جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقاتتى

2021-01-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ خىزمەت بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىكلەردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«بەلگىلىمە» ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىغا دائىر مۇھىم نىزام. «بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش ئومۇمىي پىرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ، يېڭى تۈزۈلمە تەلىپىگە پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، قىسىم ئەمەلىيىتىدە ئىزدىنىش جەريانىدا شەكىللەندۈرۈلگەن تونۇش نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى، پارتىيە ياچېيكىلىرى خىزمىتى قاتارلىقلار سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلدى.

«بەلگىلىمە»دە پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، يېڭى تۈزۈلمىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا تەشكىلىي ئاپپاراتلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، سۇبيېكتنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەدبىر بەلگىلەش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بەنزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە يېقىنلاشقان ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپى بېيىتىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى كونكرېت قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى، تەشكىللىنىشى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى تەڭشىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، شۇجى ۋە ھەيئەتلەرنىڭ ساپا تەلىپى ۋە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ھەم رەھبەرلىك قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى تۈپ ئاساس بىلەن تەمىنلەندى.

«بەلگىلىمە»نىڭ بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئارمىيەنىڭ پارتىيە كومىتېت(ياچېيكا)لىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.