ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020-05-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن «ھەقىقىي تۈردە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويايلى» تېمىسىدا 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئاساسنى پۇختىلايدىغان، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، دۆلىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ھەقىقىي تۈردە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى مەمۇرىي قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى يولداش خۇاڭ ۋېي بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» − يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى «قانۇن دەستۇرى» نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە. بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، پارتىيەمىز ھەق تەلەپ قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى جەھەتتىكى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زور بىر تۈركۈم ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى قانۇنلىرى تۈزۈلۈپ ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تۈزۈشكە ئاساس سېلىندى، تەجرىبە توپلاندى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تۈزۈشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدۇق. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تۈزۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بەش يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ئاخىر ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدا يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن ھەق تەلەپ قانۇن قائىدىلىرى سىستېمىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر قانۇن مەدەنىيىتى قوبۇل قىلىنغان، ئىنسانىيەت قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىلىق نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسىغا ماس كەلگەن، دەۋر تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، ھاياتىي ساغلاملىق، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى، سودا قولايلىقلىقى، بەختلىك تۇرمۇش، كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ھوقۇق باراۋەرلىكىنى قوغدايدىغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇش سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. دۆلەت ئورگانلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە جەزمەن ئۆز ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتىنىڭ دائىرىسى ۋە چېكىنى روشەنلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئويلىشىشى، خەلق ئاممىسى بەھرىمەن بولىدىغان قانۇنلۇق ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا، جۈملىدىن جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىقى كېرەك. ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ھەق تەلەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداپ، ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئۆزئارا يانداش بولغان قانۇن، قانۇن - نىزام تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئالاقىدار قانۇن، قانۇن - نىزام ۋە ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمە ۋە پىرىنسىپلار بىلەن بىردەك بولمىغان دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. قانۇن ئىزاھاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەنىسى ۋە قانۇننى تەتبىقلاش ئاساسىنى ۋاقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ساقلاش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا، ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يولغا قويۇلۇش جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى ئەمەلىيەت ئاساسىدا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەمۇرىي نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ ھالدا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كېمەيتىدىغان - زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىۋېتىدىغان قارارلارنى خالىغانچە چىقارماسلىقى كېرەك. مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاش، مەمۇرىي باج ئېلىش، مەمۇرىي ھەق ئېلىش، مەمۇرىي تەكشۈرۈش، مەمۇرىي كېسىم چىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلار ۋە خادىملارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھەق تەلەپ دېلولىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ قويۇق. ھەر دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى ھەم ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە روھ بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاپ، ھەق تەلەپ قانۇنىنى تەتبىقلاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقىنى قوغداش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ سوت خىزمىتى ۋە نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھەق تەلەپ تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيەلىك ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، جىنايى ئىشلار دېلوسى نامى بىلەن ھەق تەلەپ ماجىراسى، ئىقتىسادىي ماجىرالارغا قول تىقىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى ۋە ئادۋوكاتلار قاتارلىق قانۇن كەسپىي ئاپپاراتلىرى، كەسپىي خادىملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ۋە قوغدىشىغا ياردەم بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مۇرەسسەسى، سودا ئىشلىرى كېسىمى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ياردىمى، ئەدلىيەلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۈچى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى ئەمەلىي ھەل قىلىش ئارقىلىق ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۆپ تەرەپتىن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ياخشى يولغا قويۇشتا، جەزمەن ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئاممىنى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ھەم ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇن دەستۇرى ھەم بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە دەپ تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلاردا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپ قىسمى ۋە ھەرقايسى بۆلەك قىسىملىرىدىكى ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن ۋە نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى ھەق تەلەپ پائالىيەتلىرىدە باراۋەر بولۇش، ئىختىيارىي بولۇش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش قاتارلىقلارغا ئائىت ئاساسىي پىرىنسىپلارنى ياخشى ئىزاھلاش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى سۇبيېكتلار باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، سودا - ئوبوروتنى قولايلاشتۇرۇش، كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمەتنى قوغداش، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئائىت ئاساسىي تەلەپلەرنى ياخشى ئىزاھلاش، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى ئۇقۇم، يېڭى روھنى ياخشى ئىزاھلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن تۈزۈمىگە بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەق تەلەپ قانۇن نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە سۆز سىستېمىسىنى ئىمكانقەدەر تېز بەرپا قىلىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن تۈزۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش، رىئايە قىلىش، قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى قوللىنىپ خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، زىددىيەت - ماجىرالارنى پەسەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.