دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

2020-07-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كارخانىچىلار ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇھىم سۇبيېكتى. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى كارخانىلاردىن كېلىدۇ، بولۇپمۇ كارخانىچىلاردىن، كارخانىچىلار روھىدىن كېلىدۇ.

يېقىندا ئېچىلغان كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلارنى دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يەپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ: كارخانىچىلار كارخانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە، ۋەتەننى سۆيۈش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي بولۇش، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى ۋە خەلقئارا نەزەر قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بەرپا قىلىدىغان، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

دۇنيادا جاپاسىز ئىش يوق. بارلىق گۈزەل ئارزۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى كۈچلۈك مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشكە موھتاج. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم جاسارەتلىك، دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان كارخانىچىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە، مىللەت ئالاھىدىلىكىگە، دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە جۇڭگو كارخانىچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى. كەڭ كارخانىچىلار دۆلەتكە، مىللەتكە نىسبەتەن يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى، كارخانا تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت بايلىقىنى توپلاش، ئىش ئورنى يارىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشى، قاينام - تاشقىنلىق تارىخ كارتىنىسىغا كارخانىچىلار روھىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك. بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا، كەڭ كارخانىچىلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كارخانىچىلار روھى قىممەتلىك جەمئىيەت بايلىقى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى. كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى دەۋر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان كارخانىچىلار روھىنى چاقىرماقتا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كارخانىچىلار توپىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى كارخانىچىلار توپى نامايان قىلغان روھىي قىياپەتنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش» «باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش» «سەمىمىي بولۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش» «جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش» «خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش» قاتارلىق بەش نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىچىلار روھىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى بىلەن تەمىنلىدى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، كارخانا سودا - تىجارىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، كارخانىچىلارنىڭ ۋەتىنى بار، ۋەتەننى سۆيۈش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچىلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كارخانىچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك قىممەت ئىنتىلىشى؛ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچ؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىناۋەت ئىگىلىكى، قانۇنچىل ئىگىلىك، كارخانىچىلار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، كارخانىچىلار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيا قاتارلىق تۈرلۈك بايلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا سەمىمىيەت بولمىسا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ جەمئىيەت كارخانىچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە، پەقەت جەمئىيەتكە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرىدىغان، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدىغان كارخانىچىلارلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەقىقىي ئېرىشەلەيدۇ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىچى بولالايدۇ؛ قانچە چوڭ نەزەر دائىرە بولسا، شۇنچە كەڭ قەلب بولىدۇ، خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەندىلا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازاردىن، ئىككى خىل بايلىقتىن بىرتۇتاش پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: كارخانىچىلار روھىنى قوزغىتىپ ۋە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت سۇبيېكتىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى قاتارلىق تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا تىرىشىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى، تەشكىللىگۈچىلىرى، يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بازاردا يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل تۈرتكە بولۇپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، تىرىشىپ كارخانىلارنى قۇدرەتلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تىرىشىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتچىلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك. خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، خەلقئارا بازارنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا قائىدىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا بازارنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا بازار خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش داۋامىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بەزىدە، بەزى ئىشلاردا داۋالغۇش بولىدۇ، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، شەرق شامىلى يەنىلا ھەيۋەتلىك بولىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا ئىنتىلىپ، كارخانىچىلار روھىنى بەس - بەستە ئۇرغۇتساق، بىز جەزمەن تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تىرىشىپ يېڭى مۆجىزە يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)