۇپ، چىقىمنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئىشلاردا تېجەشلىك بولۇپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىمىز! مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي كەچۈرمەسلىك پوزىتسىيەسى بىلەن جازالاپ، ئامما ئەتراپىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك»نى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىشنى پاكىز قىلىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز شەرت!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! يېڭى دەۋرنىڭ بۇرغىسى ياڭرىدى، «ئىككىنچى يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق ـ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەستايىدىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە ـ تەھرىرلىك باشقارمىسى بېكىتتى)