ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
—— 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا بېرىلگەن
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:
ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
بىرىنچى، «14 - بەش يىل» مەزگىلى ۋە 2025 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى، شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، نىشان بەلگىلەپ يول باشلاپ بەردى. 2022 - يىلى 7 - ئايدا، 2023 - يىلى 8 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. 2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەممەيلەن شاد - خۇراملىققا چۆمدى، ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، خەلق داھىيسىغا بولغان چىن مىننەتدارلىقى ۋە چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىد كۈتتى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئەسىر يۇقۇمى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەش قاتارلىق زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى بولغان، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش يېڭى سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلدى!
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىنچ، ئاسايىشلىق يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش - تىزگىنلەش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىدۇق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپىنى قەتئىي تۈردە بىخ ھالىتىدە تۈگىتىپ، ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى - ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتتۇق، يېڭى دەۋر«فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازىمەنلىك نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %99تىن يۇقىرى بولدى. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلىدۇق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى يۇقىرى خەۋپ - خەتەرنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇدۇللۇق تۈگەتتۇق، ھۆكۈمەت يوشۇرۇن قەرزىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قەتئىي توسىدۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ ساقلانما يوشۇرۇن قەرزىنى تولۇق تۈگەتتۇق، «بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» «ئۆينى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇردۇق. شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلدۇق، شىنجاڭغا چېتىشلىق جازالاشقا پائال، سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇردۇق، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتتۇق، دۇنيا تاراتقۇ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق، «يەردىكى بۇلۇت» قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقىتىپ، دۇنياغا ئىتتىپاق - ئىناق، گۈللەنگەن - تەرەققىي قىلغان، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدۇق.
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق. مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمكى شەھىرى، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلارنى قوغداش - پايدىلىنىشنى كۈچەيتتۇق، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزىيى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي مەيدان - سارايلىرىنى قۇردۇق، ھەر دەرىجىلىك مۇزېي، خاتىرە سارايلار 45 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى، تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرغانلىقى، ئىدارە قىلغانلىقى ۋە شىنجاڭدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى تولۇق نامايان قىلدۇق. «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردۇق، «جاڭ چيەن» «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» «بۇمبا» «ئالتىيىم» قاتارلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى تەسىس قىلدۇق ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك باھالاش - مۇكاپاتلاشنى قانات يايدۇردۇق، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنى دۇنياغا يۈزلەندۈردۇق. «خەلق ئۈلگىسى» بۇرماقان مولدو، «سەپتىن چېكىنگەن ئەڭ گۈزەل ھەربىي» لۇنجىك قادىر، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى ئايال» ماھىنۇر نىياز، «ئالتۇنخان» ۋاڭ گۇيجېن، ھاياتى بەدىلىگە خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن خې جياۋلۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر قەلبداش بولغان، رىشتە باغلىغان، بىر مەقسەتتە بولغان، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن تەسىرلىك مېلودىيە پۈتۈپ چىقىلدى. ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى سىجىل كېڭەيتتۇق. ساياھەتچىلىكنى مەدەنىيەت ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق، يىللىق كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 158 مىليون ئادەم قېتىمدىن 323 مىليون ئادەم قېتىمغا كۆپەيدى، رايون ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئامما قويۇق بېرىش - كېلىش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى. ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان«ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى روشەن ئۆستى. گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلدۇق، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتتى، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلدا ئوتتۇرىچە %5.9 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى يىلدا ئوتتۇرىچە %7.6 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى يىلدا ئوتتۇرىچە %9.8 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى يىلدا ئوتتۇرىچە %5.9 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى يىلدا ئوتتۇرىچە %12.5 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلدا ئوتتۇرىچە %28.5 ئاشتى. ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ۋە پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپ توپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. نېفىت - گاز ئېكۋىۋالېنتى 325 مىليون توننا بولۇپ، ئۇدا بەش يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ ئەسلىي كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئۇدا تۆت يىل كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇردى، شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر يىلدا ئوتتۇرىچە %33.7 ئاشتى، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى سىجىل يۈكسەلدى؛ ئون مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئالتىنى قۇردۇق، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمى 169 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ گېنېراتورلار سىغىمىنىڭ %64ىنى ئىگىلىدى، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى يىلدا ئوتتۇرىچە %6 ئاشتى، يېشىل توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشتى، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق؛ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز 24 مىليون 710 مىڭ موغا يەتتى، ئاشلىق 16 مىليارد 980 مىليون جىڭ ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %18.7ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، «ئۆزىنى ئۆزى قامداش»تىن «غەربىي رايون ئاشلىق ئامبىرى» بولۇشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ پاختا كەسپىدىكى ئەۋزەل ئورنىمىزنى مۇستەھكەملىدۇق، پاختا ھوسۇلى ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن مەملىكەت پاختا ھوسۇلىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتى %45كە يەتتى، دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ بازىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - يولى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى، ئايرودۇرۇم 28گە كۆپەيدى، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 9234 كىلومېتىرغا يەتتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرى»گە كىردى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان 750 كىلوۋولتلىق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ئايلانما تورى − تارىم ئايلانما ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ئايلانما تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش يول»دىن ئىبارەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئاساسلىق تور رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 5G تورى بارلىق شەھەر رايونى، بازار رايونى ۋە %93تىن كۆپ مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنى تېز سۈرئەتتە توپلىدۇق، شامال ئېنېرگىيەسى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش − بېسىم ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلاردا مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدۇق، تارىم نېفىتلىكىدە ئون مىڭ مېتىرلىق پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاپ ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدۇق، دىيامېتىرى 110 مېتىرلىق تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيو تېلېسكوپ قاتارلىق چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا - بازىسىدىن جەمئىي 160نى قۇرۇپ چىقتۇق، تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى بىر قاتلىدۇق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 3.2 ھەسسە كۆپەيدى، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى يەنىمۇ پۇختىلىدۇق.
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىكى توسالغۇنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىرقاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. دۆلەت كاپىتالى، دۆلەت كارخانىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق، دۆلەت ئىگىلىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ نېفىت - گاز، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتتۇق، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق، سودا - ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، دۆلەت كاپىتالىنى تەقسىملەش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى سالماقلىق بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسىنى تەشكىللەپ قۇردۇق، شىنجاڭ بانكىسىنىڭ كورلا بانكىسى ۋە خۇيخې بانكىسىنى قوشۇۋېلىشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدۇق، يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىشتە «شىنجاڭ ئەندىزىسى»نى ئىزدىنىپ بارلىققا كەلتۈردۇق. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامىنى چىقاردۇق، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش - يۈكسەلدۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، شىنجاڭ بويىچە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى ئومۇمىي سانى 2 مىليون 768 مىڭ 100گە يېتىپ، %8.85 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى ئىگىلىك ئاساسىي گەۋدىسى %97.2نى ئىگىلىدى، يېڭىدىن تارقىتىلغان كارخانا قەرز پۇلىنىڭ ۋەزىنلىك ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولدى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي «بىر بەلباغ، بىر يول»غا سىڭىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، پۇختىلىدۇق، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈردۇق، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت 19غا كۆپەيدى، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. شىنجاڭدىن يولغا چىققان، چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 74 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ قۇردۇق، 69 تۈرلۈك قوللاش سىياسىتىنى چىقاردۇق، 72 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈردۇق، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 20 مىڭدىن ئېشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى. تاشقى سودىنى تېز ئاشۇردۇق، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئۇدا تۆت يىل 100 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ ماڭدى، ئىككى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئۈچ نۆۋەتلىك سودا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، 228 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتتۇق، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى، دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى كېڭەيدى!
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، شەھەر - يېزا قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، رايون ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق، 10 مىليارد يۈەن جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلدۇق، تارىم ئەتراپى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويدۇق، بىر تۈركۈم مۇھىم كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى جايلاشتۇرۇپ قۇردۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلدا ئوتتۇرىچە %6 ئاشتى. تولۇق كۇرس مائارىپى جەنۇبىي شىنجاڭنى تولۇق قاپلىدى. شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، شىنجاڭ بويىچە دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %61.61كە يېتىپ، 5.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان 222 مىڭ 400 ئائىلىگە يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق.
بۇ بەش يىلدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنا يۈكلىدۇق، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتتۇق، ھەر يىلى %70تىن كۆپ مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتتۇق، ئۇدا ئۈچ يىل خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويدۇق، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى چوڭقۇر تۈزىدۇق، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويدۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى سىجىل زورايتتۇق، شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 2 مىليون 392 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 16 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم يىلىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.3 ۋە %8.1 ئاشتى. مائارىپ ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇردۇق، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97تىن ئاشتى، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردۇق. ئالىي مائارىپنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، شىنجاڭ بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 66گە يېتىپ، جەمئىي 1 مىليون 176 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈردۇق، دۆلەت دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىدىن تۆتنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزىدىن تۆتنى قۇردۇق، 86 ناھىيە، شەھەر، رايوندا داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردۇق، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش، يىراق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردۇق، ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۇدۇللۇق ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى سىجىل ئۆستۈردۇق، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي، تۇرالغۇ كاپالىتى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە 60 مىليون 630 مىڭ مولۇق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىرلىق تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپى ئېكولوگىيە توسۇقىنى تۇتاشتۇردۇق، چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنى بىردەك كىچىكلەتتۇق، سۇ بايلىقى تەقسىماتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇ تورى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدۇق. تارىم دەرياسى ۋادىسىغا 13 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلىدۇق، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىمىز تېخىمۇ پۇختىلاندى.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېسىمغا قارشى ئىلگىرىلەپ، يېڭىلاشقا، ئەلالاشتۇرۇشقا يۈزلىنىپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. پۈتۈن يىللىق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %5.5 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %7.7 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %7.2 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %3.6 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %19.9 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.5 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.3 ۋە %7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم تۇنجى قېتىم 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 20 مىڭ 793 يۈەنگە يەتتى. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:
(1) جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدۇق. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق تۈزەش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرتەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرانى مۇۋاپىق، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلىدۇق. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئۆزگەرتتۇق، تەبىئىي ئاپەتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، پۈتۈن يىلدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى سانى ۋە ئۆلگەن ئادەم سانى بىردەك تۆۋەنلىدى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق، قىزغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق بەختلىك ياشاۋاتقان گۈزەل مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلدۇق.
(2) جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلدۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» قويۇق ھېسسىيات بىلەن قالتىس ئورۇنلاندى، باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەنلەر 340 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى؛ «قىزىل ئانار ئاشخانىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «كۈسەن» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر، «شىنجاڭ تۇپرىقىدا» «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملەر ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاغا ئېرىشتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى شەھەر قۇرۇلۇشى، يول مەنزىرىسى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، يېزا - كەنت بازىرى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ سىڭدۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش - ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملىدۇق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش قويۇق كەيپىياتى بارلىققا كەلدى، 200 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ئائىلە «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . ئائىلە بويىچە بىللە ئۆگىنىش» پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرغان، ھېسسىياتىنى يۇغۇرغان رىشتە تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر بەس - بەستە مەيدانغا كەلدى، 110 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈر پايتەخت بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ «ۋەتەن مېھرى . جۇڭخۇا سەپىرى» تېمىسىدىكى ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا دۆلەت بايرىقىغا تىكىلگەن كۆرۈنۈش مىليونلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ئىلى ئالتە شوئار كوچىسى، كۇچا كۈسەن تار كوچىسى قاتارلىقلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.
(3) زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلدۇق. كەسىپ توپىنى راۋاجلاندۇردۇق ۋە زورايتتۇق، نېفىتلىك، گازلىق زاپىسىنى كۆپەيتىش - مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە كۇچا - باي كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق نېفىت - گاز ئېچىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈردۇق، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل 4 مىليون توننىلىق كۆمۈردىن ماي ئېلىش قۇرۇلۇشى ۋە بوغدا كۆلى ئېنېرگىيە شىركىتى شەرقىي جۇڭغار، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شەرقىي جۇڭغار يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىرلىق كۆمۈردىن گاز ئېلىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي بېرىللىي كانى، قىزىلچاپ قوغۇشۇن - سىنك كانى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىگە دائىر «يېڭى توققۇز ماددا»لىق سىياسەت، تەدبىرنى ئېلان قىلدۇق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %23.6 ئاشتى. ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى بازىسى قۇردۇق، بىرلىك ھوسۇلنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويدۇق، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 48 مىليارد 650 مىليون جىڭغا يەتتى، بىرلىك ھوسۇلى 1105.6 جىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 165 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە %92.8نى ئىگىلىدى، كۆكتات 20 مىليون 626 مىڭ توننىغا يەتتى، ئۆزگىچە مېۋە 14 مىليون توننىدىن ئاشتى، «چارۋىچىلىققا دائىر توققۇز ماددا»لىق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى سىجىل نامايان بولدى، چوشقا، كالا، قوي، قۇش گۆشى 2 مىليون 230 مىڭ توننىغا، سۇ مەھسۇلاتى 206 مىڭ توننىغا يەتتى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىشتىن پىششىقلاشنى ئاساس قىلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈردۇق، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېشىل ھېسابلاش كۈچى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو ياسىمىچىلىق، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە زاپىسى كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇردۇق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 700 نەچچىسى ساپ كۆپەيدى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا 61گە يەتتى. قۇرغاق رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قاتارلىق بەش يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى قۇردۇق، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى رەت تەرتىپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىدى.
(4) ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازدۇق. چوڭ - چوڭ سېلىنما تۈرلىرىنى تېز قۇردۇق، چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى، نوم 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 53 چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، تارىم دەرياسى نېفىت چەككىلەش بىلەن خىمىيە سانائىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قاتارلىق 179 چوڭ - چوڭ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل جانلاندۇردۇق، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 3 مىليارد 438 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 26 مىليارد 160 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدۇق، يېڭىچە ئىستېمالنى پائال يېتىشتۈردۇق. ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىدە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق. ساياھەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇردۇق، ساياھەت ئىستېمالىدا خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى چىقاردۇق، قار - مۇز ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت قاتارلىق ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى، داۋلاڭ ناخشا كېچىلىكى، «ئاتۇش لوڭقىسى» «قەشقەر لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىقلار پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشلاندى، سايرام كۆلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشىق - مەشۇقلار بارىدىغان رومانتىك جايغا ئايلاندى، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرما ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 323 مىليون ئادەم قېتىمغا، ساياھەتچىلەرنىڭ خەجلىگەن پۇلى 370 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا % 8، %8.4 ئاشتى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئىنتىلىدىغان «شېئىرىي تۈسكە تولغان جاي»غا ئايلاندى.
(5) سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالغا سىلجىتتۇق. ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق، ئىچكى رايونلاردىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىگە ماسلاشتۇق، «گۇاڭدۇڭ - شىنجاڭ تېز لىنىيەسى» ۋە «تىيانشان» ناملىق يىغىلىش - ئالمىشىش تۇنجى تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، بالتىق دېڭىزىغا، جەنۇبىي ئافرىقىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى خەلقئارا يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتۇق، «ئاقىل تۆمۈريول پورتى + تەۋەلىك جايدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى تۇنجى بولۇپ ياراتتۇق، «تاشيول پورتى + تەۋەلىك جايدا بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى كېڭەيتتۇق، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى %80تىن ئاشۇردۇق. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمىنى يۈكسەلدۈردۇق، ئىسلاھات سىنىقى ۋەزىپىسىنىڭ %85.2ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن 45نى تۆۋەنگە بەردۇق. ئەركىن سودا ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونىدىن بەشنى تەسىس قىلدۇق. تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇردۇق، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا 500 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتۇق،«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت %14.7 ئاشتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان سودا نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %36.4ىنى ئىگىلىدى. ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ %9.8 ئاشتى. تاشقى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتتۇق، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمكارلىق مەركىزى، مائارىپ ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىق مەركىزى شىنجاڭغا ماكانلاشتى. 12 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇ ھەمكارلىق مۇنبىرى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تىيانشان مۇنبىرى، 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا − ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.
(6) رايونلارنىڭ شەھەر - يېزا ماس تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنى شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنى يېقىن جايدا شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان خېكاڭ، خېئەن ناھىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق. يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. دۆلەت ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسىپلەر توپىدىن ئۈچنى، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ باغچىسىدىن ئۈچنى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپى كۈچلۈك بازىرىدىن توققۇزنى يېڭىدىن قۇردۇق. يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە بەش يىللىق يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان كەنتتىن 260نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇردۇق. يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %99.4كە يەتكۈزدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدۇق، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى 28 نۇقتىلىق تۈرگە 59 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى سىجىل تولۇقلىدۇق، ئاقسۇ - مارالبېشى تۆمۈريول بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، ۋاششەرى سۇ ئامبىرىدا قۇرۇلۇش باشلىدۇق. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتىن 6 مىليارد 37 مىليون يۈەن پايدا يارىتىلدى، كۇنگاڭ سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
(7) ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى سىجىل كۈچەيتتۇق. ئاتموسفېرا مۇھىت بۇلغىنىشى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. سۇلۇق يەرنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، مۇھىم دەريا - كۆل ئېكولوگىيە ئېقىن مىقدارىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %100 بولدى. قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا كەلكۈن باشلاپ 2 مىليارد 430 مىليون كۇب مېتىر سۇ تولۇقلىدۇق. 3 مىليون 90 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلدۇق، 4 مىليون 800 مىڭ مو يەرنى ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ ياخشىلىدۇق، 6 مىليون 910 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزىدۇق، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ «يېشىل شارپا»سىنى 9 مىليون 380 مىڭ مو كېڭەيتتۇق، قاشالاش قۇرۇلۇشى «2025 - يىلىدىكى دۇنيا بويىچە ئون چوڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمى 64 مىليون 820 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، يېشىل توك سودىسى 3 مىليارد 170 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، %52.8 ئاشتى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 31نى يېڭىدىن يېتىلدۈردۇق، يېشىل كاندىن 31نى يېڭىدىن قۇردۇق، ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل تۆۋەنلىدى، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدۇق!
(8) خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇردۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن مۇقىملاشتۇردۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرنى چىقاردۇق، شەھەر - بازارلاردا 488 مىڭ 100 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئەمگەك كۈچىدىن 3 مىليون 359 مىڭ ئادەم قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، كەسپىي ماھارەت بويىچە 824 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدۇق، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بارغان جايىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلاردىن ئىشلەمچىلىك يولى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆلىمى 1 مىليون 135 مىڭغا يەتتى. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىلگەن - كېڭەيتىلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمارەت كۆلىمى 462 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 71گە يەتتى. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى بويىچە ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈردۇق، شەھەر يەسلىسىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ بىر يىللىق بېقىش - تەربىيەلەش ھەققىنى كېمەيتتۇق ۋە كەچۈرۈم قىلدۇق. شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى ئالتاي مەكتەپ رايونى، شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالتە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار 238 مىڭ 500گە يېتىپ، %15.1 ئاشتى. داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈردۇق، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدۇق، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ھەممىسىدە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆكۈمەت جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى بار بولدى، جىپسىلاشقان ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %91.9كە يەتتى، 2 - دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 256 ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەللەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدۇق، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاياللارنى «ئىككى خىل راك كېسىلى» بويىچە 873 مىڭ ئادەم قېتىم ھەقسىز تەپسىلىي تەكشۈردۇق. شەھەر - يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى چىقىرىپ، 2 مىليون 516 مىڭ ئادەمگە نەپ يەتكۈزدۇق. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ ھەممىسىنى قەرەلىدە تاماملىدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق 3 مىليوندىن كۆپ ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدۇق، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 17 مىڭ ئېغىز سىنىپىنىڭ يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتتۇق، شەھەرلەردە 4075 كىلومېتىر يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى قۇردۇق ۋە ئۆزگەرتتۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 41 مىڭ 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولدۇق، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىنى ھەل قىلدۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار، بالىلار، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، ياشانغانلار، مېيىپلەر، خەيرىيەت، قىزىل كىرېست ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ۋە «مىخ قېقىش» روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل ئىللىتىنى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ ياخشىلىدۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. نىزام لايىھەسىدىن 14نى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، مەمۇرىي قائىدىدىن بەشنى چىقاردۇق ۋە ئۆزگەرتتۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 501نى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىدىن 453نى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، 3201 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەپ يولغا قويدۇق. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق، بېجىرىلگەن ئىش مىقدارى 3 مىليون 28 مىڭ 600گە يەتتى.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىر يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش، چوڭ - چوڭ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش - ۋەزىپىگە تەيىنلەش، شەھەرلەر ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ» «چوڭ پېچ» «ئۈلگە رايون» بولۇش فۇنكسىيەسىنى سىجىل نامايان قىلىپ، ئالاھىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىز مەملىكەتلىك 10 - قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا كەسىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 19 مىليارد 700 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا 272 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر چەكسىز سادىقلىقى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر مۇلازىمەت - كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتۇق.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بەش يىللىق، بولۇپمۇ 2025 - يىللىق نەتىجىلەر ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى، بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۇتقا ۋە روھ، بۇنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىمىز، قەتئىي بوشاشماي تۈرتكە بولۇشىمىز، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز شەرت. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، شىنجاڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شەخسىيەتسىز ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىدۇر. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان ياخشى ۋەزىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئەتراپلىق ئىگىلىگەنلىكى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەردە، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر(ئورۇن)لەرگە ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!
شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇقكى، تاشقى مۇھىت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۆلچەرلەش قىيىن، ئېنىقسىز ئامىللار ھېلىھەم بىرقەدەر كۆپ. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلماقتا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان جازالىشى، بېسىم ئىشلىتىشى كۈچەيمەكتە، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسى تېخى دېگەندەك پۇختا ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ ھەجىمى كىچىكرەك، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلا ئەمەس، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم بىرقەدەر كۆپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبەتەن ئارقىدا، قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زورىيىپ كەتتى. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يەنىلا سىجىل كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيە - مۇھىت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە خېلى كۆپ كەمتۈكلۈك، ئاجىزلىق بار، قىسمەن كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىدا چەتنەش بار، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى يەنىلا ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز چوقۇم مەسىلە، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز!
ئىككىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر
«15 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بىر قاتار زور سىياسەتلىرىنىڭ تىرەك بولۇشى بىلەن، ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان، نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يۈكسىلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇچ كەلگەن خىرىس چىگىش ۋە مۇرەككەپ، پۇرسەت مىسلىسىز. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۇرسەت خىرىستىن كۆپ، پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىلدىن كۆپ. بىز ئىككى ئومۇمىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
«ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەكلىپ» دېيىلدى)گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «پىروگرامما لايىھەسى» دېيىلدى)نى تۈزۈپ چىقىپ، يىغىننىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇندى.
يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانىدا، بىز ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىشتا، سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق - ئاشكارا تەدبىر سوراشتا، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ھەر تەرەپنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنى ۋە تەرەققىيات ئاساسىمىزنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
«پىروگرامما لايىھەسى»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بويىچە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن، ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «تەكلىپ»ىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «توققۇزدا چىڭ تۇرۇش»، يەنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش مۇھىم پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈردۇق.
ئومۇملۇقتا تۇرۇپ، كەلگۈسىنى كۆزلىگەندە، شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىياتىدا ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خەۋپسىزلىك بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن، «پىروگرامما لايىھەسى»دە بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى توققۇز جەھەتتىن، يەنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى تېز بەرپا قىلىش؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ماھىيەتلىك زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسلىق نىشان ۋە زور ۋەزىپىلەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ، 13 كۆزلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچ، سەككىز چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ تۈردىكى 21 ئاساسلىق كۆرسەتكۈچنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ كۆرسەتكۈچلەردە ھەم تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئويلىشىپ، رېئال ئېھتىياج بىلەن تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا تەڭ ئېتىبار بەردۇق. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تېز بولۇش، «16 - بەش يىل»غا بەلگىلىك بوشلۇق قالدۇرۇش پىكىر يولى بويىچە، تەكلىپتە «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى %5.5تىن %6كىچە قىلىپ بېكىتتۇق. يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەر جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «تەكلىپ»ىگە ئاساسەن، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ۋەزىپىنى 13 ساھەگە ئىنچىكە، ئەمەلىي ئايرىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ماس تەرەققىيات، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، يېشىل تەرەققىيات، بىخەتەرلىك كاپالىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، بىڭتۇەننى زورايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەت پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، چوڭ ئىشلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي بولۇش - قوللىنىشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاساس پۇختا، ئامىل كاپالىتى كۈچلۈك، بەلگىلىك سېلىنما كۆلىمىگە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى «پىروگرامما لايىھەسى»گە كىرگۈزۈپ، «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولىمىز. يىرىك پىلان بېكىتىلگەنىكەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىدىغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان، «بەش چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل بولۇپ، شىنجاڭ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن قەدەم تاشلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىسەكلا، «15 - بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار يىرىك پىلاننى چوقۇم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز!
ئۈچىنچى، 2026 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر
2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى باشلىنىدىغان يىل، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 15 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە قاراتمىلىق، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىناتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشۇرمىنى ياخشىلاپ، ساقلانمىنى جانلاندۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شارائىتقا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېز سىڭىشىپ، سىجىل تۈردە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلايمىز.
بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5تىن %6كىچە ئاشۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %7.5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %8 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %6 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %7 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %8 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %2 ئۆپچۆرىسىدە ساقلاش، شەھەر - بازارلاردا 470 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش. ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بىرلىك رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاش.
يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «بەش شەرت»كە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان بېكىتمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاچقۇچلۇق كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلىشىمىز شەرت.
(1) تۆۋەن چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز
جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پارتىيە - ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» قەستىگە قەتئىي تۈردە قارشى تۇرىمىز. جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايمىز. تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساپ، تەرتىپلىك تور مۇھىتى يارىتىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ - خەتىرىنى پائال، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، كارخانىلارنىڭ ھېساباتتىكى نېسى قالدۇرۇلغان پۇلىنى ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىمىز، يەرلىك ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مىقدارنى ئازايتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىمىز، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سىېتىۋېلىپ كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىشلىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان كارخانا، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق كارخانا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستىراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىمىز. ئاممىۋى بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى توسىمىز. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە زور ئاممىۋى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇنى چىقىرىۋېتىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى بويىچە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
(2) ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە سىجىل كۈچەيمىز
خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويىمىز، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، زامانىۋى سودا ئوبوروتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئىستېمال يېڭى ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ئىشچى - خىزمەتچىلەر مائاش ئېلىپ تۇرۇپ ئىلگىرى - كېيىن دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىيازدا، كۈزدە تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىستېمال ساھەسىدىكى نامۇۋاپىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېنىقلايمىز، مەدەنىيەت - ساياھەت، مۇسابىقە، يېمەك - ئىچمەك، ساغلاملىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىمىز. سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سېلىنمىسىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، بايلىق ئامىلى سېلىنما كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «زور، نۇقتىلىق» تۈرنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويىمىز. خەلق ئىچى سېلىنمىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدىغان تۈر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريول ئايلانما تورى غول يولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش، G679 لىنىيەسى ئۇلاستاي - گۇچۇڭ تاشيولى، G219 لىنىيەسى قۇم (جىكپۇلىن) - قاناس تاشيولى، G314 لىنىيەسى قەشقەر - تاشقورغان تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولىمىز، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىنىڭ 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، تولۇق ساھەلىك ھۆكۈمەت سېلىنمىسى پىلانىنى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇغۇت، بېقىش، مائارىپ، داۋالاش، كەسپىي تەربىيەلەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاممىۋى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
(3) يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئۆزگىچە كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرىمىز
زامانىۋى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز، مۇنبەت ئېتىز، سۈپەتلىك ئۇرۇقلۇق، ياخشى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ياخشى ئۇسۇلنى توپلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوسۇلنى زور كۆلەمدە تەڭپۇڭ ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى 48 مىليارد 500 مىليون جىڭ ئۆپچۆرىسىدە مۇقىملاشتۇرىمىز. پاختا نىشانلىق باھاسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنى 5 مىليون 600 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىدە مۇقىملاشتۇرىمىز. تۆۋەن ھوسۇللۇق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك باغنى ئۆزگەرتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىمىز. ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۆش قويى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، شورلۇق يەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى سالماقلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سانجى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇقلۇق قوناق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭچە تەم» ماركىسىنى يارىتىمىز. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقا تايىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىپ، كەسىپ سىستېمىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرىمىز. ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى نېفىت - گاز زاپىسىنى كۆپەيتىش - مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈرچىلىكتىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل كۆمۈردىن ماي ئېلىش تۈرى، شەرقىي جۇڭغاردىكى كۆمۈردىن ماي ئېلىش ئۈچ تۈرى، خۇينېڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز. يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى تەرتىپلىك ئېچىپ، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تۈرلىرىنىڭ پىلاندىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيوتېببىي دورا كەسپى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى سىجىل زورايتىمىز. شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى لىنىيە، يېڭى مەنزىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، قار - مۇز ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، چېگرا ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ كوئېنلۇن تېغى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى قاتارلىق دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە قۇۋۋەت قوشۇپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىجىل ئاشۇرىمىز.
(4) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز
مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىمىز، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، پەن - مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەمىنات تۈزۈمىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلار، قالتىس ئىنژېنېرلار، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى قاتارلىقلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار قوشۇنىنى زورايتىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز، خۇەيروۋ دۆلەت تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى قاتارلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنىڭ تېخىمۇ زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» ۋە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ «سان - سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۇقۇم دەلىللەش مەركىزى، ئارىلىق سىناق بازىسىنى جايلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرى ۋە كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرىمىز، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقتا رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربتە ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، «شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچىنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزۈش»نى تېزلىتىپ، يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزى، ھېسابلاش بىلەن ئېلېكتىرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تۇتاش تورى بەرپا قىلىمىز. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تىپىك مۇھىتنى ئېچىۋېتىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە يادرولۇق كەسىپلەر توپلانما رايونىنى يېتىلدۈرىمىز. تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئۇچۇش - قونۇش ئەسلىھەلىرى، ئۇچۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە تۆۋەن بوشلۇق قوللىنىش مۇھىتى، تۆۋەن بوشلۇق تەۋەلىكىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ جايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى ئۇچۇرى، نۆل كاربونلۇق كۆمۈر ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلىرىنى پىلانلاپ جايلاشتۇرىمىز.
(5) ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوزغىتىمىز
مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىمىز، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سودىگەر چاقىرىش - مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلار تىزىملىكىنى يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتى ئۈنۈمىنى باھالاشنى باشلايمىز. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دە رىقابەتلىشىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، دۆلەت دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇش، يۇقىرى ئۆلچەمدە يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، دۆلەت كاپىتالىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانا ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدايمىز. ھۆكۈمەت نېسى قالدۇرغان كارخانىلارنىڭ ھېساباتتىكى پۇلىنى ئېنىقلاش - قايتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز. مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مالىيە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتى، ئاساسىي قاتلامدىكى «ئۈچ كاپالەت»، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇش، مالىيەنىڭ يۈرۈشۈش خەۋپ - خەتىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات سىنىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرۇش ئارقىلىق مالىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. «قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج ئېلىش - باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرىمىز. يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، «ھۆكۈمەت - پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى - كارخانا»نىڭ ماس بىرلەشمە ھەرىكىتىنى سالماقلىق بىلەن كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كاپىتال بازىرى، سۇغۇرتا كەسپى ۋە بانكا كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىگە دائىر «بەش چوڭ ئىش»نى ياخشى قىلىمىز. يېزا ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىمىز، 2 - قېتىملىق يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىنىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېزا مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ چىقىمىز.
(6) يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە سىڭىشىمىز
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قەشقەر، ئالاتاۋ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇپ، پورتلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، تۇنجى ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، توپلانما شەكىللىك ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى بىلەن شىنجاڭدىكى باشقا رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سودا بىلەن سېلىنمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا باشلامچى كارخانىلىرىنى نۇقتىلىق كىرگۈزۈپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + مەملىكەت سىرتى ئامبىرى» ئەندىزىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىمىز، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا، ئافرىقا بازىرى قاتارلىق ئامېرىكا بازىرىدىن باشقا بازارلارنى پائال ئاچىمىز. يەرلىك مەھسۇلات ئېكسپورتىنى كۆپەيتىپ، ئىمپورتنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودا، يېشىل سودىنى پائال راۋاجلاندۇرىمىز. دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايوندىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى ياخشى قوبۇل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
(7) ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياشاشقا ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى شارائىتقا قاراپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئادەم ئاساس قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ناھىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە جايلاشتۇرمىسى ۋە ئاممىۋى بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ناھىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئاھالىسىنى شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىشكە جەلپ قىلىمىز. ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، دۆلەتنىڭ «كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش» يۈرۈشلۈك مەدەت بېرىش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەركەز كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تىرەك بولۇش شارائىتى ياخشى، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى زور بىر تۈركۈم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ۋە زورايتىمىز. نېفىت - گاز ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىشنى تېزلىتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، خاسلىقى روشەن بولغان، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز.
(8) يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز
بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلايمىز، نۇقتىلىق دەريا، كۆللەرنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنى، يەكەن دەرياسى − قەشقەر دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىمىز، ئىلى دەرياسى گۈزەل دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە قۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى بۇلغىمىنى مەنبەدىن تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئاممىۋى رايونلاردا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توكلىغۇسى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، «15 - بەش يىل»دا كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر قالايدىغان قالاق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئومۇميۈزلۈك شاللىۋېتىمىز. «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز، مىكرو ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ «يېشىللىق نىسبىتى»نى زور دەرىجىدە ئاشۇرىمىز. گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، شاڭخۇ - چەرچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۆل كاربونلۇق باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىمىز. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇش جېڭىنىڭ قاشالاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە بېيىتىمىز، گۇبانتۈڭگۈت قۇملۇقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىمىز، 1 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىش، 4 مىليون 500 مىڭ مو چېكىنگەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تۈزەش، 3 مىليون 500 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملايمىز. كۆمۈرلۈكتىكى ئوت رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىلى − تۇرپان دۆلەت ئۆسۈملۈك باغچىسى قۇرىمىز. سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر، ئەۋرىشىم بولغان زامانىۋى سۇ تورى قۇرۇپ، سۇ بايلىقى قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى سىجىل تۈزەپ، يەر ئاستى سۈيى تارتىش مىقدارىنى 11 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر ئىچىدە تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك قىلىمىز!
(9) خەلق تۇرمۇشىنى چوڭ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرىمىز
ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەيمىز، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىش بېرىش يولى ئارقىلىق ياردەم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەت سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەمچىلەر بازىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىمىز. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەيمىز، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتە بىرتۇتاش غەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەرۋىشى بويىچە سىغىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇتى قۇرۇپ چىقىمىز. ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار، ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىزلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، يالغۇز قالغان ياشانغانلار، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەرگە قارىتىلغان مۇلازىمەت - كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر - يېزىلاردا بىر گەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى يېڭىدىن سالىمىز، ئۆزگەرتىمىز، كېڭەيتىمىز. ئەلا سۈپەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى داشۆسى، شىنجاڭ چەت ئەل تىلى داشۆسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىمىز. پۈتۈن زەنجىرلىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش ۋە رايونلار بويىچە تەڭپۇڭ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە، رايون ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىمىز. ئېغىر يۇقۇم ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. بالا بېقىش ياردەم پۇلى قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلار، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر، شەھەرلەردىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، يېقىلغۇ گاز، پار تۇرۇبىسى تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە، يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار، كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئۆي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ «ياخشى ئۆي»لەرنى تەييارلايمىز. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش، قەلبنى ئىللىتىپ ياشانغانلارنى ئاسراش، پەرزەنتلىك بولۇش، بېقىشتا خاتىرجەم بولۇش، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، ئەمىن تاپتۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېزىلارنىڭ سۇ تەمىنات قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋە يول تورىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئون ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرىمىز، ھەربىر «كىچىك ئائىلە» ھاياتىي كۈچكە تولسا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ «چوڭ ئائىلە» كۈنسايىن روناق تاپىدۇ!
(10) قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىنى كېڭەيتىمىز. شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت ساقلانمىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي مەنزىرە، ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرىمىز. قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز. ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، 5 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قوللاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە كېڭەيتىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولىمىز، پات ئارىدا چىقىرىلىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىشى، بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەتلەرنى ئاڭلىق قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى تولۇق مۇجەسسەملەيمىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى راھەت - جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، غەيرەت - شىجائەتكە تولغان جانلىق ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەنگە قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، زور تۈرلەرنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، زور سۇپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، زور ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇپ، زور سىياسەتلەرنى ئورتاق پىلانلاپ، ئامىل بايلىقىدىن چوڭقۇر ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ رايونلار بويىچە چوڭقۇر گىرەلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەۋزەل بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرىدىغان، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق تۈزەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان جانلىق ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىمىز.
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. بىز 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بەرگۈچى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش جەھەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مۇھىم، مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. بىز ئىلگىرىكىدەكلا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز!
تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلق تېخىمۇ رازى بولىدىغان ھۆكۈمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرىمىز
يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى سەپەر، يېڭى ۋەزىپىگە يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىشقا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار مۇھىتى، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاكتىپ كۈچنى تولۇق نامايان قىلىدىغان ئاممىۋى پىكىر مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىمىز، خەلققە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىمىز.
(1) سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتى قىلىمىز. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرىپى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، كۈچلۈك ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
(2) قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش مىزانى قىلىمىز. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زور سىياسەت، زور تۈرلەردە ئىشتىن بۇرۇن باھالاشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىمىز. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، «كارخانىغا ساۋما قىلىپ كىرىش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. «9 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرىمىز. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خىزمەت نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا قانات يايدۇرىمىز، ئاشكارا يۈرۈشتۈرىمىز!
(3) ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ روشەن يۆنىلىشى قىلىمىز. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ئىشنى قانۇنىيەت بويىچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، پەرقلىق سىناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىكى پاك، ئىستىلى ئەلا، ئىنتىزامى قاتتىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلىشنى بىلىدىغان كادىرلارنى ئىش قىلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەت بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنى بەس - بەستە يېڭىلىق يارىتىدىغان، تالانتلىقلار توپلانغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات قايناق ماكانىغا ئايلاندۇرىمىز. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۈتتۈرۈش» بويىچە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، دائىرىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرىمىز، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. مەمۇرىي ھوقۇقنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك، ئىلمىي - مۇۋاپىق تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ھۆججەت دۆۋىسىدىن، يىغىن قاينىمىدىن، باھالاش - تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشتىن، ماتېرىيال، مەلۇمات جەدۋىلى تەييارلاشتىن خالىي قىلىمىز. يېڭى ئەمەلدار كونا ئىشلارغا ئىگە بولماسلىق مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، كاللىسىغا كەلگەنچە تەدبىر بەلگىلەش، مەيدىسىگە ئۇرۇپلا قارىسىغا ئىشلەش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، «سان - سېپىردا سىياسىي نەتىجە» يارىتىش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىش» مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەپ، ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات يارىتىمىز!
(4) پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۇرۇس، پاك بولۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى قىلىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەش يەنىمۇ جايىدا بولۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئىستىل بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم تارماق، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش خىزمىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرىمىز. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش جەھەتلەردىكى نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك نازارەتچىلىكتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. يېقىنلىق بىلەن پاكلىق بىرلىككە كەلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە كارخانىلارنىڭ قوللىشىنى، ئىشىنىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز. مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى «تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈش»كە ئادەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!
ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شانلىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، بىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، نەتىجىلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى، گۈزەل كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىشەنچىمىز ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم، كۈرەش ئىرادىمىز كۆتۈرەڭگۈ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مەمۇرىي ئىشلار ئىشخانىسى ‹تەرجىمە باشقارمىسى› بېكىتتى)