ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(2022)

2023-01-25 :ۋاقىت
مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە - تەھرىرلىك باشقارمىسى

− 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا بېرىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز



1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. ئۆتكەنكى بەش يىللىق ۋە 2022 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق، 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق!

بۇ بەش يىلدا، بىز خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ زورايتتۇق، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق.مۆلچەرلەنگەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %5.1 ئاشتى؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %4.8 ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم يىلىغا ئوتتۇرىچە %4.5 ئاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم يىلىغا ئوتتۇرىچە %8.4 ئاشتى. ئاشلىقتىن ئۇدا 7 يىل مول ھوسۇل ئالدۇق، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى، مېۋە مەھسۇلاتى 13 مىليون توننىدىن ئاشتى، قوتاندىكى چوشقا، كالا، قوي قالدۇقى جەمئىي %21.2 ئاشتى. نېفىت - گاز ئېكۋىۋالېنتى 63 مىليون 100 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، پاختا توقۇمىچىلىق ئۇرچۇق كۆلىمى 22 مىليون 150 مىڭغا يېتىپ، 4 مىليون 720 مىڭى كۆپەيدى، شەرقىي جۇڭغار، قومۇلنى مۇھىم نۇقتا قىلغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائەت كەسپىي تەرەققىيات توپلانما رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. پۇل مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سانى 2018 - يىلىدىكى 343تىن كۆپىيىپ 2022 - يىلىدىكى 573كە يەتتى، «ئۈچ قىيىن، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسى زور دەرىجىدە ھەل قىلىنىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى!

بۇ بەش يىلدا، بىز ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ھالقىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تەرەپنى كۈچەيتتۇق، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، شەھەر - يېزا قىياپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق چوڭ - چوڭ بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى يېڭىدىن 2428 كىلومېتىر كۆپىيىپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 9092 كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتىشىپ، %80تىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوننى قاپلىدى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيول مۇساپىسى يېڭىدىن تەخمىنەن 5000 كىلومېتىر كۆپىيىپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە %87كە يېقىن ناھىيە، شەھەر، رايون يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە كىردى؛ يېڭىدىن 6 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم سېلىنىپ، ئومۇمىي سانى 25كە يەتتى. ئاراتاش، قارابەل قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ھەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، سۇ ئامبىرى سىغىمى يېڭىدىن 3 مىليارد 960 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى؛ زور بىر تۈركۈم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى يانداشتۇرۇپ داۋاملىق قۇرۇش ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 13 مىليون 654 مىڭ موغا يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمى 34 مىليون كىلوۋاتقا، ئومۇمىي سىغىمى 120 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئېلېكتىر كۈچىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شەھەر - بازار سۇ تەمىناتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.3، %97.9كە يەتتى، ئاپتونوم رايوندا 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 30 مىڭدىن ئارتۇقى قۇرۇلۇپ، بارلىق شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەردە يول قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ فازىلىق توك يەتكۈزۈلۈپ، كەڭ بەلباغلىق تور تارتىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما زامانىۋى، مەدەنىي گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە بولدى!

بۇ بەش يىلدا، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا قەدەم قويدى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەستىقلاندى ھەمدە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى، ئاپتونوم رايوندا 4 ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، 4 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى. جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى يۈك تىرانسپورت يولىنىڭ ئىقتىدارى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى، چېگرادىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 29 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %23.6 ئاشتى، يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 5807 قېتىمغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %9 ئاشتى. دۆلەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان نېفىت - گاز تىرانسپورت چوڭ يولى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شىنجاڭ نىسپىي يېپىق بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن كۈنسېرى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلانماقتا!

بۇ بەش يىلدا، بىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلدۇق. شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرىچە 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئەمگەك كۈچىنى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم - قېتىمدىن ئاشۇرۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق. يېزىلاردا 3 يىللىق يەسلى مائارىپىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى تولۇق ئوقۇتۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنى تولۇق يولغا قويۇش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى بولۇشتىن ئەلا سۈپەتلىك تەكشى بولۇشقا قەدەم تاشلىدۇق؛ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، تۇبېركۇليۇز كېسىلىدىن «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، يېزا - بازار دوختۇرخانىلىرى ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق؛ ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 20 مىليون 823 مىڭ 600 ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، %31.95 ئاشتى، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %20.8 ۋە %34.8 ئۆستى، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %44 ۋە %53 ئۆستى؛ شەھەر - بازار تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆيىدىن 988 مىڭ يۈرۈش سېلىندى، يېزىلاردا 569 مىڭ 800 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى، 4879 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، بۇ 753 مىڭ 800 ئائىلىگە چېتىلدى؛ «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 مىليون 100 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ پاكىز ئىسسىنىشى ئەمەلگە ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى!

بۇ بەش يىلدا، بىز تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىچكىرىلەپ ياخشى قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدۇق.«ئىككى يۇقىرى، بىر تۆۋەن» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشنى قاتتىق چەكلەپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، ساپ تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدۇق، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %10.1 چۈشۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دەريا - كۆللەرنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق ۋە تاماملىدۇق. 12 مىليون 590 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش تاماملاندى، 13 مىليون 260 مىڭ مو ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 2 مىليون 544 مىڭ مو يەر تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلدى، قاقاسلاشقان يەر، چۆللەشكەن يەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 مىليون 936 مىڭ مو، 362 مىڭ مو ئازىيىپ، قاقاسلاشقان، قۇملاشقان يەر كۆلىمىنى «قوش ئازايتىش» تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە قۇملاشقان يېرى كۆپەيگەن بىردىنبىر ئۆلكە - ئاپتونوم رايون بولۇش تارىخى ئاخىرلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا مەزمۇت قەدەم تاشلاندى!

بۇ بەش يىلدا، بىز كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق.جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم تارىخىي مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى قۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قېزىپ ۋە جەمئىيەتكە نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدۇق. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە رايون، ئۈلگە ئورۇندىن 90ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تەربىيەلەش بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 8 - تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كوللېكتىپتىن 150ى، ئۈلگە شەخستىن 299ى تەقدىرلەندى؛ «دەۋر نەمۇنىسى» لاچىن بايەكە، «پارتىيە ئىزنىكى تاقىغان تاغا» ئابدۇجاپپار مېڭدى، مىڭ چاقىرىملىق ياردەمگە ئاتلىنىپ خوتەندىكى بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزغانلار قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش ئىزلار مەيدانغا كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى!

بۇ بەش يىلدا، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق.مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر تەرتىپ قائىدىسىنى تۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشى، قانۇن بويىچە ھوقۇق ئىشلىتىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق، داۋالاش كاپالىتى تۈزۈم ئىسلاھاتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارى ۋە مەمۇرىيەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. ئاپتونوم رايوندىكى بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى 2 مىليون 224 مىڭغا يەتكۈزۈپ، 2017 - يىلىدىكىدىن %52.7 ئاشۇرۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتۇق.

بۇ بەش يىلدا، بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قىلچە بوشاشماي قەتئىي قوغدىدۇق، خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.«ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ ساقلىدۇق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش ھالىتىنى ئۆزگەرتتۇق؛ تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى %95.1تىن %99.1كە كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچلىققا، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت قەرزى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇقىملاشتۇردۇق؛ يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن - ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق.

بۇ بەش يىلدا، بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا خىزمەتنى دوكلات قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، نازارەتچىلىكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.بەش يىلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 31نى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىدىن 74نى بېجىردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 1978نى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىدىن 2900نى بېجىردۇق، ھۆكۈمەت بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىي كېڭەش ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2022 - يىلى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلاشقان، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى تولىمۇ باشقىچە بولغان بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلدا، چوڭ ئىشلار كۆپ، خۇشاللىنارلىق ئىشلار كۆپ بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى؛ بىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى خۇشال كۈتۈۋالدۇق، يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەردىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سۈرەتلەپ بېرىلگەن ئۇلۇغۋار پىلان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بىر يىلدا، مۆلچەردىن ھالقىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار كۆپ بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2020 - يىلىدىن بۇيانقى تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، يۇقۇملانغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم ئالدىدا، بىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس چوڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش»نى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە نەتىجە قازىنىپ، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئىقتىسادنىڭ ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلگەندىمۇ ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق!

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3.2 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %7.1 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %7.6 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %9.6 تۆۋەنلىدى، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %57 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %14.9 ئاشتى، شەھەر - بازار، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %2، %6.3 ئاشتى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچى %2 ئىچىدە تىزگىنلەندى، بەزى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش ھەجمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

1) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتتۇق.باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەتچان ھالەتتە ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، كەسپىي كۈچلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ قېتىملىق ئېغىر، تاسادىپىي يۇقۇمنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدۇق. يۇقۇم مۇداپىئەسى بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇش ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەشيا تەمىناتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلاشقان ئاممىدىن 1 مىليون 334 مىڭ ئادەم - قېتىمنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق.

2) ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق.تېرىقچىلىق رايونلىرىنىڭ جايلىشىشى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى سىجىل ياخشىلاپ، پاختىنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5 مىليون 391 مىڭ توننىغا يېتىپ، %5.1 ئاشتى، ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتى %85.6كە يەتتى؛ ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق، قوتاندىكى چوشقا، كالا، قوي نىسبىتى %9.8 ئاشتى، گۆش، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %6.3، %4.8، %8.4 ئاشتى؛ باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «كۆك - تاق» مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردۇق. سىياسەت ۋە بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلارنىڭ «ئاق تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، چوڭ - چوڭ سانائەت تۈرى قۇرۇلۇشىدىن 50نى چىڭ تۇتتۇق، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئېلېكتىرون ماتېرىياللىرى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت سېلىنمىسى %28.1 ئاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى %27.3 ئاشتى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيە پەن - تېخنىكا خىراجىتى سېلىنمىسىدىن 2 مىليارد يۈەننى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ %27.2 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتتۇق. «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر 26 ماددا»نى چىقىرىپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 194نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، قاراماي دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، سانجى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردىن 414نى ساپ كۆپەيتىپ، %43.4 ئاشۇرۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، تۈرلۈك ئامانەت - قەرز پۇلى قالدۇقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %12.5، %9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ياسىمىچىلىق قەرز پۇلى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى قالدۇقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %9.7، %23 ئاشتى، 4 كارخانا پېيىنى تۇنجى قېتىم بازارغا سالدى.

3) ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتتۇق.ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 36 مىليون 508 مىڭ 500 موغا يەتكۈزۈپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ۋەزىپىدىن 1 مىليون 994 مىڭ 500 مو ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 18 مىليون 135 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 777 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتۇق! يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئىچىدە 7 مىليون 153 مىڭ 800 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق بەرپا قىلىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ۋەزىپىدىن 713 مىڭ 800 مو ئاشۇردۇق. 2023 - يىللىق كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا چەكلىمە خاراكتېرلىك نىشان - ۋەزىپىدىن 12 مىليون 750 مىڭ مونى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 750 مىڭ مو كۆپەيتتۇق. ئاشلىق تېجەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق. نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق، خام نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.5، %4.9 ئاشتى؛ شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئىشقا سېلىنىپ، يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭىدىن 70 مىليون توننا كۆپەيدى، ئەسلىي كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 413 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، %25 ئاشتى، سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 80 مىليون توننىغا يېتىپ، بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» سالمىقى سىجىل ئاشتى، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 124 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يېتىپ، %1.3 ئاشتى، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى!

4) ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قېزىپ چىقتۇق.چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» نى تۈزۈپ يولغا قويدۇق، چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدۇق، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا «قىش پەسلىدە ئاساس سېلىش» ۋە «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» يۈرۈشلۈك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق، 566 مىليارد يۈەنلىك تۈر مەخسۇس قەرز پۇل مەبلەغ كۆلچىكى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى مەبلىغىدىن 27 مىليارد 891 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈردۇق. مەبلەغ، يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق، پۈتۈن بىر يىلدا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى چوڭ - چوڭ تۈرلەردىن جەمئىي 3433ىدە ئىش باشلىدۇق، ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 2 تىرىليون 900 مىليارد يۈەن بولدى. خوتەن − چاقىلىق تۆمۈريولى، G315 لىنىيەسىدىكى يېتىمبۇلاق − چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تيەنلى نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا EVA ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بىر تۈركۈم قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى كۆرۈلدى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولىنىڭ يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە − ئونسۇ تاشيولى، جىڭ − ئالاتاۋ تۆمۈريولى قوش لىنىيەسى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەر چىقىرىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 182 يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمى 58 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، شامال ئېلېكتىر ۋە فوتوۋولتلۇق توك تارقىتىش سېلىنمىسى 3.3 ھەسسە ئاشتى. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز ساياھەت مەنزىلىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، 16 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق يەرمەنكىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پائال تۈرتكە بولدۇق، پۈتۈن بىر يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى تەخمىنەن 130 مىليون ئادەم - قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلىكتىن 89 مىليارد 940 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل ئىستېمال تولۇقلىمىسى، «ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىغا يەتكۈزۈش» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق، نىمكەش ئاپتوموبىل رەسمىيىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئىستېمال مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئاھالە ئىستېمالىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتۇق.

5) ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈردۇق.جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) توپلىنىش مەركىزى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، غەربىي دەرۋازا چېگرا ھالقىغان باجدىن خالىي سىناق مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 13 مىڭ 300 قېتىمغا يېتىپ، %8.7 ئاشتى، يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىز 1440 قېتىمغا يېتىپ، %21.5 ئاشتى. دۆلەتنىڭ ئالاھىدە باج ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى رايون»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلىغى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %25، %220، %75 ۋە %26.5، %22، %36 ئاشتى. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. قەشقەر ۋىلايىتى، ئالاتاۋ شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى %300 ئاشتى. پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، 13 قۇرۇقلۇق يولى پورتىدا مال توشۇش ئەسلىگە كەلدى، ئۇچراشماي مال ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، پورتلارنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 240 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى، يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 166 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %67 ئاشتى. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 723 مىليارد 480 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزۈپ، %33.2 ئاشۇردۇق. 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، 448 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاپ، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنى 1 تىرىليون 170 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ھەر نۆۋەتتىكىدىن ئاشۇردۇق.

6) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق.قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش بويىچە جانلىق كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، كىرىمنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل ئائىلە»نىڭ خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش نىسبىتىنى %90.45كە يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2400 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن رايون ھالقىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشلەش كۆلىمىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلارنى 1 مىليون 87 مىڭغا يەتكۈزۈپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىغا مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپتە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزىدۇق ۋە ياخشىلىدۇق، 1000 كەنتنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، يېزىلاردا گەندە - يۇندىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى يولغا قويۇلدى، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىدىن 61 مىڭى يېڭىدىن ياسالدى. «يۈز ناھىيە، مىڭ يېزا، تۈمەن كەنت» يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە ناھىيە، ئۈلگە يېزا - بازار، ئۈلگە كەنت قۇرۇش خىزمىتىنى دەرىجە ۋە تۈرلەر بويىچە تېز ئالغا سىلجىتتۇق.

7) تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇردۇق ۋە ياخشىلىدۇق.يۇقۇمنىڭ زەربىسى ۋە تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە داۋاملاشما سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا، بازار ئاساسىي گەۋدىسىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدۇق. يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ۋە باج قايتۇرۇش، باجنى كېچىكتۈرۈش، ھەق تۆلەشنى كېچىكتۈرۈش سوممىسى 74 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانىلارغا توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشكە قالدۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجىدىن 52 مىليارد 360 مىليون يۈەن قايتۇرۇلدى. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشنى باشلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۆزىتىش ۋە مەجبۇرىيەتلىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردۇق، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغانلار 27 مىليون 513 مىڭغا يەتتى، %65 ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى «بىر توردا بېجىرىش»، 154 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش» ئەمەلگە ئاشتى. ئاممىۋى بايلىق سودىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدا يىراق مۇساپىلىك باشقا جايدا خېرىدار باھالاشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «يۈز كۆرۈشمەي» خېرىدار چاقىرىش نىسبىتىنى %70تىن ئاشۇردۇق. ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك خېتىنى كارخانىلارغا چېتىشلىق نەق پۇل كاپالىتى ئورنىدا تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا جەمئىي 9 مىليارد 705 مىليون يۈەن مەنپەئەت يەتكۈزدۇق. رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرىنى توپلاش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، رەقەملەشكەن مۇھىتتىن پايدىلىنىشنى كېڭەيتتۇق. ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتتۇق. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى گۇرۇھى، قاتناش سېلىنما گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى بىر تۈركۈم باشلامچى كەسىپ گۇرۇھلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ چىقتۇق، جۇڭتەي گۇرۇھى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى. «شىنيىدەي» سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇردۇق. ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ھېسابتىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 5 مىليارد يۈەن نېسى پۇلنى قايتۇرۇپ، ئىختىلاپسىز نېسى پۇلنىڭ قايتۇرۇلۇش نىسبىتىنى %25كە، كېلىشتۈرۈش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق.

8) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق.«ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى بېكىتىش خىزمىتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە»، «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخۇ» رايونلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ماسلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتتۇق، سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش ۋە شەھەر - بازار، سانائەت بۇلغىما مەنبەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، ھاۋا سۈپىتى ياخشى كۈن سانى نىسبىتى %74.6كە يەتتى، دۆلەتنىڭ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش نىسبىتى %94.5كە يەتتى، دۆلەت چۈشۈرگەن ئاساسلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئاتموسفېرا، سۇ مۇھىتى سۈپىتىنىڭ يىللىق كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىغىلى بولىدۇ. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليون 503 مىڭ 600 مو ئورمان بەرپا قىلدۇق، 4 مىليون 330 مىڭ مو ئوتلاق سورتىنى ياخشىلىدۇق، تۈزىدۇق. قارامايلى ۋە كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى. باغراش، ئونسۇ ناھىيەسىگە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە رايون دەپ نام بېرىلدى، بۇرچىن ناھىيەسىگە «ئىككى بايلىق» ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى دەپ نام بېرىلدى. مەركەزنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئاسراش نازارەتچىلىكىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدۇق.

9) خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق.تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردۇق ۋە ئىلگىرى سۈردۇق، شەھەر - بازارلاردا 461 مىڭ 500 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 3 مىليون 32 مىڭ 400 ئادەم - قېتىمغا، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەنلەر 2 مىليون 168 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتتى. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئېيىغا ئوتتۇرىچە 177 يۈەن ئۆستۈردۇق، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10 ۋە %15 ئۆستۈردۇق، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش ۋە يېتىم بالىلارنى بېقىش ئۆلچىمىنى ماس قەدەمدە ئاشۇردۇق. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى بىرتۇتاش غەملەش ۋە ئائىلە بويىچە ئورتاق ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇردۇق. ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى كېڭەيتىپ، دورا ۋە خورىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك، نورمىلىق سېتىۋېلىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا ئۈنۈملۈك قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلەتتۇق. مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، 31 يەسلىنى يېڭىدىن سالدۇق، ئۆزگەرتىپ سالدۇق، كېڭەيتىپ سالدۇق، 245 يەسلىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدۇق؛ «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر يىل ئىچىدە ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش» كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ 119 كەسپىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بەردۇق، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىدىن 38نى تەسىس قىلدۇق، يېزا - بازارلىق شىپاخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى جۇڭگو تېبابىتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى (جۇڭگو تېبابىتى سارىيى)دىن 294 نى قۇردۇق، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. شەھەر - بازارلارنىڭ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يەر تەۋرەشكە، ئاپەتكە چىداملىق يېزا ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدىن 31 مىڭ 700 يۈرۈش، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيدىن 53 مىڭ 100 يۈرۈش، كەپە رايوننى ئۆزگەرتىش ئۆيىدىن 98 مىڭ 400 يۈرۈش سالدۇق، شەھەر - بازارلاردىكى 203 مىڭ 900 ئائىلىگە چېتىلىدىغان 1273 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتتۇق. كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (2 - قارارلىق) بويىچە ئاھالە ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئائىلىلەرگە ئەكىرىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 210 مىڭ ئائىلىلىكنى ئۆزگەرتىش يىللىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق!

10) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق.شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، «ئاددىي قەھرىمان»، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق 40تىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، «ئانار دانىسى» كىچىك ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، «مەدەنىيەت قورۇسى» ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق. شىنجاڭ مۇزېيى يېڭى سارىيى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مۇزېي، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگە رايونى، ئۈلگە ئورۇندىن 22نى يېڭىدىن بەرپا قىلدۇق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە رايونى، ئۈلگە ئورۇندىن 179ىغا نام بەردۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ كىرىش، ئىككى ئالاقىلىشىش، بىر دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. ھەر مىللەت ياشلار - ئۆسمۈرلەر ئالاقە باغلاش پىلانى، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقى، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

11) ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتتۇق.قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى چوڭقۇر، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ پەسەيتتۇق؛ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، يېمەكلىك، دورا، مۇھىت، شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بەردۇق؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى «15 تۈرلۈك قاتتىق تەدبىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق باشقۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق، ئۆزى سالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە شەھەر - بازارلارنىڭ يېقىلغۇ گاز بىخەتەرلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىش قېتىم سانى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %33.4 ۋە %11.8 تۆۋەنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق!

12) قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتۇق.شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى. ھەر ئاينىڭ 9 -، 19 -، 29 - كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» قانۇنچىللىق لېكسىيەسىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى 920 مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىر ۋە قانۇن مۇلازىمىتى خادىمىنى دائىملىق تەربىيەلىدۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن سۆزلەش خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇن سۆزلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردۇق. مەمۇرىي نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزامدىن 9نى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 3نى تۈزدۇق ۋە بىكار قىلدۇق. مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 153نى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بەرگەن تەۋسىيەسىدىن 343نى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بەرگەن تەكلىپىدىن 567نى بېجىردۇق. ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ساياھەت مۇھىم ئامىلى بازارلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك مەخسۇس نەق مەيداندا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى - كېيىن قانات يايدۇردۇق. «ئالاقە تورى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش»نىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ 11 مىڭ 600 قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق. «ئەرزىيەت تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 12345 پۇقرالار قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان «ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» ئىشتىن 6 مىليون 177 مىڭنى بېجىردۇق، بېجىرىپ ئاياغلاشتۇرۇش نىسبىتى %89.4 بولدى.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشى، مۇقىملىقنى ساقلاپ چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى روشەن ئاشتى، بىڭتۇەن مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە رايونلۇق ئالاھىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىز مەملىكەتلىك 8 - قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلاشتۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە جەمئىي 17 مىليارد 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 2142نى يولغا قويۇپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ 11 كارخانىسى بىلەن 38 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 600 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلدۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىنى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار قۇرۇلۇشىنى قوللاش بىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىمىز. بىز دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش، خاتىرىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئېتىبار - نەپىقە بېرىش ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جايلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش - كاپالەتلەندۈرۈش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بەش يىللىق ئەمەلىيەتكە نەزەر سالغىنىمىزدا، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شىنجاڭغا تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل، ئۇلۇغۋار پىلاننى قەتئىي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش شەرت. ئىككىنچىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش شەرت. تۆتىنچىدىن، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنە يۈكلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش شەرت. بەشىنچىدىن، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش شەرت. ئالتىنچىدىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ھەرىكەتتە ۋە خىزمەت ئۈنۈمىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت بېسىپ ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىگىنىمىزدە، شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر ئىلگىرىلەش، ھەربىر نەتىجە تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى. ئۆتكەن بەش يىلدىكى نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى سىڭگەن. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەرگە، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

بولۇپمۇ ئېسىمىزدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر 8 - ئايدا باشلانغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى بەس - بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى؛ كەڭ تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشتى؛ ھەر مىللەت ئامما ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن، غايەت زور بەدەل تۆلەپ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇردى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا، بىز بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭگەن ھەر مىللەت كادىرلارغا، ئاممىغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!

نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، ئىچكى - تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت چىگىش ھەم مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئۈچ خىل بېسىم داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ زەربىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى خېلى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قەدىمى تېز ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ سالمىقى يۇقىرى ئەمەس، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك رولى يېتەرلىك ئەمەس، قىسمەن ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر. ئۈچىنچىدىن، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تېخى ئەمەلىيلىشىپ بولالمىدى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ ھېسابتىكى پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ھېلىھەم گەۋدىلىك، تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق خېلى چوڭ. تۆتىنچىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ رايون تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، شەھەر - بازارلىشىش سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتا يەنە نۇرغۇن قىلىنمىغان ئىشلار ۋە كەمتۈكلۈكلەر بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر. بەشىنچىدىن، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەكشى ئەمەس، مائارىپ، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك بار، ئاممىۋى ساغلاملىق بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالتىنچىدىن، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، ئايرىم ناھىيە، رايونلارنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى گەۋدىلىك، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر. يەتتىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە تېخى تولۇق ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پەرقلەرگە توغرا قاراپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىمىز.

2. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات ئومۇمىي ئوي - پىكرى ۋە نىشان - ۋەزىپىسى

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا قەدەم تاشلايدىغان مۇھىم مەزگىل، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېڭى مۇساپىدە، بىز بىر قاتار مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتلەرگە دۇچ كېلىمىز، نۇرغۇن ئالاھىدە ئەۋزەل شارائىتلىرىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرمۇنچە خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىمىز. بىز قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېتەكلىگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت، كۈچلۈك ھەرىكەت تەدبىرى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئوي - پىكرى:جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ كۈرەش نىشانى:شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى قۇرۇلمىسى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيە كۆرۈش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، رايون پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، سۇچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش؛ شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ياكى يەتكۈزۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى ئۆزگىچە رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش.

بۇنىڭدىكى كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر:

1) جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش.جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش. شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈرتكە قىلىپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى پائال يارىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا ئاكتىپ سىڭىشىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش. نېفىت - گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىيلىقىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ كۆجۈملەشكەن تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيەنى، بايلىقنى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەتلەندۈرۈش بازىسى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە سۈپەتتە كۈچلۈك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش.

2) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش.تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش. قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىگە قايتىشىغا مۇتلەق يول قويماسلىق. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

3) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ قەلبنى مۇجەسسەملەش.سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ دائىرىدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال يارىتىپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش.

4) بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش.تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئەۋزەللىكىنى قېزىپ، نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى پائال قۇرۇش، ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپىنى تېز قۇرۇش، يېشىل، ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپ توپىنى يارىتىش، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپىنى قۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپ توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بارلىققا كەلتۈرۈش. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، مەۋقەنى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاھالىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇش؛ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچىلىك يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يۇغۇرما داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى مول رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يېشىل، ساغلام، بىخەتەر بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى بەرپا قىلىش، كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى ئاشۇرۇش. رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.

5) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش.شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش»، «غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرقتىن كەلتۈرۈش» رايون ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىش. «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى تۇتقا قىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئاشۇرۇش؛ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ ئىككى مۇھىم تايانچ نۇقتىسىنى يارىتىش؛ پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ ئوچۇق كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش. دىققەتنى «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تور سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، راۋان بولغان سودا ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، قوشنا دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە ئىقتىساد - سودا سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، «غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرقتىن كەلتۈرۈش»، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش» كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوتتۇراھال، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت»نى تېز قۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىش.

6) ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكلۈكىنى كۈچەپ تولدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش.تورنى تۇتاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن جايلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش. ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىش تېز بولۇش، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ راۋان بولۇش، چېگرادىن كىرىپ چىقىش تۇتاشقان بولۇش»نى چۆرىدەپ، يىرىك پىلاندا يولغا قويۇلىدىغان تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - پاكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق خەلقئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىش. ئېنېرگىيە چوڭ يولى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ۋە جۇڭگو - قازاقىستان سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى چېگرا ھالقىغان تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يولى ۋە يانداش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىش. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر تۈركۈم سۇ تورى تايانچ قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم شەھەر - يېزا سۇ تەمىناتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا سۇ تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش. شەھەر ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر يوللىرى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەھەر قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ياشاشقا باب كېلىدىغان، ئەۋرىشىم، ئاقىل شەھەر بەرپا قىلىش. يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، رەقەملىك شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى غەربتە ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش.

7) سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ باشلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى سۇ بايلىقىغا دائىر چەكلىمىلىك، بوغما ھالەتلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش.«سۇ تېجەشنى ئالدىنئالا يولغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا تەڭ كۈچەش»تە چىڭ تۇرۇپ، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، سۇ تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تەڭ تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ قىسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش. سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش. چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى تۈجۈپىلەپ، تېجەپ ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. سۇ ساقلاشنى سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئاساسى، سۇ باشلاشنى سۇ مەنبەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوشۇمچىسى قىلىپ، چوڭ - چوڭ سۇ بايلىقى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى باشلاش - ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، تاغلىق رايوندىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش. سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

8) شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پەن - تېخنىكا تىرىكى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش.پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئەقلىي مەدەت ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش. مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، سۈپەتلىك ئاساسىي مائارىپنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈپ ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ خىزمىتىنى خەلق رازى بولغۇدەك ياخشى ئىشلەش. پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھالدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلاردىن ئوبدان پايدىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش.

9) يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يول، كۆپ مەنبە ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت جايلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ياشاشقا ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش. ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپى يارىتىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەر، چېگرا شەھەر، كىچىك شەھەر - بازارلار ۋاسىتە قىلىنغان كۆپ تايانچ نۇقتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش ۋە مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش.

10) خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇقلاش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ سىجىل قىلىش.خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەريانىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى مۇقىم كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مېخانىزمى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش. ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، باراۋەر بولغان، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇش، ئېغىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش سىستېمىسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ تۇغۇتنى قوللاش سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغانلارنى كۈتۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش.

11) يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش. زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بويىچە «بىر خەرىتە» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكلەش ۋە چەكلەش رولىنى كۈچەيتىش. مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىمىنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىمىنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىمىنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى تېز يولغا قويۇپ، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاينىڭ سىستېما قورۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئاكتىپ، سالماق ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ئون چوڭ ھەرىكىتى» ۋە «ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئون چوڭ قۇرۇلۇشى»نى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق ئالغا سىلجىتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش.

12) شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش.شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قانۇنچىللىق ئىزىغا سېلىپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي ئۈنۈم ۋە ئاممىۋى ئىناۋەتنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا يېتەكلەش.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەلبنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم يارىتالايمىز!

3. 2023 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۇنجى يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم يىل، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۇنجى يىل، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇملۇقنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئوبدان ئىشلەپ، چوڭ - چوڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىساد يۈرۈشۈشنىڭ پۇختا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مۇۋاپىق ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %9 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %12 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %7 ئەتراپىدا، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا ساقلاش؛ ئاساسلىق بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش ۋە ئاتموسفېرا، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتىدە دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداش.

بۇ يىلقى كۆزلىمە نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا، تۆۋەندىكى 12 جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز:

1) يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش» دېگەن ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ۋە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز - ئېرىقنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا پەيدىنپەي تۈرتكە بولىمىز، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جايلىشىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق ۋە ياغلىقدان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئاشلىق بىخەتەرلىكى بويىچە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان رايونلاردا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 18 مىليون 500 نەچچە مىڭ توننىغا، دادۇر تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 1 مىليون موغا، ياغلىقدان تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 1 مىليون 900 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشىمىز. پاختا كەسپىدە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن تالالىق كېۋەز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىپ، پاختا مەھسۇلاتىنى 5 مىليون توننىدىن ئارتۇق نورمىدا تۇراقلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەۋزەل يېتەكچىلىك ئورنىمىزنى مۇستەھكەملەيمىز. باغۋەنچىلىكتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشكەن مېۋىلىك باغ ۋە ئۈلگىلىك باغ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق مېۋە توپ سېتىش سودا بازارلىرىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مېۋە مەھسۇلاتىنى 8 مىليون 700 مىڭ توننىغا، كۆكتات مەھسۇلاتىنى 16 مىليون توننىغا يەتكۈزىمىز. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ. ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك بازىسى، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسى، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى نەسىلچىلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۆش قويىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلاتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10، %9، %2 ئاشۇرىمىز.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇش كۆلىمى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش يوللىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىپ، كەنت بويىچە، يېزا بويىچە قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەككە دېھقانلار بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ۋاسىتىلىرى تەمىناتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، تېخنىكا كېڭەيتىش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ھۆددە يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ئوبوروتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشتۇرۇش ۋە دائىملىق يۈرۈشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان تۇتىمىز. دۆلەتنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە ناھىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگە ناھىيە، ئۈلگە يېزا - بازار، ئۈلگە كەنت بەرپا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش ۋە تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى شارائىتقا قاراپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ تولۇق بولۇش دەرىجىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولاي بولۇش دەرىجىسى، ياشاش مۇھىتىنىڭ راھەت بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئۆز جايىدا زامانىۋى، مەدەنىي ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

2) «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تېز قۇرىمىز

ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قېزىپ، كۆمۈرنى ئاساس، نېفىت - گازنى ئاچقۇچ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرىمىز. نېفىت - گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ خام نېفىت مەھسۇلاتىنى 33 مىليون 500 مىڭ توننىغا، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى 42 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزىمىز. شىنجاڭنىڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتىنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مەركەز كارخانىلىرى، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نېفىت - گاز بايلىقىنى ئورتاق ئېچىشىغا تۈرتكە بولىمىز، ئولېفىن، ئارېن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي پولىئولفېن، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالا قاتارلىق ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز ئاشۇرىمىز، جۇڭغار، تۇرپان − قومۇل، ئىلى، كۇچا − باي قاتارلىق رايونلاردا بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كان قۇرىمىز، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي يولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يانداش كۆمۈر ئېلېكتىر تۈر قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭدىكى تايانچ كۆمۈر ئېلېكتىر تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، تىرىشىپ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارىنى 88 مىليون توننىغا، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارىنى 130 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يەتكۈزىمىز. زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىگە دائىر چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە رايونى، قومۇل دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى كەسپى ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، كۆمۈرنى پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش يادرو قىلىنغان ئايلانما كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىمىز. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپ توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىمىز؛ كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاليۇمىن، مىس، تىتان، كاربون ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ھازىرقى ئالىي جابدۇق ياساش چوڭ - چوڭ تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ماس، يانداش كارخانىلار ۋە تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، بىرلەمچى - ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىمىز. ئەۋزەل قېزىلما بايلىقتىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ئىزدەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كانى، خوتەن قىزىلچاپ قوغۇشۇن، سىنك كانى قاتارلىق نۇقتىلىق كانلارنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىقتىن يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىلەمچى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىمىز، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي يېمەكلىكنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئاشلىق - ياغنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق - ياغ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق - ياغ مەھسۇلاتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، بىخەتەر بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ بازىسى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش، زورايتىش، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق، خىمىيەلىك تالا كەسپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، خىمىيەلىك تالا، گۈل بېسىش - بوياقچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئائىلە توقۇلمىلىرى، ئىلمە توقۇلما ۋە لايىھەلەش قاتارلىقلارغا دائىر كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولدۇرۇپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز. ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەش، پەمىدۇر پىششىقلاش، ئۆزگىچە مېۋە پىششىقلاش، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ياساش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، مېۋە پىششىقلاپ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. رەقەملىك دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، «رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپ باغچىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال باغچىسىنىڭ «جۇڭگو يۇمشاق ماتېرىيال داڭلىق باغچىسى»نى قۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىناق ئۈلگىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى بىر تۈركۈم سانائەت كارخانىلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمىز. چوڭ - چوڭ سېلىنما تۈرلىرىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، كەسىپ باغچە رايونىنى سەرخىللاشتۇرۇش، بىرىكتۈرۈش ۋە باغچە رايونىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باغچە رايونىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى «ئاق تىزىملىك» كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

3) مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز

ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، جانلاندۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قار - مۇز ساياھەت داڭلىق ماركىسى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت سەرخىل تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا ساياھەت تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 5A ،4A دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە ساياھەت ئىستىراھەت رايونلىرىدا يېڭىلىق يارىتىمىز، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە، سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يۇغۇرما تۈر قۇرۇلۇشى، ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ئاقىل ساياھەت مەنزىرىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنى تىرىشىپ 200 مىليون ئادەم - قېتىمدىن ئاشۇرىمىز.

زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى، دۆلەت تايانچ سوغۇق ساقلاش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروت بازىسى ياكى مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزىنى قۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولغان كۆپ خىللاشقان ئەشيا ئوبوروت غول لىنىيەسى يولىنى تېز قۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت گۇرۇھى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. سودا ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تور ئىچى - سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقا سېتىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. ناھىيە، يېزا، كەنت سودا تور سىستېمىسى ۋە ئۈچ دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروت يەتكۈزۈش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى كەنتكە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە، شەھەر، يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروت قىلىش - يەتكۈزۈش مەركىزى ۋە ئاخىرقى ئۇچتىكى يەتكۈزۈش تور نۇقتىسىدىن تەشكىللەنگەن ئەشيا ئوبوروت تورىنى تېز قۇرىمىز. ئىجتىمائىي توپ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، خام - يېڭى مەھسۇلات ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. پۇل مۇئامىلە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى دائىملىق جىپسىلاشتۇرۇپ، تۈر مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق كەسىپلەر، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات ساھەلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. «يېشىل يول»نىڭ رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىغا ئاتلىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. يەرلىك قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى بانكا ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز. ئىستېمال دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمال دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرىمىز، شەھەر - يېزا ئىستېمال بازىرىنى كېڭەيتىمىز. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، توكلىغۇ قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى قولايلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمال دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئاھالىنىڭ زۆرۈر ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇغا بولغان ئېھتىياجىنى قوللاپ، ئۆي - زېمىن ساھەسىنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەھەللە ياشانغانلارنى كۈتۈش، مۇلازىمەت قىلىش ئەسلىھەسىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاقىل كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يىغىۋېلىپ، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىغا يەتكۈزۈش ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆرگەزمە قاتارلىق سۇپا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. داۋالاش - ساغلاملىق، ئائىلە مۇلازىمىتى، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمىز. شەھەر سودىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەرلەردە «15 مىنۇت»لۇق خەلققە قولاي تۇرمۇش چەمبىرىكىنى تېز قۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ قايتىدىن ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، كېچىلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ ۋە جانلاندۇرۇپ، شەھەرلەرنى قايناق تۈسكە كىرگۈزىمىز!

4) سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز

ئۈنۈملۈك سېلىنما دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش رولى ۋە چوڭايتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەل ئىچى كاپىتالىنى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلار ۋە كەمتۈكلۈك تولدۇرىدىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە جەلپ قىلىپ، ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتىمىز، كۆپ خىللاشقان ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، شەھەر قۇرۇلۇشى، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولدۇرىدىغان، ئىقتىدارنى كۈچەيتىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تېز يولغا قويىمىز. ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىدا ۋە ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرزى، مەخسۇس قۇرۇلۇش فوندى ۋە تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى قورالىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، كىرېدىت مەبلىغى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى كۆچمەس مۈلۈك سېلىنمىسى، ھاۋالىلىك فوند (REITs)، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP)نىڭ ئۆلچەملىك تەرەققىياتىغا، ئاشكارا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تۈرنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر پىلانىنى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتنى كۈچەيتىپ، تۈرنى پۈتۈن ھايات دەۋرىيلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «مۇھىم ئامىللار تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش» مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈر ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرنىڭ يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە نۇقتىلىق سانائەت تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى سىنىقىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز، لوپنۇر − چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، غۇلجا − ئاقسۇ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش ئۈچۈن تىرىشىمىز، جىڭ − قورغاس تۆمۈريول 2 - لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز؛ شىڭشىڭشيا − تۇيۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، پىچان − كۈمۈش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلايمىز، كۈيتۈن − مايتاغ − كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تاشيول تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز؛ بۈگۈر ئايرودۇرۇمى ۋە بىر تۈركۈم ھەممىباب ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلايمىز، گۇما ئايرودۇرۇمى، شىخو ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي 2 -، 3 - لىنىيەسىنىڭ كەڭساي ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەر تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز. چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋى قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، چوڭ، ئوتتۇراھال خەتەرلىك سۇ ئامبار (تاقاق)لىرىدا خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى، ئوتتۇراھال، كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، مومۇق سۇ ئامبىرى، نىيە سۇ ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇپ، شەھەر - بازار ئۇل - ئەسلىھەلىرىنى يېزىغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش مەركىزىي شەھەر - بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

5) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

«بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. مەملىكەتنىڭ جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قايتىش مۇساپىسىدىكى مال ئايرىش مەركىزى، دۆلەت دەرىجىلىك كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇش ئۈلگە بازىسى، دۆلەتنىڭ ئىمپورت بايلىقىنى پىششىقلاش ئۈلگە بازىسىنى قۇرۇپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ھاۋا پورتى رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويى پورتى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. «ئىككى رايون»نىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، «ئىككى رايون»غا دائىر سىياسەتلەرنىڭ دەستىلەنمە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ كۆجۈملەشكەن تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، چېگرا (چېگرا ھالقىغان) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى قۇرىمىز، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالاتاۋ، ئىلى ئوبلاستى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى تېز قۇرۇپ، بازار سېتىۋېلىش سودىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز. سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالاتاۋ، قورغاس پورتى تۆمۈريولىنىڭ توپلاش، تارقىتىش، توشۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز، جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تاشيولى ۋە تۆمۈريولىدا كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ دائىملىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشۇرىمىز، جۇڭگو − قىرغىزىستان بەدەل پورتى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى پائال جىپسىلاشتۇرىمىز. پورت يانداش ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئاقىل پورت» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئۆزئارا سودا قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، چېگرا ئاھالىسى ئۆزئارا سودىسىدا ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى شۇ جايدا پىششىقلاش سىنىقى سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز.

ئوچۇق ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز. تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى ئىقتىساد - سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق تاشقى سودا كارخانىلىرى «ئاق تىزىملىك»ى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئۈرۈمچى قاتارلىق دۆلەتنىڭ تاشقى سودا تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغىنى زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىمىز ۋە ئىشلىتىمىز. غەربكە ئېچىۋېتىش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − ئاسىيا − ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىك، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سېلىنما ھەمكارلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدا بىر تۈركۈم كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جابدۇق، تېخنىكا، ئۆلچەم، مۇلازىمەتنى «سىرتقا چىقىرىش»قا يېتەكلەيمىز. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى، تىپىك مىساللىرىنى زور كۈچ بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىمىز ۋە كېڭەيتىمىز. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلاردىن ئۆمەك شەكلىدە، زەنجىرسىمان، توپلىشىپ يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىمىز، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار، ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

6) مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىمىز

يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز. يېزا يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمىز، شەھەر ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ھۆكۈمەت يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. ناھىيە تەۋەسىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى يولغا قويىمىز، «ئىككىنى يېنىكلىتىش» سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەرس، يېڭى دەرسلىكنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە كەسىپنى يۆنىلىش قىلىپ، كەسپىي مائارىپتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىلدۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كەسىپ بىلەن مائارىپنىڭ بىرىكىشى، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپنىڭ قوشۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، كەسپىي مائارىپ بىلەن تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئالىي مائارىپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، مىنىستىرلىق بىلەن ئاپتونوم رايون بىرلىكتە قۇرۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرىمىز. ئالاھىدە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ كاپالىتىنى ئاشۇرىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدىغان، قوللىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىمىز. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرىمىز. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىش» مېخانىزمىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، ئاقسۇ − ئارال دۆلەت يۇقىرى - يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى تېز قۇرىمىز، مەملىكەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، دۆلەتنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى تېز يېتىلدۈرىمىز، دۆلەت تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى پائال قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە بىيودورا، تېببىي دورا، ئۇرۇقچىلىق قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ۋە «گالنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دىيامېتىرى 110 مېتىر بولغان پۈتۈن يۆنىلىشلىك، ھەرىكەتچان رادىيولۇق تېلېسكوپ تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز. مالىيە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ - يارىتىش سېلىنمىسىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى، ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇراھال - كىچىك كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىلدۈرىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. «تىيانشان تالانتلىقلىرى» «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرىنى يولغا قويىمىز، 10 مىليارد يۈەن ئىختىساسلىقلار فوندىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇش، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىمىزغا تەربىيەلەش سەۋىيەمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پائال تۈردە ئىختىساسلىقلارنى ئازادە قويۇپ بېرىپ، بېسىمىنى ئازايتىپ، ئىقتىدار يۈكلەپ، ھازىرقى ئىختىساسلىقلارنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ساقلاپ قېلىپ، سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارغا كۆيۈنىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىمىز!

7) تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتىمىز

تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. «ئىككىدە قەتئىي ئېغىشماسلىق»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى بازارغا باراۋەر كىرىش، ئادىل رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى زامانىۋى شىركەتلىرىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، قاتناش، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىق، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، شەھەر قۇرۇلۇشى، ساياھەت، ئەشيا ئوبوروتى، مۇھىت ئاسراش، پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم، باشلامچى، تايانچ كارخانىلارنى بەرپا قىلىمىز. بازار ئاساسىي گەۋدىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلاردا مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايمىز، ئوتتۇراھال، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇراھال، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز. ئوتتۇراھال، كىچىك كارخانىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ھېسابتىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇشنى تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش سالمىقىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئاشۇرۇپ، نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى بالدۇر، تەلتۆكۈس ھەل قىلىمىز! تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامىنى ئېلان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىمىز، دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىدىغان، پۇقراۋى كارخانىلار بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان، چەت ئەل كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىمىز!

«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «رەقەملەشكەن، ئەقلىيلەشكەن» رەقەملىك ھۆكۈمەتنى تېز قۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىمىز. «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى رويخەتتىن ئاددىي ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىش بېجىرىش قولايلىقلىقى ۋە كۆزلىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز. «بىر توردا بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خېرىدارنى «ئۇچراشماي» ئېلان قىلىش، باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك خېرىدار باھالاشنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. سودا ساھەسىدە ئېلېكتىرونلۇق كېپىللىك خېتىنى كاپالەت فوندىغا تاپشۇرۇلىدىغان نەق پۇلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى كەڭ قوللىنىمىز. ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرىنى رايون، قاتلام - دەرىجە ۋە تارماق ھالقىپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، تەڭ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمى»، «شىنجاڭ كارخانا مۇلازىمى» كۆچمە APPسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا - ئىجازەتنامە، ئېلېكتىرونلۇق تامغىدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. 12345 مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى بويىچە خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسىنى يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىزىق لىنىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاشۇرىمىز.

8) ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ۋە ئاسراشنى سىجىل ياخشى تۇتىمىز

سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك، بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ سۇ تورى قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى تېزلىتىمىز. سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۈگۈن قۇرۇلۇشى، سۇ باشلاش ۋە تەڭشەش، ئېقىن تۈزەش ۋە چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونى قاتارلىقلارغا ئائىت سۇ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تازىلانما سۇنى قايتا ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ۋە تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ ھوقۇقى، سۇ بازىرى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، ئۈنۈم ئاشۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، نۇقتىلىق ساھەدىكى كۆپ بۇلغىمىنى ماسلىشىپ تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىمىز، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە»، «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو»، ئىلى دەريا ۋادىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايمىز. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش ۋە تۈزەشكە تۈرتكە بولىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش يېرى تۇپرىقىنىڭ بۇلغىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرىمىز ۋە تىزگىنلەيمىز.

ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تارىم دەريا ۋادىسى، ئېبنۇر كۆلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، چېكىنگەن بوستانلىق، ئىھاتە ئورمىنىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى، ئالتاي كۆكسۇ سۇلۇق يېرى قاتارلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، تۇپراق بۇلغىنىشىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى، قۇرۇلۇش يېرى تۇپرىقىنىڭ بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولىمىز. قارامايلى، كوئېنلۇن دۆلەت باغچىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىدە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئوبدان تۇتىمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەپ» باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە كۆلەمدىن يۇقىرى بىرلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقىدىن ئىبارەت «ئىككى سىجىللىق»نى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز، نۇقتىلىق ساھەلەرنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېشىل تىپقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىمىز. ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، تېجەشچان ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل دوختۇرخانا، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق شەھەر، تۆۋەن كاربونلۇق باغچە، تۆۋەن كاربونلۇق ئاممىۋى ئاپپارات، تۆۋەن كاربونلۇق مەھەللە ۋە تۆۋەن كاربونلۇق كارخانىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، يېشىل ئىستېمالنى تەشەببۇس قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىنلىققا ئايلاندۇرىمىز!

9) خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز

مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا دائىر بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىمىز، ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سىجىل ياخشى تۇتىمىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ رايون ھالقىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 2 مىليون 750 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم - قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى سىجىل تۈزەيمىز. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ بىناكارلىق ئۇستىكارلىرى»نى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يىلىغا 125 مىڭ ئادەم - قېتىم تەربىيەلەش ۋە 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز. پۈتۈن يىلدا تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم - قېتىم تەربىيەلەيمىز، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، ھەربىر كىشىگە بىر ماھارەت ئىگىلىتىش، ھەربىر ئائىلىدىن ھېچبولمىغاندا بىر كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %95تىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بويىچە غەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما شەھەر - يېزا ئاھالىسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا ھۆكۈمەت سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز. كونا شەھەر رايونى ۋە پۈتۈپ بولغان ئولتۇراق رايونلىرىدا مەھەللە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى تولۇقلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇكەممەل مەھەللىلەرنى پائال بەرپا قىلىپ، شەھەر رايونىدا «15 مىنۇت»لۇق ئائىلە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، گۆدەكلەرنى بېقىش مەسىلىسىنى ئاكتىپ ھەل قىلىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىلىق مال باھاسى ئۆرلەشنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان تەسىرىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەت تۆۋەن چېكى بويىچە ھەقىقىي تۈردە تولۇق كاپالەتلەندۈرىمىز، جايىدا كاپالەتلەندۈرىمىز، ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز.

ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرىمىز، ئاساسىي ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن ھەق تۆلەش» بىر ئورۇندا راسچوت قىلىش سىناق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا، تۆۋەنگە چۆكۈشىگە ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئۇيغۇر تېبابىتى قاتارلىق جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەيمىز. ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى مەيدان - سورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرىمىز. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش بايلىقى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرگە ۋە ۋەزىيەتكە بېقىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىممۇنىتېت توسۇقىنى تېز بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى كەڭ قوللىنىپ، ياشانغانلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشى، دورا ئىشلىتىشىنى ئوبدان كاپالەتلەندۈرۈپ، ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن - ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدايمىز!

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلايمىز. تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، 13 مىڭ 400 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ گەۋدىلىك تۇرالغۇ مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. تۇرالغۇ مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 49 مىڭ 600 ئائىلە كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز؛ شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 1152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، 219 مىڭ ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىمىز. يېزا يەر تەۋرەشكە ۋە ئاپەتكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا تۇرالغۇ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەيمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 279 مىڭ 500 ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىمالىي شىنجاڭدا «كۆمۈر ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، 2023 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى تاللاپ بېكىتىپ، بىر ئىشقا بىر لايىھە تۈزۈش، بىر بەنزە مەسئۇل بولۇش، ئاخىرىغىچە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.

10) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز

قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇم، مەدەنىيەت ساقلانمىسىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئۇلنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو قەلبى ۋە جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز. مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، بازىرى، كەنتى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى، سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسار ئەتىقىلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىمىز، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش، تارقىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي مەنزىرە، ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىمىز، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرىمىز. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تولۇق قېزىپ چىقىپ، قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە يېڭى دەۋر مەزمۇنى ۋە زامانىۋى ئىپادە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكلەيمىز. كىنو - تېلېۋىزىيە، ئويۇن قويۇش قاتارلىق مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرىمىز. ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال تىپتىكى مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى رەقەملىك تارقىتىش ۋە نامايان قىلىشنى كۈچەيتىمىز. تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە «يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانى»، «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت كىچىك ئەترىتى، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ئەدەبىيات - سەنئەت سەييارە كۆرىكى قاتارلىق خەلققە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.

مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە مۇھاكىمە قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، مىللەتلەر ئىىتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلار، ئىلغار ئىش - ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئېلىپ بېرىلىشىغا، چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر «قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز، ھەر مىللەت ياشلار - ئۆسمۈرلەر ئالاقە باغلاش پىلانىنى، ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئۈلگە ئولتۇراق رايون، ئۈلگە كەنت - بازار ۋە كەسىپ باغچە رايونى بەرپا قىلىمىز، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە قۇرىدىغان، بىللە بەھرىمەن بولىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولىمىز!

شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، دىن ساھەسىنىڭ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى قوللايمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

11) خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش چىڭ تۇتىمىز

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى سىجىل قوغدايمىز. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز، شارائىتقا قاراپ، تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ھالدا مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتىن تەۋرەنمەي، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى - ۋەقەسى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز، ئاساسىي قاتلام ئەرزىيەت خىزمىتى تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئەرز قوبۇل قىلىش ۋە ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھۆددە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئاممىنىڭ دەۋا - تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دەۋا - تەلىپىنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، دەۋا - تەلىپىنى تەرتىپلىك ھەل قىلىش، خىزمەتنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش، مەسىلىنى ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. مۇھىم ئاممىۋى پىكىر ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە دائىر ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋى ئىناۋىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز. تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىمىز، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى، ياشانغانلارنى كۈتۈشكە دائىر ئالدامچىلىقنى تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

چوڭ - چوڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز. بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز، ساھەلەرنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساھەلەرنى قايتا تەشكىللەش، قوشۇۋېلىشقا تۈرتكە بولىمىز، ئەلا سۈپەتلىك باشلامچى ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىلىق ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىمىز. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى سالماقلىق بىلەن تۈگىتىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، تەۋە جاينىڭ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىمىز، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، يەرلىكتىكى قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، كاپىتال بازىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي گەۋدە كارخانىلىرىنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلايمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مالىيەنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە ھەرىكىتىنى كۆزىتىش - سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، ساقلانما مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىمىز.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنى مەخسۇس تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىمىز، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسىمىز. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش - سىگنال بېرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، تەبىئىي ئاپەتنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش - سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئېغىر تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىك تۆۋەن سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلەندۈرىمىز.

12) بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ ئىقتىدار»ىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، «تۆت چوڭ رول»ىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، ئېكولوگىيە - مۇھىت ئاسراش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كەسىپ باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر، سۇ، نېفىت - گاز، كۆمۈركان قاتارلىق بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى تەقسىملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى 9 - شى بۆلىكى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز؛ بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تاشيول، تۆمۈريول، سۇچىلىق، ئېلېكتىر تورى ۋە ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىش - پايدىلىنىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز، رايون ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانا - گۇرۇھلىرىنى ئورتاق قۇرىمىز ۋە يۈرۈشتۈرىمىز؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىشىگە، بىمارلارنىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا ياتاقتا يېتىپ داۋالانسا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرىدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، قويۇق ئارىلىشىپ ياشايدىغان، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بىز 8 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، قەلبنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز، «ئۆمەك شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمەت سىستېمىسى ۋە كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەيمىز!

4. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، «ئۈچ جەزمەن»نى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنى تىرىشىپ قۇرۇشىمىز كېرەك.

1) سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، سادىقلىق روھىنى تاۋلايمىز.پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشەببۇسىغا قەتئىي ئاۋاز قوشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئەينەن ئىجرا قىلىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلمايمىز؛ قەتئىي بوشاشماستىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى سادىقلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي تۈردە تۈزۈم، ئىنتىزام، قائىدە بويىچە ئىش قىلىمىز. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىمىز، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى ئاشۇرىمىز، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز.

2) قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئۇلىنى پۇختىلايمىز.دۆلەتنىڭ «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»سى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمى، مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچەملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتۈرمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ئۆلچەملىك يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىسىدىن، ھۆكۈمەت ئادۋوكاتىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش ۋە خەۋپ - خەتەرنى باھالاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئاددىي، قوپال ئىجرا قىلىش، تاللاپ ئىجرا قىلىش ۋە خالىغانچە قالايمىقان ئىجرا قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەيمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ھوقۇقنى باشتىن - ئاخىر ئاشكارا يۈرگۈزىمىز. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق تۈردە قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، مەمۇرىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە - تەكلىپلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىمىز. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز. «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش» مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلە ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە سەمىمىي بولۇش ئارقىلىق ئامما ۋە بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىمىز!

3) ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ياساش كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمىز، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىگە دادىللىق بىلەن توغرا قارايمىز، مەسىلىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىمىز، مەسىلىنى ئاكتىپ ھەل قىلىمىز، سۆلەتۋازلىقتىن، يۈزەكى ئىش قىلىشتىن ساقلىنىمىز. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتلەنگەن تەپەككۇر، قاتمال ئەندىزە، كونا قائىدە - يوسۇنلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، «يەتتە خىل ئىقتىدار»نى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، «يەتتە خىل تەپەككۇر»نى كۈچەيتىمىز. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە ئىش پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى قىلىپ، «بېشىغا ئۇرۇپ»لا تەدبىر بەلگىلەش، خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەش، تەجرىبىسىگە تايىنىپ پەرەز بىلەنلا ئىش كۆرۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش، سىناش، باھالاشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئاجرىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىمىز. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىش، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي، يۇقىرىغىلا ئېسىلىۋالىدىغان خىزمەت ئىستىلىنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇللارنى قەتئىي توسۇپ، خىزمەتتە قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش، ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش، ئىستىلى ئاددىي، قوپال بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، زىددىيەت، مەسىلە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يولۇققاندا ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، يوشۇرماسلىق، ئىتتىرىپ قويماسلىققا يېتەكلەيمىز، رىغبەتلەندۈرىمىز، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى، ئاممىنى راست گەپ قىلىش، نەق گەپ قىلىش، كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغايمىز ۋە جارى قىلدۇرىمىز.

4) پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئەخلاقىنى دائىم يېتىلدۈرىمىز.ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئۈستىمىزگە ئالىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەيمىز. «ئۈچ مۇھىم، بىر چوڭ» ئىشلارغا ئائىت تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم تارماق، ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىدا پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ توپلاشقان، بايلىق يىغىلغان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «خىيانەتچى چىۋىن»لەرنى قەتئىي جازالاپ، چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يەنىمۇ يوقىتىمىز. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى، مەمۇرىيەت ئەخلاقى تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ئىشنى پاكىز قىلىش تۆۋەن چېكىنى ئوبدان ساقلاش، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا تەربىيەلەيمىز ۋە يېتەكلەيمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، يېڭى ئۇزۇن سەپەر، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلار يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرماقتا. كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، ئىش كۈرەش قىلىشتىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىش، تېخىمۇ قەيسەرانە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە - تەھرىرلىك باشقارمىسى بېكىتتى)