يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك

2020-08-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم شەكلى. بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىشىكنى ئېچىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە تولۇق قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك.

دۆلىتىمىز 2021 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى باشلايدۇ، نۆۋەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تەكلىپىنى تەشكىللەپ تۈزۈۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تەرەپلەر يېقىندا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كادىرلار، ئامما، مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلاردىن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالىدۇ.