جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

2020-07-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 6 - ئايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتتى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلاشتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، كەڭ كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشى» باسقۇچىغا كىردى، چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا يامغۇر يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنى، خەيخې دەرياسى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى ئېقىن رايونلىرىدا بىرقەدەر ئېغىر كەلكۈن ئەھۋالى يۈزبېرىشى مۇمكىن، جەنۇب، شىمالدىكى دەريالارنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار رايونلار دەسلەپكى لايىھە تەييارلىقى، قوشۇن تەييارلىقى، ماددىي ئەشيا تەييارلىقى، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، تەييارلىق كۆرۈپ ئىشلەتمىسەك بولىدۇ، لېكىن ئىشلىتىدىغاندا تەييارلىق بولمىسا بولمايدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىللىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا، ئالاقىدار تەرەپلەردىن بۇ يىللىق كەلكۈن مەزگىلىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەلكۈن ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ماددىي ئەشيا زاپىسىنى كۈچەيتىپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە مانېۋىرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلكە - شەھەرلەر ئارا، تارماقلار ئارا، ئارمىيە - يەرلىك ئارا، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاق كۈچەپ ماسلىشىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىگىچە، ئىش ئورنى، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەلكۈن مەزگىلىدە قۇرۇلۇشلارنى چارلاپ تەكشۈرۈپ مۇداپىئە كۆرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دەل جايىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، يامغۇر ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالى قاتارلىق مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ۋاقتىدا، توغرا، داۋاملاشما ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئىككىلەمچى ئاپەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ قىسمەن جايلاردىكى قاتتىق يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى، كەلكۈن، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە يەتكۈزۈش كېرەك. مۇھىم توسما، مۇھىم ئەسلىھەلەرنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، توسمىنى چارلاپ خەتەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ئەھۋال بايقالغان ھامان جىددىي خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، تۈرلۈك خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ، توك، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا تەشكىللەش، يېتەكلەش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامرات رايونلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەدەت بېرىپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، شەھەرلەردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتىنى تۈزەش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.