مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

2020-10-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇق بېرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللاش يېڭى دەۋردە شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم، زور تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا ئىسلاھات شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېپيېڭى ئىزدىنىش.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېتەكچى ئىدىيە: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چۆرىدەپ، شېنجېنغا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى بېرىپ، شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاندىن ئالغا سىلجىتىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى باشلامچىلىق بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك شېنجېن - شياڭگاڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق موتور فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسىي نىشان: 2020 - يىلى، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شەھەر بوشلۇقىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسال ھوقۇق بېرىلگەن ئىشلار تىزىملىكىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ياخشى باشلىنىش بولۇشقا، ياخشى قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش. 2022 - يىلى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئۆرنەك قىلغىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان مۇھىم، زور تۈزۈم نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش. 2025 - يىلى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يەتتە جەھەتتىكى ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتى تەمىناتى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە شەھەر بوشلۇقىنى تۈزەش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كاپالەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.