جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بېيدوۋ 3-نومۇرلۇق يەر شارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى

2020-08-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش، قۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلار:

بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قوزغىتىلغاندىن بۇيان، تەتقىق قىلىش، قۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلار باشتىن - ئاخىر ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بۇرچ ھېسسىياتى بىلەن، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىپ، سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، دۆلىتىمىز مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ياسىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سەمىمىي ھال سورايدۇ!

بېيدوۋ 3 - نومۇرلۇق يەرشارىۋى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈپ ئېچىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم ئابىدە، دۆلىتىمىزنىڭ يەرشارىۋى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ داۋاملاشما كۈرەش قىلىش يۈرەك قېنى سىڭگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان خىسلىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىغا مېڭىش يېڭى مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر ئۇلۇغ غەلىبە بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت، گۈزەل دەۋرنى قەدىرلەيدىغان دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئەمەلىي ئىشلەپ دۆلەتنى گۈللەندۈرىدىغان ئىرادە، غەيرەت بىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ تارىخىي تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ!

يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سالساق، بېيدوۋ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ. بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يەرشارىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، بېيدوۋ سىستېمىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كەڭ ئىستىقبال ۋە پۈتۈنلەي يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بېيدوۋ ئۇنىۋېرسال ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇش قاتارلىق كېيىنكى ۋەزىپىلەر يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. سىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرۇلغان، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان» يېڭى دەۋر بېيدوۋ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى                           

 گوۋۇيۈەن                                                          

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت                                             

2020 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى                               

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى