مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى

2020-05-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

12 نەپەر ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، لىن خۇي، ليۇ خۇي) مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 12 نەپەر ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلدى، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا كېلىپ سۆزنى ئاڭلىدى.

ئەزا خۇاڭ لۇچى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى ھەمكارلىقىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەدبىرلىرى ۋە لايىھەلىرىنى تۈزۈشىگە قاتناشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلسا.

ئەزا چېڭ خۇڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ئۇدا 20 نەچچە يىل تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى، ئىلمىي، سىستېمىلىق بولغان ساغلاملىق تەربىيەسى، تەن ساپاسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئارىلىشىش سىستېمىسىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. ساغلاملىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جىسمانىي ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش ئەندىزىسى ۋە مەزمۇنىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش؛ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا جوۋ خەنمىن جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىپ ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەركىزىي شەھەرلەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىشنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى يادرولۇق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ئارا كېڭىشىش - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي شەھەرلەر چەمبىرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەزا لو جىجۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يېڭى ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ماسلىشىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئىسلاھات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يېڭى ماھارەت، يېڭى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش؛ مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كەسىپلەر، كارخانىلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ياردەم بېرىش - يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

ئەزا جاڭ يۈدۇڭ جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشى دېگەندەك ئومۇملاشمىدى، شۇنداقلا دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەس، قانۇن چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ نەشرىيات، تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن قول تۇتۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇنەۋۋەر كىتابلارنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، تارقىتىش، كېڭەيتىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش شەكلىنى بېيىتىپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا يەن شياۋپېي جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى «14 - بەش يىل»لىق دۆلەت پەن - تېخنىكا پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى كۆزلەپ، تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا كۈچ قوشۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا جياڭ زېلىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ يېزا كەسىپلىرى يۇغۇرما تەرەققىياتىدا تەدرىجىي يۈزلىنىش كۆرۈلمەكتە، «يېزا ئىگىلىكى +» كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېخىمۇ بېيىدى، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ھېلىھەم بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتتا ھوقۇق - مەنپەئىتى باراۋەر بولۇش، مەسئۇلىيىتى سىممېتىرىك بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ يەر قاتارلىقلارغا دائىر تەمىنلەش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىل چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش؛ چوڭ تىپتىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇغۇرما ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا ليەن جيېدې تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى جەمئىي تەستىقلىغان تەيۋەن سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش تۈرى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەيۋەن مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىپ، تەيۋەن كارخانىلىرىنى ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىدار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىگە سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا ليۇ بىڭجياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بىر تەرەپكە ئېغىش ۋە جايلىشىش قالايمىقان بولۇش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا كۆمۈرگە بەكرەك تايىنىپ قېلىش، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىدا تاشيولغا بەكرەك تايىنىپ قېلىش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەدبىر قوللىنىش، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈچ چوڭ رايوننىڭ كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، تۆمۈريولدا يۈك توشۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېقىلغۇدىن بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى مەنبەدىن ئازايتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

ئەزا جياڭ يىڭ پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى مىسلىسىز بولدى، ھۆكۈمەت تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقاردى. كېيىنكى باسقۇچتا كارخانىلارغا قارىتىلغان ياردەم بېرىش - يۆلەشتە تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بولۇشى، «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» زۆرۈر بولغاندا «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» كېرەك، «كارخانىلارغا كاپالەتلىك قىلغان»دىلا، ئاندىن «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ»؛ سۇپا تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەت باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى ھەمكارلىشىپ «رەقەملىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»نى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

ئەزا خې دىڭيى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 20 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاۋمېن ئالاھىدىلىكى، ئاۋمېن يارقىن نۇقتىسى، ئاۋمېن تەجرىبىسى»نى ياراتتى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم ئىشەنچىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەزا شياۋ رەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى مىللىي روھنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ جانلىق شەرھلىنىشى. ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مىللىي روھنى تارىخىي خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى مىللىي روھنى ئاساس قىلغان مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش سىمفونىيەسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ شېڭزۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.