19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەت مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

2020-09-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەت مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشاندىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىنى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى ھەم 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» نۇسخىسىغا پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە ۋە توردا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھۆججەت نۇسخىسىنى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سورىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بۇ مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپ نۇسخىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەكلىپ نۇسخىسىدا باش تېما روشەن، مەزمۇن يۈكسەك، نىشان ئايدىڭ، تەدبىر كۈچلۈك بوپتۇ دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەكلىپ نۇسخىسىدا ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ۋە ئاممىنىڭ تەقەززاسى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرى تولۇق قوبۇل قىلىندى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدۇر.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچى بولۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشان - ۋەزىپىلىرى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور پەللىدىن ھالقىدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تەقسىماتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم، زور تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»نى تۈزۈپ چىقىرىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»دا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، رەھبەرلىك خىزمەت ھوقۇقى، رەھبەرلىك شەكلى، تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى ۋە «نىزام» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى ئىجرا قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «نىزام» روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ روھى ۋە تەلىپىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.