ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتتىق زەربە بېرىدۇ

2020-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى



  جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان سودا تور بېكىتى سۇپىلىرى ۋە «ئۆز تاراتقۇ»لارنىڭ توردا تارقىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى2020-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  تۈزەش مەزگىلىدە، بىر تۈركۈم مەسىلىسى ئېغىر بولغان تور بېكەت سۇپىلىرى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم ئىنكاس كۈچلۈك بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرلىرى پېچەتلىنىدۇ.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى بۈگۈن ئېچىلغان سودا تور بېكىتى سۇپىلىرى ۋە «ئۆز تاراتقۇ»لاردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش، توردا تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى تور بېكەت سۇپىلىرى تەلەي سىناش پىسخىكىسى ۋە «ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش» ئىدىيەسىدە بولسا قەتئىي بولمايدۇ، سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تازىلاشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىدىكى قىلمىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇشى، سۇپا ھېسابات نومۇرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە توردا تارقىتىش تەرتىپىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى چوڭقۇر بولمىغان، ئۆزىنى تۈزىتىشى تەلتۆكۈس بولمىغان تور بېكەت سۇپىلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، كەسىپتىكى قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشتە كەسكىن بولۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىدۇ.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تۈزەشتە مۇھىم نۇقتا تۆۋەندىكى ئالتە مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلىدىكەن:

  بىرىنچى، سودا تور بېكىتى سۇپىلىرى، يان تېلېفوننىڭ تور زىيارەت قىلغۇچى، «ئۆز تاراتقۇ»لاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، تەھرىرلەش، ئېلان قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ماقالە مەنبەسىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش؛

  ئىككىنچى، كۆچمە قوللىنىشچان دۇكانلارنىڭ چېگرا ئىچى ئاخبارات تۈرىدىكى APP لىرىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛

  ئۈچىنچى، جەمئىيەت ئالاقە سۇپىسى مەھەللە قائىدىسى بەرپا قىلىپ،  تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛

  تۆتىنچى، سودا تور بېكىتى سۇپىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتا تىزىملىك تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛

  بەشىنچى، توردىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇنبەر، لېكسىيە مۇنبىرى، لېكسىيە، يىللىق يىغىن، دوكلات يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق تور پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛

  ئالتىنچى، كۆچمە ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ۋە ئاممىۋى نومۇرلاردا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشنى ئەلالاشتۇرۇش، ياخشىلاش؛

  ئالتە جەھەتتىن مەركەزلىك تۈزەش ئارقىلىق، بىر قىسىم سودا تور بېكىتى سۇپىلىرى ۋە «ئۆز تاراتقۇ»لارنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا سودىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، «باشقىلارنىڭ دىققىتى»نى جەلپ قىلىش ئۈچۈن قىزىق نۇقتا تېمىلىرىنى كۆپتۈرۈپ ئىشلىشى، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توپلاپ، تەھرىرلەپ، ئېلان قىلىشى، ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى، «ماۋزۇكەشلىك» قىلىش قاتارلىق توردا تارقىتىشتىكى قالايمىقان ھادىسىلەر نۇقتىلىق ھەل قىلىنىپ، توردا تارقىتىش تەرتىپىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تۈزەشتە ئۈچ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇلىدىكەن:

  بىرىنچى، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش.«پۈتۈن تورنى بىر ئۆلچەم بىلەن باشقۇرۇش» ئۆلچىمى بويىچە، دىققەتنى نۇقتىلىق ئوبيېكىتلارغا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تۈرلۈك تور بېكەت سۇپىلىرىغا قارىتا بىرمۇبىر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى، توردا سەييارە تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىشتا بايقالغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئىككىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش.ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئارقىلىق ھادىسىدىن تۈزەشنى مۇستەھكەملەپ، ئاساس سېلىش، يىراق كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ، خىزمەتلەردە ساقلانغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى رەتلەپ چىقىپ، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، باشقۇرۇش بىلەن ئىشلىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش.گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك تور سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئاكتىپ رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاساسىي مېلودىيە زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە كەڭ تارقىتىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان تور ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تۈزەشتە مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئاشكارا تۈزەشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ، تۈزەش مەزگىلىدە، تورداشلارنىڭ پاش قىلىشى، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز (دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش مەركىزىنىڭ تور ئادرېسى: www.12377.cn). دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تور ئەھلى پاش قىلغان يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىدۇ ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.