مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2020 «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

2021-01-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭدىن بىر خەلق ساقچىسى سايلاندى    بىر خەلق ساقچىسى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسىباش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى ساقچى بايرىقى بېرىش مۇراسىمىدىكى مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن جەمئىيەتكە 2020 «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئېلان قىلدى.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2020 «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى» فۇ تيەنلېي، جاڭ يەن، سىرى گۇلېڭ، چېن شۇەي، شېن يۈنرۇ، شۈەن خېڭ، سۇ خەيفۇ، جيا مىڭيى، شياۋ جېنيۈ، ليۇ جۈن، ئەن جى، چېن زىلى (ئايال)، خې چياۋ (ئايال)، شيۇڭ جۇڭخۇا، خې شياۋدۇڭ، رېن جيەنخۇا، تاۋ يۇڭشېڭ، جاۋ لىن، ياڭ دۇڭۋېي، لى چىڭفېڭ قاتارلىق 20 سايلانغۇچىنى ھەمدە يىن گاڭ، لى شۇ(ئايال)، جاڭ ۋېي، ۋاڭ جيەنفېڭ، لۈ خۇڭۋېي، لى يۇڭ، مېي يۈشېڭ، دېڭ جۇخۇا، ۋاڭ شياۋشۇاڭ، خۇ لېي، خې لىيۈەن، سىرېن لاڭجۇ، چېڭ لياڭ، يې جەنجۈن، قۇۋانىش پولات، ۋاڭ يۈچۇن، لۇ تاۋ قاتارلىق 17 ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىشتا مەڭگۈ توختاپ قالمىغان ساقچىخانا خەلق ساقچىسى بار؛ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىپ، جىنايەتچىلەرگە زەربە بەرگەن پاراسەتلىك ھەم باتۇر جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خەلق ساقچىسى بار؛ قارشى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، خەتەرلىك جايلاردا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان زەربىدار ئالاھىدە ساقچى بار؛ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن قاتناش خەلق ساقچىسى بار؛ يەنە باتۇر، قورقماس، ئىسسىق قېنى بىلەن ساداقىتىنى تاۋلىغان زەھەر چەكلەش خەلق ساقچىسى؛ چېگرا رايوندا دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداۋاتقان كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ساقچىسى؛ پۇقرالارنىڭ سەپەردىكى ئامانلىقىنى قوغدايدىغان تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى؛ چوڭ دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلغان چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ساقچى ئىشلىرى ئالاقە ئەمەلدارلىرى قاتارلىقلار بار. ئۇلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، خىزمەت ئورنى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر پولاتتەك غايە-ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق-دادىللىق، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەت، پولاتتەك ئىنتىزام-ئىستىل بىلەن، قەتئىي تۈردە سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسسىق قېنى، قان-تەرى، ھەتتا ھاياتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئومۇمىي تەلىپىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا سىنلىق كۆرسىتىش، شەخسلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە خىزمەت، تۇرمۇش تەسىراتلىرى بايان قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

شىنجاڭدىن ئىككى خەلق ساقچىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى تاۋ يۇڭشېڭ «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ باھالاندى، بالباغاي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خېدۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى قۇۋانىش پولات ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.