جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

2020-06-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەينەن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىناق قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. خەينەننىڭ تەدرىجىي ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قەدەم - باسقۇچ، قاتلاملار بويىچە ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىشىغا مەدەت بېرىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ئىلمىي پىلانلاپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك باش كۆتۈرمەكتە، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تېخىمۇ زور تەتۈر شامال ۋە تەتۈر دولقۇنغا دۇچ كەلمەكتە. خەينەندە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى؛ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش؛ ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بۇ لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

«لايىھە»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلغان، خەلقئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىلىپ، دىققەت سودا سېلىنمىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا پورتىغا ماس كېلىدىغان سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراق ۋە مۇھىم ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كۆرسىتىلگەن.

«لايىھە»دە خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى پۈتۈن خەينەن ئارىلى بويىچە بولىدۇ، دەپ ئېنىق بېكىتىلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، سودا ئەركىن، قولاي بولۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ئەركىن، قولاي بولۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئەركىن سودا پورتى سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ. تىجارەت - سودا مۇھىتى ئومۇمىي جەھەتتىن دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ، بازار سۇبيېكتى زور نىسبەتتە ئاشىدۇ، كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلۈك ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن - نىزاملار تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

2035 - يىلىغا بارغاندا، ئەركىن سودا پورتى تۈزۈم سىستېمىسى ۋە ئايلىنىش ئەندىزىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ، ئەركىن، ئادىل، قانۇنچىل، يۇقىرى سەۋىيەلىك بولغان جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان سودا ۋە سېلىنما قائىدىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ، سودا ئەركىن، قولاي بولۇش، مەبلەغ سېلىش ئەركىن، قولاي بولۇش، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتى ئەركىن، قولاي بولۇش، خادىملارنىڭ كىرىپ - چىقىشى ئەركىن، قولاي بولۇش، تىرانسپورت ئالاقىسى ئەركىن، قولاي بولۇش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، قانۇن - نىزام سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى تېخىمۇ پۇختىلىنىدۇ، زامانىۋى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلىنىدۇ.

مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا پورتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.