«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2020-09-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) يېقىندا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى.

«نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپىغا قارىتا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ۋە ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە، ئارمىيە پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئارمىيە پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا ئائىت مەسىلىلەرگە، ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىگە، ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

«نىزام» ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرىدىغان، ئاساسىي غوللۇق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى، ھەربىي سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، بۇ ئارمىيەمىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى مۇقەررەر ھالدا ئارمىيە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئارمىيەنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.