13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2020-06-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈش قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈش قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئارخىپ قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 46 -، 47 -، 48 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 160 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قورال - ياراغ سودىسى شەرتنامىسى»گە قاتنىشىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللىنىپ، بۇ شەرتنامىگە قاتنىشىش قارار قىلىندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019 - يىللىق مەركەز نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللىنىپ، 2019 - يىللىق مەركەز نەق چوتى تەستىقلاندى.

يىغىندا يەنە ئالاقىدار تەيىنلەش - قالدۇرۇش لايىھەلىرى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ما خۇەيدې «دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي قانۇن تۈزۈمى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.