پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

2020-07-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرخۇ خاۋ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئاسپىرانتلار مائارىپى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئاساسىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسپىرانتلار مائارىپى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاسپىرانتلار مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئۈچۈن» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىنى نىشانلاپ، پەن كەسىپلىرىنى تەڭشەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسپىرانتلار مائارىپى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى سەپكە يۈزلىنىپ، كۆپ ساھە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى، پەن - دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلار مائارىپى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەتقىقاتنى ئاسپىرانتلارنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان ئاساسىي كۆرسەتكۈچ قىلىپ، پەن كەسىپلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىلمىي ئۇنۋان تىپىغا قارىتا مائارىپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلىنى چىڭىتىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىن سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ، خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى، شىئەن ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا داشۆسى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.