جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 3-تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئۇلاپ تارقاتتى

2020-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 3 - تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئۇلاپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

«مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 3 - تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيە بايرىقى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21 - ئەسىردىكى ماركسىزم بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا بۇ مۇھىم ئىدىيە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيىتىدە، يەنە بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن ئىجادىي خاراكتېرگە، دەۋر خاراكتېرگە، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە مۇھىم، زور ئىدىيەۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىللە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى. بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 92 پارچىسى كىرگۈزۈلدى، 19 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈندى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قوشقان ئاقىل لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدىغان»لىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى 1 - تومى، 2 - تومى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى(پارتىيە گۇرۇپپىلىرى)نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى)، كادىرلار شۆيۈەنلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۇنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدىغان مۇھىم دەرسلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ لېكتورلار ئۆمىكى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللىشى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركەزلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى ۋە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى «ئاددىي پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز يەتكۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتەك ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ تۈگىتىشكە يېتەكلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.