جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2020-07-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىندى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سايلام خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سايلىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات - تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگۈزۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىتىپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتكۈزۈشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.