شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2020-12-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چاڭئې 5 - نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىدىن ئالغان ئەۋرىشكىنى ئېلىپ بىخەتەر قوندى

جۇڭگونىڭ ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشىدا «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەمدە مېڭىش پىلانى قەرەلىدە تاماملاندى

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تەبرىك تېلېگراممىسى

ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا:

ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بولۇپ، تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ يەر سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ ئالغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا بولغان ئىلمىي تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. سىلەرنىڭ ئاجايىپ تۆھپەڭلەرنى ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!

ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ چېكى يوق. سىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئاينى چارلاش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىر قەدىمىڭلاردا يۇلتۇزلار ئارا تەكشۈرۈشنى باشلاش يېڭى مۇساپىسىدە ئىز قالدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

شى جىنپىڭ                  

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى          

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 1دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭئې 5 - نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىدىن ئالغان ئەۋرىشكىنى ئېلىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۆربۈد خوشۇنىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا بىخەتەر قوندى، ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىش دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئالەم قاتنىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بولۇپ، تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزنىڭ يەر سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ ئالغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا بولغان ئىلمىي تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشىدۇ. سىلەرنىڭ ئاجايىپ تۆھپەڭلەرنى ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنىڭ چېكى يوق. سىلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئاينى چارلاش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىر قەدىمىڭلاردا يۇلتۇزلار ئارا تەكشۈرۈشنى باشلاش يېڭى مۇساپىسىدە ئىز قالدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش نەق مەيدانىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە قاچىلاپ پېچەتلەش، ئاي يۈزىدىن ئۇچۇش، ئاي شارى ئوربىتىسىدا ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش، ئەۋرىشكىنى ئېلىپ قايتا كىرىپ قايتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئاينى چارلاش قۇرۇلۇشىدا «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەمدە مېڭىش پىلانىنىڭ قەرەلىدە تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.