يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى

2020-10-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئالتۇن كۈزدىكى جۇڭگو زېمىنى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش، كەلكۈن بىلەن كۈرەش قىلىش، كىرىزىسنى تۈگىتىش، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، بىر قاتار ئاجايىپ ئۇلۇغ كۈرەشلەر داۋامىدا، بىز خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق. بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو يېڭى ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇردى؛ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن، يۈز مىليونلىغان خەلق يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە مەردانە ئىلگىرىلىدى.

تارىخنىڭ ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ، بەزىدە تىنچلانسا، بەزىدە مەۋج ئۇرىدۇ، قەھرىمان جۇڭگو خەلقى بوران - چاپقۇندىن قورقمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقمايدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مىسلىسىز خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، دانا تەدبىر بەلگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈردى، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ قەدىمى پۇختا، تېز ھەم سىلىق بولدى، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى مۇقەررەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىدىن ئۈمىد بار. بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر مەيدان كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زور جېڭىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر مەيدان مىسلىسىز جاپالىق تارىخىي چوڭ سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى يارىتىپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى. دۆلىتىمىز يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان بىرىنچى بولۇپ ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئاساسىي ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يەنە بىر قېتىم يېڭىپ، تارىختا شانلىق سەھىپە قالدۇردى. بىز ئۇلۇغ خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

ۋاقىت ئىسترېلكىسى تارىخ كوردىناتىنى بەلگە قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، سانسىزلىغان مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەشلەر، سانسىزلىغان رېئاللىققا ئايلانغان ئارزۇلارغا يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسى يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخ بېتىگە يېزىلغان؛ بۈگۈنگە نەزەر سالساق، بىز يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقى غەلىبىنىڭ كاپالىتى. ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىگە تارىخىي خاراكتېرلىك خاتىمە بېرىلىدۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى «پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان چاغ كەلدى» دېگەن گۈزەل ئىستەك رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. بۇ، تىز پۈكمەي، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىشنىڭ مېۋىسى، شۇنداقلا يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يەلكەننى چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشنىڭ سەپەرۋەرلىكىدۇر. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، سەپەر شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا تولغان بولىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى دىيالېكتىك تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار، ئەمەلىي كۈچىمىز بار. ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشقىچە، ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 71 يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يۈز مىليونلىغان خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتۇق. بۈگۈنكى جۇڭگو مۇستەھكەم ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى توپلىدى، بۇ، دەھشەتلىك دولقۇنغا تەمكىن تاقابىل تۇرۇشتىكى چوڭقۇر ئىشەنچ؛ روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولدى، بۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، گەرچە تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق، ئېلاستىكلىقى زور، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، ئايلىنىپ ئەسلىگە كېلىش بوشلۇقى كەڭ، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىت ئۆزگەرمىدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم بارلىق قىيىنچىلىق، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىزنىڭ ئىرادىمىز بار، ئىشەنچىمىز بار. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارەتكە باغلىق، ئېگىز تاغلارنىڭ ھەيۋىتى چوققىسىغا باغلىق. 2021 - يىلى، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن بۇ 100 يىل دەل غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، جاسارەتكە تولغان. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش» ئېتىقادىدىن باشتىن - ئاخىر ئېغىشمىدى، قىلچە تەۋرەنمىدى، «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى. كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندا قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، دۆلەت خەۋپتە قالغاندا قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، نامرات، قالاق مەزگىلدە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدى، دەۋر تەرەققىي قىلغاندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى... پارتىيەمىز ۋە خەلق مىڭلىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، كۈرمىڭلىغان مۇشەققەتلەردىمۇ قەتئىي بوشاشمىدى، قەيسەرانە تىز پۈكمەس ئىرادە ۋە قەتئىي بوشاشمايدىغان چىدامچانلىققا ئىگە بولۇپ، دادىللىق بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشتى، شۇنداقلا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمىدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئارقىلىق باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، بىز چوقۇم يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.

تاغ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، يۇقىرىغا ياماشساقلا، ھامان چوققىسىغا چىقالايمىز؛ يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا چوقۇم مەنزىلگە يېتەلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا تېخىمۇ ئىگە بولدۇق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)