«100 يىللىق يولدا كۈرەش قىلىش يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى

2021-01-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەت مۇزېيىدا «100 يىللىق يولدا كۈرەش قىلىش يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى خاتىرىلەپ، 100 يىللىق سالاپەتنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى تەسىرلىك، جانلىق، ياخشى سۆزلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى تەڭ ياڭرىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈننى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغان، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان قويۇق كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىش كېرەك.

خۇاڭ كۇنمىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كىرىپ، كونا ھېكايىلەرنى جانلىق بايان قىلىپ، يېڭى ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشى، ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى گەۋدىلىك نامايان قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ قەلبىگە كىرىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلايدىغانلىقىنى، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلىقىنى، مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى ئېگىزلىككە كىرىپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە تاۋلانغان ئۇلۇغ روھنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەن مول ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە كىرىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى باسقۇچقا قويۇش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تەھرىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى بېيجىڭدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.