ئالاقە تورىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2020-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئالاقە تورىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقە تورى ئارقىلىق «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدا پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا رەتلەپ تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشى كېرەك. كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر كەڭ ھەم كونكرېت بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى تولۇق ئىپادىلەنگەن. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى دۆلىتىمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئالاقە تورىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قارىمىقىدىكى مەمۇرىي تور بېكىتى، ئاخبارات تېرمىنالى ھەمدە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا چارە - تەدبىر كۆرسىتىش مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پىكىر - تەكلىپى ئاڭلاندى. پائالىيەت تەرتىپلىك تەشكىللەندى، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى، تور ئەھلىنىڭ جەمئىي 1 مىليون 18 مىڭدىن ئارتۇق چارە - تەدبىرى تاپشۇرۇۋېلىنىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەندى.