مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش پىروگراممىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى

2020-11-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش پىروگراممىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش پىروگراممىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

«پىروگرامما»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش چۆرىدىلىپ، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاساسىي ئۇقۇم تۇرغۇزۇلۇپ، ئاساسىي تۈزۈم ئورنىتىلىپ، ئاساسىي ھوقۇق، مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم قاتلىمىدىن كەلگۈسىدە «قانداق ئۇرۇشنى قىلىش، ئۇرۇشنى قانداق قىلىش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە جاۋاب بېرىلىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشتىكى روشەن يۆنىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن، بۇ، رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى، كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئارمىيەمىزنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىروگرامما» ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇش قىلىش نىزام سىستېمىسىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق نىزام، ئۇنىڭدا يېتەكچىلىك، ئىدىيەۋىلىك، پىرىنسىپاللىق گەۋدىلىك تەكىتلەنگەن، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشتا يىغىنچاقلاپ ئومۇمىي جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان، ئۇرۇش قىلىش ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، ۋارىسلىق قىلىشنى يېڭىلىق يارىتىش بىلەن، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پايدىلىق تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، تاۋلىنىپ، ئومۇمىي رامكا بەرپا قىلىنىپ، مەزمۇن سىستېمىسى تەسىس قىلىنىپ، بىرلەشمە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتى، ئۇرۇش قىلىش كاپالىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى، سىياسىي خىزمەت قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپ، تەلەپ ۋە ئاساسىي تەرتىپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىكلەر «پىروگرامما»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «پىروگرامما»نى بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ۋە بىرلەشمە مەشىقنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.