شى جىنپىڭ كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ ئىلھاملاندۇردى

2020-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك

جاۋاب خەت

جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىلەر 118 نەپەر ساۋاقداشنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش سىلەردەك مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاۋلىدى، ئۆسۈپ يېتىلدۈردى، شۇنداقلا سىلەرگە «ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» دېگەن داۋلىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. ساۋاقداشلار ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدىڭلار، زىممەڭلەرگە ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەقىقىي تۈردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى يېڭىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشىنى قىزغىن قوللىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ                                    

2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى                            

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)            

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر 118 نەپەر ساۋاقداشنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چوڭ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان غەربىي قىسىم قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، مەن سىلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ تاللىشىڭلارنى قوللايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەش سىلەردەك مۇشۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تاۋلىدى، ئۆسۈپ يېتىلدۈردى، شۇنداقلا سىلەرگە «ئىرادە تىكلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن قاچمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ» دېگەن داۋلىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولغان ئەمەس، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشىغا موھتاج. ساۋاقداشلار ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدىڭلار، زىممەڭلەرگە ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، پۇختا قەدەم ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئىنتىلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ھەقىقىي تۈردە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشىنى قىزغىن قوللىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى 2016 - يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتكۈزگەن 435 نەپەر ئوقۇغۇچى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16 ئۆلكىدىن كەلگەن، نۆۋەتتە ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %85كە يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 118 ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىدى. يېقىندا بۇ 118 نەپەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، داشۆدىكى تۆت يىللىق ئۆگىنىش ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلدى، غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش كۈچلۈك ئىرادىسىنى بىلدۈردى.