شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نى ئېلان قىلدى

2020-06-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 45 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن بۇ قانۇننى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلدى.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى جەمئىي يەتتە قىسىم، 1260 ماددا بولۇپ، ھەرقايسى قىسىملىرى تەرتىپ بويىچە ئومۇمىي پىرىنسىپ، نەرسە ھوقۇقى، توختام، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقى، ئۆيلىنىش - ئائىلە، ۋارىسلىق قىلىش، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپلارغا بۆلۈنگەن، 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۆيلىنىش قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى، بېقىۋېلىش قانۇنى، كېپىللىك قانۇنى، توختام قانۇنى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى يېڭى جۇڭگودىكى قانۇن دەستۇرى نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى قانۇن، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دەستۇرى تۈزۈش، چىقىرىشىغا يول ئاچقان بولۇپ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى تۈزۈش پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما. بۇ قانۇن دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق تەلەپ قانۇن - تۈزۈملىرى ئۆلچىمىنى سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈش، تۈزۈش، تەھرىرلەش، تۈزىتىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، تۈزۈلۈشى ئىلمىي، قۇرۇلمىسى پۇختا، قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق، مەزمۇنى مۇكەممەل ھەم بىردەك ماسلاشتۇرۇلغان قانۇن دەستۇرىنى شەكىللەندۈردى.