شى جىنپىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2020-11-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر رايونى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئۇل خىزمەت، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئامانلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك.

تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۇن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى يۆنىلىش قىلىپ، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر رايونى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش كېرەك.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى.