مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020-07-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق ئېقىن رايونلىرى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى، پوياڭخۇ كۆلى، تەيخۇ كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ سۈيى ئېھتىيات سۇ ئورنىدىن ئېشىپ كەتتى، چۇڭچىڭ، جياڭشى، ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا ئېغىر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبېرىپ، ئادەم يارىلىنىش-ئۆلۈش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىردۇق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كۆزىتىش-ئالدىن سىگنال بېرىش، توسما، سۇ ئامبارلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كۈچلىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىلمىي يۆتكەپ تەقسىم قىلىشى كېرەك. شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.