شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى

2020-06-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلى ئارقىلىق ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزئارا قوللىدى، ئۆزئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، «كېيىنكى يۇقۇم دەۋرى»دە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام بولۇپ، پىشىپ يېتىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگوغا تىنچلىق كېرەك، زومىگەرلىك كېرەك ئەمەس. بىزنىڭ بارلىق سىياسەت ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى جۇڭگو خەلقىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگو پۇرسەت، تەھدىت ئەمەس. جۇڭگو ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، بۇ، ياۋروپانى يېڭى بىر نۆۋەت ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو ھەمراھ، رەقىب ئەمەس. جۇڭگو - ياۋروپانىڭ تۈپ پايدا - زىيان توقۇنۇشى يوق، ھەمكارلىقى رىقابەتتىن خېلىلا زور، ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن خېلىلا زور. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە دۇنيادا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئىلگىرى كىرىزىس داۋامىدا تىرىشىپ يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ نۇقتا جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگىمۇ ماس كېلىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېمىنى تەشەببۇس قىلىشى، نېمىگە قارشى تۇرۇشى، نېمىدە ھەمكارلىشىشى دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو - ياۋروپا يەر شارىۋى تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئىككى چوڭ كۈچ بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئوچۇق، گۈللەنگەن يۆنىلىشكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ خەلقئارا تىنچلىق، مۇقىملىق ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو - ياۋروپا پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ بازار بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى «قوش موتور»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك ھالدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئورتاق قوللاپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بازارنى ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ يېشىل ۋە رەقەم ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات ھەمراھى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئافرىقىغا قارىتىلغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

جۇڭگو - ياۋروپا كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرىدىغان، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇشى كېرەك. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىك تەرەپتە تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا قاتناشقانلىقى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىش بويىچە سۆزلىشىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن ئىككى رەئىس بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسىي قارالمىلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مىچېل بىلەن ۋوندېرلېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا - جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھاياتىي كۈچكە تولغان. ھازىر دۇنيا ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلمەكتە، پەقەت خەلقئارا ھەمكارلىق بولغاندىلا، يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، پەقەت سۆزلىشىپ كېڭەشكەندىلا، زىددىيەت، توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، رايون مۇقىمسىزلىقىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ياۋروپا تەرەپ سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ھاسىل قىلىپ، يۇقۇم تەسىرىنى بالدۇرراق يېڭىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئافرىقىغا قارىتىلغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ياۋروپا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياۋروپا - جۇڭگو كېڭىشىپ بېكىتكەن مۇھىم، زور سىياسىي قارالمىلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.