جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتى نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

2021-01-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتى نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلام خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىنى قوغدايدىغان تەشكىلىي تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار سايلىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام» ئومۇمىي پىرىنسىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، سايلامنىڭ يولغا قويۇلۇشى، تەستىقلاشقا يوللاش، ئىنتىزام ۋە نازارەتچىلىك، قوشۇمچە پىرىنسىپتىن ئىبارەت جەمئىي سەككىز باب، 49 ماددىدىن تەركىب تاپقان.