«جۇڭگو تۈزۈمىگە يۈزتۇرا نەزەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2020-07-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

«جۇڭگو تۈزۈمىگە يۈزتۇرا نەزەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىپارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئائىت تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى 2020 - يىللىق ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى «جۇڭگو تۈزۈمىگە يۈزتۇرا نەزەر»نى تەشكىللەپ يازدى. نۆۋەتتە بۇ كىتاب ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب «نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرىغا يۈزتۇرا نەزەر» يۈرۈشلۈكىدىكى ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق بولۇپ، ئىزچىل ئالاھىدىلىك ۋە ئۇسلۇبقا ئەمەل قىلىپ، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلىك جاۋاب بەردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 11 - ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى كۈچ تەشكىللەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قانداق كەلگەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قانداق قىلىپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالىغانلىقى قاتارلىق 16 مۇھىم، زور مەسىلىنى رەتلەپ چىققان. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، مەركەزلىك ئارگىنال تەييارلاپ، تۈزىتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا كىتاب ئارگىنالىنى تاماملىغان.

بۇ كىتاب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەش، ئاخبارات نەزەر دائىرىسى، مەسىلە ئېڭى، تىل خاسلىقى، تارىخىي چوڭقۇرلۇق، خەلقئارالىق نەزەر قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە بۇ مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك يېشىپ بەردى، ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرى نوپۇزلۇق، توغرا، تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، يېزىقچىلىق ئىستىلى ساپ، ئىخچام، شەكلى جانلىق، كۆپ خىل بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە كۈچىنى مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ كىتابتا ھەم نېمە ئىكەنلىكى، ھەم نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ھەم قانداق قاراش كېرەكلىكى، ھەم قانداق قىلىش كېرەكلىكى سۆزلەنگەن بولۇپ، كادىرلار، ئامما، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق بولالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭىچە توردا تارقىتىش شەكلى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش ئادىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، قەغەز نۇسخىدىكى كىتابنى نەشر قىلىش بىلەن بىللە، تۈزگۈچىلەر يەنە يانداش ئاۋازلىق كىتابنى ئۈنگە ئېلىشقا تەشكىللىدى ھەم 16 قىسىملىق كارتون مىكرو سىن فىلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، ئادەملەشتۈرۈلگەن تۈزۈم چوڭ ئائىلىسى كوللېكتىپ تەسۋىرى بىلەن، پېرسوناژلاشتۇرۇپ ئورۇنلاش، ھېكايىلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش، كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىش، قىزىقارلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە روشەن ئەۋزەللىكىنى جانلىق نامايان قىلغان.