پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2020-11-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى)

شى جىنپىڭ

خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار:

30 يىلنىڭ ئالدىدا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۈرلۈك ئۆزگىرىش بولۇپ، دۆلەت ئىچى ئىسلاھاتى بوران - چاچقۇننى باشتىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

بۈگۈن، بىزنىڭ بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىپ، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، پۇدۇڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قوللاش ئۈچۈندۇر!

ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، شاڭخەيدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن، قاتناشقان شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر زاتلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ، «پۇدۇڭنى ئېچىشنىڭ تەسىرى زور بولىدۇ، بۇ، پۇدۇڭنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ بازىدىن پايدىلىنىپ چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى» دەپ كۆرسىتىپ، «پۇدۇڭنى ئېچىشنى چىڭ تۇتۇش، تەۋرەنمەسلىك، قۇرۇپ چىققۇچە داۋاملاشتۇرۇش»نى تەلەپ قىلغانىدى.

پارتىيە 14-قۇرۇلتىيىدا، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى باشلامچى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەرنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، تېزدىن شاڭخەينى خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھالقىشىغا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى. پارتىيە 15 - قۇرۇلتىيى، 16 - قۇرۇلتىيى، 17 - قۇرۇلتىيىدا پۇدۇڭدىن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش تەلەپ قىلىندى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 19 - قۇرۇلتىيىدا پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش توغرىسىدا داۋاملىق ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت ئىلىم - پەن مەركىزى قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلىرىنى پۇدۇڭغا قويۇپ، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشتە يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

30 يىلدىن بۇيان، پۇدۇڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىقتىسادتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1990 - يىلىدىكى 6 مىليارد يۈەندىن ئۆرلەپ 2019 - يىلىدىكى 1 تىرىليون 270 مىليارد يۈەنگە يەتتى، مالىيە ئومۇمىي كىرىمى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2019 - يىلىدىكى 400 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، پۇدۇڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/8000 كۆلىمىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 1/80 ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى، 1/15مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى ياراتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، تۇنجى پۇل مۇئامىلە - سودا رايونى، تۇنجى باجدىن خالىي رايون، تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەم لىنگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونى، تۇنجى چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان سودا شىركىتى قاتارلىق بىر قاتار «مەملىكەت بويىچە تۇنجى»لارنى بارلىققا كەلتۈردى. يادرولۇق رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساسىي گەۋدە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتەكچى، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، شاڭخەي خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سودا مەركىزى، دېڭىز تىرانسپورت مەركىزى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئۇچقاندەك ئۆرلىدى، 2019 - يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 71 مىڭ 647 يۈەنگە يەتتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرەن ئۆمرى 1993 - يىلىدىكى 76.10 ياشتىن ئۆرلەپ 84.46 ياشقا يەتتى، شەھەر - بازارلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1993 - يىلىدىكى 15 كىۋادرات مېتىردىن ئۆرلەپ 42 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى.

30 يىل توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى، 30 يىل قار - يامغۇر، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈردى. 30 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، پۇدۇڭ ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان رايوندىن فۇنكسىيەسى توپلاشقان، مۇھىم ئامىللىرى تولۇق، ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولغان بىر زامانىۋى يېڭى شەھەرگە ئايلاندى، بۇنى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ. پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ جانلىق رېئال ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ تەسىرلىك ئەمەلىي كارتىنا بىلەن تەمىنلىدى!

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى تامامەن توغرا؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى؛ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك!

خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىدىغان 30 يىل. ھازىر، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى بۇ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق كۈچىيىپ كەتتى، خەلقئارا ئەندىزە چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى روشەن كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىز تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان تاشقى مۇھىتقا يۈزلىنىمىز. خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، بىز تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش لوگىكىسىغا شۇنچە ئەمەل قىلىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يېڭى مۇساپىدە، بىز پۇدۇڭنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ۋەزىيەتكە قويۇپ پىلانلىشىمىز، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ ئويلىشىشىمىز ۋە پىلانلىشىمىز، ئۆزگىرىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈشىمىز، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ، بۇ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى، مۇھىم، زور ۋەزىپىسىنى يۈكلەيدۇ. پۇدۇڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلىرىدىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، «تۆت ئىشەنچ»نى نامايان قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو يولىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان، خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولماقتا. دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

پۇدۇڭ ئاساسىي پەن - تېخنىكا ساھەسىدە زور يېڭىلىق يارىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقات، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تەتقىقات ۋە كەسىپلەشتۈرۈشنى قوش يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا دەرىجىلىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى كەسىپ توپى بىلەن بولغان ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يادرولۇق زاپچاسلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، بىر تۈركۈم جۇڭگو ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خەلقئارا چوڭ ئىلىم - پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئۇنى باشلامچى بولۇپ تەشكىللەپ، يەر شارىۋى پەن - تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز دىققەتنى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نۇرغۇن توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، دىققەتنى ئۇللۇق ۋە مۇھىم، زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت يۆنىلىشى جەھەتتە بىر - بىرىگە ماسلىشىپ، يولغا قويۇش جەريانىدا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات نەتىجە - ئۈنۈمى جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ - يېتىلىشىگە، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پۇدۇڭ ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشتا باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، تەجرىبە يارىتىشى كېرەك. ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرى، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىن چىقىش قىلىپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، لايىھەلەپ، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا تولۇق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ۋە باغلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئېففېكتىنى زورايتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان ھەرقانداق ئوي - پىكىر، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ھەرقانداق قىلمىش، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان، غالىپ كەلگۈچى ھەممىنى يۈتۈۋالىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەتتۇر! ھازىر، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى بىر قىسىم قايتما دولقۇنغا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن دۇنيا ھەرگىز ئۆزئارا بېكىنمىچىلىك قىلىدىغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە قايتمايدۇ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش يەنىلا تارىخىي ئېقىم، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى. ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىش كېرەك. ئومۇمەن بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەت، رايون ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىمىز.

پۇدۇڭ قائىدە، بەلگىلىمە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تەمىناتى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات تەمىناتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىشى كېرەك. جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى لىڭگاڭ يېڭى تەۋەلىك رايونىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، تېخىمۇ زور دەرىجىدىكى بېسىم سىنىقىنى يولغا قويۇپ، بىرقانچە نۇقتىلىق ساھەدە باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۇ تىرانسپورتى تۈگۈنىنى ئورتاق قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ قولايلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، سەرخىل ئىختىساسلىقلار ۋە كوللېكتىپلار، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنى پائال كىرگۈزۈشى كېرەك.

تۆتىنچى، يەر شارىۋى بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەن جۇڭگو ئىقتىسادى بىر چوڭ دېڭىز دېگەن، مەن يەنە دۇنيا ئىقتىسادىمۇ بىر چوڭ دېڭىز دەيمەن. دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تۇتاشقان، ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشىغا سۈنئىي توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى پەقەت ئۆزىنى چاغلىمايدىغان خام خىيالدىنلا ئىبارەت! يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ، ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى تەقسىملەشنىڭ يەر شارىۋى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

پۇدۇڭ تىرىشىپ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ مەركىزىي تۈگۈن نۇقتىسى ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇلانمىسىغا ئايلىنىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا باشلامچى بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە بازىرى سىستېمىسى، مەھسۇلات سىستېمىسى، ئاپپارات سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇدۇڭنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلىش سودىسى، چېگرا ھالقىغان سودا راسچوتى ۋە چەت ئەل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مۈلۈك سودىسى سۇپىسى قۇرۇپ، مۇھىم، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى باش ئىشتاب ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىرغاق كەسپى ۋە قىرغاقتىن ئايرىلغان كەسىپلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى، شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق شەھەر قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلقنىڭ شەھىرى خەلق ئۈچۈن. شەھەر كىشىلەر توپلىشىپ ياشايدىغان جاي، شەھەر قۇرۇلۇشىدا جەزمەن خەلقنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا باب كېلىشى، خاتىرجەم ياشىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ ياخشى بايلىقنى خەلققە قالدۇرۇش كېرەك. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شەھەر ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى، ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ئىدارە قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، شەھەر ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدىغان ۋە ئورگانىك جىپسىلاشتۇرىدىغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك.

شەھەر ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەقسەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش. خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىناق، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرپا قىلىپ، شەھەرنى ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۇرت - ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلىپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شاڭخەي شەھىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، پۇدۇڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى قوللايدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى پائال تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

كېلەر يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن جاي. قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى مۆجىزىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

خانىملار، ئەپەندىلەر، يولداشلار!

شۇ ئىزلار ئاشۇ تاغنىڭ ھۆسنىگە بېرىپ زىننەت، بۈگۈن ئۇ كۆرۈنمەكتە تېخىمۇ گۈزەل - ھەيۋەت. شاڭخەي بىر شانلىق شەھەر، مۆجىزىگە ئۈزلۈكسىز گۇۋاھ بولۇۋاتقان جاي. پۇدۇڭنىڭ ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىق مۇساپىسىدە ماڭغىنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولى بولدى، دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش يولى بولدى، كونا قائىدە - تۈزۈملەرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان يول بولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىزنىڭ شۇنىڭغا ئىشىنىشكە تامامەن ئاساسىمىز باركى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، شاڭخەي چوقۇم دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)