بۇ يىل پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاممىۋىي ئادۋوكات خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدۇ

2021-01-14 :ۋاقىت
مەنبە: خەلق تورى

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئەدلىيە نازارەت (ئىدارىلىرى) باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدىكەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋىي ئادۋوكات خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىركەت ئادۋوكات خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا تارقاتقان «قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە)»دا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە رايون ۋە تۈرلەرنىڭ ئىشلەش ئۇسۇل تەجرىبىسى ئاساسىدا، بۇ يىل 2-تۈركۈمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتى باشلىنىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ قانۇن-تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «كىنىشكىنى كېمەيتىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئىسپات ئىشلىرىنى ئۇقتۇرۇپ ۋەدە قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە بۇ يىل مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، ئەدلىيەلىك باھالاش ساھەسىدىكى قانۇن مۇلازىمىتى قوشۇنىنى مەخسۇس تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەسىپكارلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.