جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

2020-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»نى تۈزۈش، چىقىرش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە، ئەڭ مۇھىمى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى «ئىككىنى قوغداش» تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، مەركىزىي كومىتېت خىزمىتىنى كۈچەيتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، رەھبەرلىك خىزمەت ھوقۇقى، رەھبەرلىك شەكلى، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار «نىزام»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك! ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى

(2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلدى)

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»گە ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈلدى.

2 - ماددا پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېتتۇر. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، سىرتقا قارىتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

3 - ماددا مەركىزىي كومىتېت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، قەتئىي، توغرا سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي يۆنىلىش بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ.

4 - ماددا مەركىزىي كومىتېت خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك:

(1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

(2) جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش.

(3) ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.

(4) جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش.

(5) دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا، ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداش.

(6) پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش.

2 - باب رەھبەرلىك ئورنى

5 - ماددا مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە مەركىزىي تۈگۈنى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا يۆنىلىشنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىيەتنى پىلانلايدۇ، سىياسەت بەلگىلەيدۇ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە پەقەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭلا قارار چىقىرىش ۋە چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بار.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى ئاساس.

6 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە قارىتا مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويىدۇ.

7 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، ھۆكۈمەتلەر، سىياسىي كېڭەشلەر، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرى، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

8 - ماددا پۈتۈن پارتىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى شەرت.

3 - باب رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى

9 - ماددا مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئەزالار ۋە كاندىدات ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن ئىلگىرى ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي قارار قىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. نامزاتلار ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى سەپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇشى، سىياسىيدا قەتئىي، ساپاسى ياخشى، تارقىلىشى تەكشى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇشى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولۇقلىنىدۇ.

10 - ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلاپ چىقىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى شەرت.

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى؛ ئەزالىرىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت يېڭى مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىچە پارتىيەنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

11 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي ھەربىي رەھبەرلىك ئورگىنىلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

12 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى) پارتىيەنىڭ ئالىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى (دۆلەتنىڭ ئالىي رېۋىزىيە ئورگىنى)لىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

13 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىدىن بىر قانچىنى تەسىس قىلىدۇ، بۇ ئاپپاراتلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خىزمەت ئورگىنىدىن بىرقانچىنى تەسىس قىلىدۇ، بۇ ئورگانلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ ياكى بېجىرىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلاردا پارتىيە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىدۇ، بۇ پارتىيە گۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئىجرا قىلىدۇ.

4 - باب رەھبەرلىك خىزمەت ھوقۇقى

14 - ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىپ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي چاقىرىپ، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام چارىسىنى قارار قىلىدۇ؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتايغا بېرىدىغان دوكلاتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتايغا بېرىدىغان دوكلاتى، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ھەم مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ. زۆرۈر بولغاندا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلىدۇ، مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىنى قارار قىلىدۇ.

(2) مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرىنى ماقۇللايدۇ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى قارار قىلىدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن دائىمىي كومىتېت ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى تەستىقلايدۇ؛ مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرىنى كۆپەيتىپ سايلايدۇ ۋە تولۇقلايدۇ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملارنى تولۇقلايدۇ.

(3) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ.

(4) پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ.

(5) دۆلەت رەئىسىلىكىگە، مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبىرىي خادىملىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

(6) مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنى تولۇقلاشنى قارار قىلىدۇ؛ مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلىدۇ ياكى تولۇقلاپ تەستىقلايدۇ.

(7) پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، پارتىيەنى باشقۇرۇشى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشى داۋامىدىكى باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يۈرگۈزىدۇ.

15 - ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارار، بېكىتمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، نازارەتنى قوبۇل قىلىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

(2) پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ.

(3) مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى، مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا تولۇقلاپ تەستىقلاشنى قارار قىلىدۇ؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن قوغلاشنى قارار قىلىدۇ.

(4) ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كادىرلارنى كۆرسىتىدۇ، نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ؛ پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىغا ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش، جازا بېرىش ئىشلىرىنى قارار قىلىدۇ.

(5) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

16 - ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارار، بېكىتمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تۈزگەن فاڭجېن، سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنى تەشكىللەپ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

(2) پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ، مۇزاكىرە قىلىپ ھەم پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

(3) پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

(4) ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارىتا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىدۇ ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ.

(5) مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى)، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ.

(6) ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كادىرلارنى كۆرسىتىدۇ، نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ؛ پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىغا ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش، جازا بېرىش ئىشلىرىنى قارار قىلىدۇ.

(7) مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

17 - ماددا مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

18 - ماددا مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، قانات يايدۇرىدۇ .

5 - باب رەھبەرلىك شەكلى

19 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئىدىيە ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، رەھبەرلىك شەكلىنى ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

20 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بېكىتىپ، رولچى بولۇپ يول باشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ. ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرىدۇ، خەلقنى تەربىيەلەيدۇ. خىسلەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچى ۋە كىشىلىك پەزىلەت كۈچى ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

21 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىكى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ. دۆلەت ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

22 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق، كۈچلۈك خەۋپ ئېڭى، قورقماس ئىنقىلابىي روھ بىلەن، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئالتىنچى باب تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار

23 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم كېڭىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە قارىتا تەدبىر بەلگىلەيدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىشتا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، تەھلىل قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئەقىل - پاراسەت، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت.

24 - ماددا مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىن قارالمىلىرىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالغاندىن كېيىن بېكىتىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يىغىنغا قاتناشسا ئېچىشقا بولىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى مەلۇم سەۋەب بىلەن يىغىنغا قاتنىشالمىسا، يىغىندىن بۇرۇن رۇخسەت سورىشى كېرەك، ئۇلار پىكرىنى يازما شەكىلدە ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئالاقىدار خادىملارنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ۋە قارار قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، قول كۆتۈرۈش، نامسىز بېلەت تاشلاش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ ئاۋازغا قويۇلىدۇ، قوللاش بېلىتى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزالارنىڭ يېرىمىدىن ئاشسا ماقۇللانغان ھېسابلىنىدۇ. يىغىنغا قاتناشمىغان ئەزالارنىڭ پىكرى بېلەت سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. كاندىدات ئەزالار ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمايدۇ.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا تولۇقلاپ تەستىقلىسا بولىدۇ.

25 - ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئادەتتە قەرەللىك ئېچىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەر ۋاقىت ئېچىشقا بولىدۇ. يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بېكىتىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئەزالىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى يىغىنغا قاتناشسا ئېچىشقا بولىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئالاقىدار خادىملارنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى مەسىلىلەرنى قارار قىلغاندا تولۇق مۇزاكىرە قىلىشى، كۆپ ئىشلارغا چېتىلىدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشى كېرەك.

26 - ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئادەتتە قەرەللىك ئېچىلىدۇ، مۇھىم ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەر ۋاقىت ئېچىشقا بولىدۇ. يىغىن قارالمىلىرىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجسىى بېكىتىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يىغىنغا قاتناشسا ئېچىشقا بولىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئالاقىدار خادىملارنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى مەسىلىلەرنى قارار قىلغاندا تولۇق مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈشى، كۆپ ئىشلارغا چېتىلىدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە قارار قىلىشى كېرەك.

27 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنىڭ يوليورۇقى، تەلىپى بويىچە، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ، مۇزاكىرە قىلىدۇ. يىغىن قارالمىلىرىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بېكىتىدۇ.

28 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېھتىياجغا ئاساسەن خىزمەت يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىدۇ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ.

29 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنىڭ يوليورۇقى، تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، قارار قىلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ. يىغىن قارالمىلىرىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بېكىتىدۇ ياكى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

ئالاقىدار ئىشلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى يىغىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئېھتىياجغا ئاساسەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

30 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلىرى، مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم كادىرلار ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا كېڭىشىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ، مۇھىم ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يەتتىنچى باب ئۆز قۇرۇلۇشى

31 - ماددا مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

32 - ماددا مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار ئۆزىنىڭ پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەشكىلىي پىرىنسىپ ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشى، قائىدە بويىچە ئىش بېجىرىشى، كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش بېجىرىشى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى شەرت.

مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، شەكىلۋازلىق، بىيۇكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، ئاڭلىق ھالدا ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشى، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسنىڭ ئەزالىرى ۋاقتىدا خىزمەت جەريانىدىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەر، مۇھىم، زور ئىشلار، مۇھىم ئەھۋاللار توغرىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ئىجرا قىلىش جەريانىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرى، قارارلىرى ۋە مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى شەرت.

33 - ماددا مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىدا بېكىتىلگەن دېموكراتىيە پىرىنسىپى ۋە تەرتىپلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەر يىلى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى توغرىسىدا ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىشى، تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

سەككىزىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

34 - ماددا بۇ نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەسئۇل بولىدۇ.

35 - ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.